پىچىر-پىچىر
نەسىرلەر
تۇرسۇنئاي سۇلتان
بەزى-بەزىدە مۇشۇنداق پىچىرلاپ سالىمەن ئۆز-ئۆزۈمگە،تاما-تاما كۆل بولار دەپ پىچىرلىغانلىرىم يىغىلىپ قاپتۇ. يوللاپ قويسام باشقىلارنىڭ پىكىر ۋە پىچىرلاشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يېڭى دولقۇن ياساپ قالسائەجەپ ئەمەس
1
بوۋاقنىڭ كۆزلىرىدىكى بىغۇبارلىق نۇمۇسچان ئىككى غۇنچىنىڭ كېلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئۈپۈشىدىنكەلگەن،بىز بوۋاق كۆزىدىكى بىغۇبار نۇر بولالارمىزمۇ ياكى بوۋاق كۆزىگە نۇر بەرگەنغۇنچە بولالارمىزمۇ؟
مەن دېڭىزنى كۆرمىگەن بىراقدېڭىزنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنلىرىنىڭ خەندانلىرىنى ئاڭلىغان يۈرىكىمدە، قۇمساڭغۇساھىللارنى كۆرمىگەن،بىراق كۈمۈش رەڭ تەبەسسۇملارغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلىمەن.
ئاھ بالىلار بىپايان دۇنياغا تەۋە بولغىنىدا،شاماللار يولسىز ئاسمانلاردا ئۇچقىنىدا،كېمىلەر سۇ ئۈستىدەئوينىغىنىدا ھاياتلىقنىڭ بەك رەڭدار،ئۆزگىچە گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپقىيالمايمەن يەنە بىر ياش چوڭ بولۇپ كېتىشلىرىمگە...
كېلىڭلار،بىپايان دۇنيانىڭمەلىكە-شاھزادىلىرى، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشايلى،شۇندىلا ئۆكۈنمەيمىزئىھتىمال سانسىز يېڭى يىللار بىزنى قۇچاقلىيالمىسىمۇ...
2
مۇھەببەت-سەن بىر نۇرسەن،سەنشاۋقۇنلۇق دېڭىزنىڭ تەكتىدىكى ھىسسىياتلىق قايناملار تەرىپىدىن سۈزۈپ ئېلىنىپئايرىۋىلىنغان بىر قەترە نۇرسەن.
سۆيگۈ تارىمدىن ياڭرىغان ئاشۇ سېغىنىشھىسلىرىمنى شۇ تاپتا يىگانە گۇگۇم قاراڭغۇسىدا تۇرغان قەلبىمدىن ئۆزگە سەن ھىسقىلالامتىڭ؟
قىيالماسلىقلىرىم ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئەمەسمىتتى؟ سېنىئەبەدىي يوقىتىپ قويغىنىمدا ئاندىن ساڭا ئېرىشىپ قالدىم سەۋدالىق ھىسلىرىمنىڭتۇيغۇلاردا سېنى چىڭ قۇچاقلاشلىرى ئىچىدىن سېنى سۇغۇرۇپ ئالالماي قىينالدىم.بىراقتۇيغۇ ئىچىدىكى سەن مېنىڭ ئىدىڭ ئەبىدىي شۇ يەردە ياشايىتتىڭ شۇ قەدەر خىرامان شۇقەدەر سەگەك.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" _9 W# r& M% K; |6 u
مۇزدەك تەكەببۇرلۇقلار ئارىسىغا مېنى ئەمەس مۇھەببىتىمنىكۆمۈوپ قويساڭچۇ بۇنچە تىترىمەس ئىدىم سېنى كۆرگەندە..
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: B) r n& i7 {8 f+ C1 K قايتىش دەريالىرىغا چۆمۈلگەن ناتىۋان نىمجان بېلىقنىڭئاھى بارچە ناخشىلاردىن كۈچلۈك ئېيتىلىۋاتاتتى.بىراق سەن ئاڭلىمايلا ئۇخلاپ قالدىڭئەزىزىم.
