 |
 |
 |
 |
ئەرلەرگە كەڭ قورساق بولۇڭ
ئابلىز ئوسمان يەركەندى
(ئاپتور: يەكەن ناھىيىلىك 5–ئوتتۇرا مەكتەپتە)
[align=justify] كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەپۇچانلىقىغا تولىمۇ موھتاج. ئەرلەرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئاياللارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن كەڭ قورساق بولماسلىقىدۇر. ئالايلۇق، ئانىسىنىڭ توختىماي كوتۇلداشلىرى، خوتۇنىنىڭ ھەممە ئىشتا كۆزىگە كىرىۋېلىشى، قىز پەرزەنتلىرىنىڭ نارازىلىقى، يۈرۈۋاتقان قىزىنىڭ ئىشەنمەسلىكى، ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ قۇسۇر ئىزدىشى...قاتارلىقلار.ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.ئەرلەر بۇنىڭغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.
ئەرلەر سۆزلەۋاتقاندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنىڭ ئۆزى بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر. ئەرلەر ئاياللارغا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتقان ياكى ئاياللار ئالدىدا ماختىنىۋاتقان چاغلاردا، ئاياللار مەنسىتمىسە ياكى سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىمىسا، ئەرلەرنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
ئەرلەرنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان ئەھمىيەتسىز ئۇششاق ئىشلار بىلەن بەنت بولۇشىغا يول قويۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر. مەسىلەن، ئۇنى–بۇنى چۇۋۇپ قۇراشتۇرۇش بىلەن تەكرار مەشغۇل بولۇش، كېچىچە كومپىيۇتېردا ئويۇن ئويناپ چىقىش قاتارلىقلار. ئەرلەر بەزىدە مۇشۇنداق ئۇششاق–چۈششەك ئىشلار ئارقىلىق روھىي تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ. شۇڭا يول قويۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۆيۈمچانلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئەرلەرگە دوست–بۇرادەرلىرى بىلەن جەم بولۇپ كۆڭۈل ئېچىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر. نۇرغۇن ئەرلەر بەزىدە كۆڭلى تارتقان ئەل–ئاغىنىلىرى بىلەن سورۇن تۈزۈپ، ئېچىلىپ–يېيىلىپ مۇڭدىشىپ، كۆڭلىنى كۆتىرىپ كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەك چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئەرلەرنىڭ بۇ خىل ئارزۇسىنى ئانچە–مۇنچە چۈشىنىپ قويۇشمۇ كەڭ قورساقلىقتۇر.
ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىغا يول قويۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر.ئەرلەر يات جىنىسلىقلاردىن گۈزەللىك ئىزدەش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشتىن ئىبارەت تەبىئىي خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئاياللار بىلەن بولغان نورمال ئالاقە مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئارقىلىق پسىخىك تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ.
ئەرلەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇلارغا تەسەللى ۋە مەدەت بېرىشنىڭ ئۆزى بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەرلەر گاھىدا بىر قاتار مەغلۇبىيەت، ئوڭۇشسىزلىق ياكى زەربىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق تۈردىكى كەڭ قورساقلىقى ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەسەللى ۋە مەدەت بولالايدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەرلەر ئاياللارنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. نورمال ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇشىغا ھەر ۋاقىت ئېھتىياجلىق بولىدۇ، چۈنكى بۇ بىر خىل ئەڭ ئەمەلىي ئېھتىياجدۇر.
شۇڭا ئەرلەرگە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۇنتۇماڭ!
|
 |
 |
 |
 |
|