مېنىڭ مۇلايىملىق بىلەن ئايلىنىۋاتقانقەسرىمدە قالغان ئىزلار شۇنچىلىك قەبىھ ئىكەنكى ئۇ ئۈستىگە بىر قەۋەت نېپىز قىرۇچۈشۈشنى ئەسلا خالىمايدۇ ھەم چۈشكۈزمەيدۇ.
گۈل بەرگىدىكى شەبنەمنى سۆيۈپقويۇڭلار دىمەيمەن ئەسلا،ئاشىقمەن شۇ قەدەر سەۋدا،قاراڭ چىراق نۇرىدا شۇنچىلىكنازۇك ئۇ شەبنەم،گۈلنىڭ تىترەڭگۈ ياپراقلىرىدا يالتىراۋاتىدۇ.
3
كىم مېنى چاقىرىۋاتقان سۈزۈك شىلدىرلاشلاردا ،
كىم مېنى چاقىرىۋاتقان كۆيۈۋاتقان گۈلخانلاردا.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! L' i( P. G1 d) E. Lكىم مېنى چاقىرىۋاتقان پايانسىز ئۇپۇقتىكى شەپەقلەردە،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ [' a# m; ~4 l& [ئەي جېنىمنىڭ ئۈستىدە قىلىچ ئويناتقۇچى،كىملىكىڭنى ئاشكارەقىل كۆزلىرىم يۇمۇلماستا!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- O( a3 F9 o" q n5 u! Q
تەلەپكار بىلەكلىرىم بىلەن جىسمىڭنى تۇتۇپقالالىشىم مۇمكىن بىراق روھىڭنىچۇ؟كۆزلىرىڭدىكى .ئۆچمەس ئوتلارنى يېلىنجاتمائاشىق، سېنى قويۇپ بەردىم، يولۇڭغا راۋان بول،نىقابىڭنى يىرتىپ تاشلىۋەتكىنىمدىنئەپسۇسلانما،روھىڭدىكى سۆيگۈڭنى رومال قىلىپ ئارتىۋىلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا يېلىنىمەن.
ئېيتىۋاتقىنىمنىڭ قانداق ناخشائىكەنلىكىنى بىلمەيمەن،بەلكى سەنمۇ بىلمەيسەن. بىراق بىلىدۇ سېنىڭ لەۋلىرىڭدىكىيۇشۇرۇن كۈلكە،ساڭا كۈلكەمنى بېرىۋىتىپ ئۆمۈر بويى كۈلەلمەسلىكنىڭ لەززىتىنىسۈرۈۋاتىمەن شۇ تاپ.
سەھەر،بەرگىدىكى شەبنەم مۇز بولۇپقاتىدىغان ۋاقىتتا مەن ئۇيقىدىن ئۇيغانغىنىمچە سۈرەن سالدىم، ئەي قاراقچى،بىئاۋازكۈيلىرىمنى قايتۇرۇپ بەر!
4
قارلار مۇنداق دەپ ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ،بىزئاپئاق،بىز پاك،بىزنى دەسسىمە ئەي ناپاك،ياخشىلار قۇرۇق ياشاپلا ئۆتمە ،بولغىنيامانلارغا نۇر-ماياك. ئاڭلاپ بېقىڭچۇ،ئۇلارنىڭ ناخشىسى يېقىملىقمىكەن؟
مەڭگۈلۈك سۆيۈش كىچىك بولمىغىنىدا ئىدىھەقىقىي مۇھەببەت ئىگىسىنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ تاشلىۋەتكەن بولاتتى.كۈز كۈنىدىكىناخشىسى يوق سارغايغان ياپراقلارنىڭ بېتىدىن بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋالدىم.
ناۋادا باغرىم بىپايان چەكسىز قۇملۇقتەكقاغجىراپ تۇرسا ئېيتە ئامرىقىم سەن يېشىل چۆپ بولۇپ ئۈنەلەمتىڭ؟ھىس قىلغىنيۈرىكىمدىكى ساڭا ئوزۇق قانلارنىڭ ئاستا-ئاستا مىھىرسىزلىكنىڭ باياۋىنىدا قۇرۇپكېتىۋاتقانلىقىنى،قورقۇۋاتىمەن،ناۋادا باغرىم قاغجىراق قۇملۇق بولۇپ قالسا،ئاھ....
ئىنتىلىشنىڭ خىيالىي مەنزىرىسى ئىچىدەتۇمانلارغا ئورالغان سەن يېنىككىدە جىلمىيىپ تۇراتتىڭ، ئەي جېنىمنىڭ جاپاسىزالىم،دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى ئادەمدەك ھامان بىر كۈنى يېنىككىدە قەدەملەردەكېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغىن!
ھەممىسى مېنىڭ كىملىكىمنى سورىشىۋاتىدۇ ،مەنئاستا جاۋاب بەردىم «مەن پەقەت بىر گۈل» گۈل-ئىكەنلىكىمنى بىلىش مېنىمەغرۇرلاندۇردى .بىراق خۇشپۇراق چېچىش-چاچالماسلىقىمنى بىلمەسلىك مېنىڭ بېشىمنىئاستا ئەگدۈردى.
5
يۈرىكىمنىڭ ھايالىق بېغىنىڭ ئەزىزمىھمىنى سېنى قاچان يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىم ئېسىمدە يوق ئەمما سېنىڭ قاچان كۆڭۈلئوردامغا سۇلتان بولۇپ كىرگىنىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.ئالدىڭغا كۈلۈپچىققىنى چېچىنى ئىككى بۇغۇۋىلىپ يەر ئاستىدىن ساڭا ئوغۇرلۇقچە قاراپ كۆز نۇرئوقۇڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچقان سەبىي قىز ئىدى،ئىلتىجالىقتەلمۈرۈشلىرىڭنى يۈرىكىگە مەھكەم سولىۋالغان شۇ قىز سەبىلىكىدىن ئايرىلىپ باغرىڭتامان يول ئالغاندا سېنى يۈتتۈرۈپ قويدى.بىراق قاچان يۈتتۈردى بىلمەيدۇ،ئۇنىڭئەسلىمىسىدە پەقەت ئاشۇ تۇنجى ئۇچراشقاندىكى لەزىز تۇيغۇلار قېتىپ قالغان ئىدى.
6
تىترەڭگۈ سىۋەتلەرگە لىققىدەسېلىۋالغان گۈللەرنىڭ ئازابى يوقمىدۇ دەيمەن.يىللارنىڭ توزانىغا ئاسقانگۈلچەمبىرىكىمنى ئىزدەپلا يۈرۈۋاتىمەن.ئەي جېنىمنىڭ جانانى سەن شۇنى بولسىمۇتاپساڭچۇ!
ئۇيقىسىز جىمجىتلىقىمغا سېنى مەھكەمسولىۋالغىنىمنىڭ نىمە پايدىسى ئەي قاراقچى، قېنى قىلىچىڭ،مېنى چاپ ياكى بۇئۇيقىسىز تۈنلەرنى بېشىدىن جۇدا قىل ئۇنىڭدىن چاچرىغان قىزىللىق ئىچىدە كۆزلىرىمگەيۇشۇرۇنغان مۇھەببەتنى تەنتەنە قىلىپ چاقنىتاي!
ياز بۇلۇتلىرى سېخىلىق بىلەن ئۆزىدە تۇرۇپقالغان تامچىلىرىنى بەرگىلىرىمگە شەبنەم قىلىپ قوندۇرغان ئاشۇ پەيت سەن مېنىڭگۈزەللىكىمگە ھەسەت قىلىپ مېنى تاشلاپ كەتكەن ئىكەنسەن.
قەلبىم تەنھا قىيىق، ساھىلدىكىئوينىغان ئۇسۇلىنى بىر كۆرسەڭ ئىدى قول قوياتتىڭ دېڭىزنىڭ نىمىشقا شۇنچەتىنىچ،دەريانىڭ نىمىشقا شۇنچە ھۇۋلاپ شاۋقۇن كۆتۈرىدىغانلىقىغا.
مېنى ئارامىمدا قوي،ئارامىمدا قوي دەيمەنيۇبىر مىنۇتمۇ خىيالىمدىن كۆتۈرۈلىشىڭگە رۇخسەت قىلالمايمەن
7
ئۆزۈمنىڭ كۆلەڭگىلىرى يوللىرىمنىتوسۇپتۇ سېنىڭ ئەمەس،نۇرسىز قايغۇلىرىمنىڭ رەڭگىدە شېئىر يېزىۋاتقان ۋاقتىمداقىپ-قىزىل سىياھلارنى شۈمەۋاتقان ئازابلىرىمنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالىسەنچوقۇم،بىراق شۇ چوقۇملارنىڭ قوينىدا تۇرۇپ جان بېرىۋاتقىنىمدا كەلمە زىنھار، ساڭاتاتارغان چىرايىمنىڭ ئاخىرقى تەلمۈرۈشلىرىنى يادنامە قىلغۇم يوق!
چۈش ئۆڭكۈرلىرىدىكى ئاشۇ خۇشاللىقلار ئۈچۈنبىر ئۆمۈر ئۇيغانماسلىقنى ئارمان قىلاتتىم،بىراق،مۇھەببەت گۈللىرىمدىكى شەبنەملەرمېنى تىنماي سۆيۈپ ئاخىرى مېنى ئۇيغاتتى،دىمەك مېنى بۇ ئالەمدە زار،ئۈزۈلمەسشاتلىقلارغا خار قىلدى.ئاھ،ئۇلۇغ رەببىم مېنى ئەقىدىگە يار قىلدى،دىمەك مەنبەخىتلىكمەن.سۆيۈشنى بىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بەخىت شۇنداق ئەمەسمۇ؟
8
مۇھەببەتكە نائىل بولالمىغانئىنتىزارلىقنى ئازاب دىمە سۆيۈملۈكۈم،ئۇ ئىنتىزارلىق بەك شېرىنغۇ...
توپا ئۆرلىگەن چىغىر يوللارنىمىسكىن دىمە ئامرىقىم،ئۇنىڭ يۈرىكىدە تىنماي مېڭىۋاتقان جۇپ قەدەم ئىزى بار،شۇنداقيولدا تىنماي شۇ ئاۋازنى ئاڭلاش بەك تاتلىققۇ...
تەشنالىقنىڭ رەسىملىرى ئۇپۇقتا ئېسىلىپتۇرۇپتۇ، قوياشنىڭ ئاخىرقى نۇرىدا ئۇ قىپ-قىزىل تاۋلىنىپ كۆزلەرنى قاماشتۇردىقارىغىنا،ئۇ بەك گۈزەلغۇ...
خىيالچان كۆزلىرىمدە ئۇزاپ كەتكەنئاشۇ سىمانى مەڭگۈلۈك قارچۇقلىرىمغا سولىۋالغان مەن زىمىننىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپئارماننىڭ باغرىدا ئېرىپ سېغىنىشنىڭ رومالىغا ئورۇنۇپ ئولتۇرۇپ شۇلارنى خىيالقىلغىنىمدا ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھىس قىلغان ئىدىم.
9
تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى، تۈنۈگۈنيىغلاپ قالدى،بۈگۈننى يىغلاتمايلى،ئۇلۇغ رەببىم ئاتا قىلغان كۈنلەرنى يىغلىتىشقانىمە ھەققىمىز بار؟
باھار كەلدى،ئۇيغان قەلبىم خۇددىغەپلەت ئۇيقۇسى ئېچىلىۋاتقان چېچەكلەر كەبى،جىمجىتلىققا يەم بولما ھاياتىم،ھەتتائۆز ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالمايدىغان زۇلمەتلەر قوينىدا قېلىش بەك خەتەرلىك،مېڭىۋاتقانيوللىرىمنى يورۇتۇۋاتقان ئازابلارغا رەھمەت ئېيتقىن يۈرىكىم،كۆزلىرىمگە تارتقانتورلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن سېنىڭ سادايىڭنىڭ ھىممىتىدە بوشىنالىدىم.
10
ھاياتىمنى نىمىشقا بەربات بولدىدىگۈدەكمەن،كۆك قايغۇ بۇلۇتلىرى بىلەن ئورالغان، چاقماق بۇلۇتلارنىڭ پەردىلىرىدىنبوسۇپ ئۆتۈپ زىمىنغا ئالايغان بولسىمۇ بىراق مەن ئاشۇ يەردە تۇرۇۋەردىم. چۈنكىيۈرىكىمدە، قەلبىمدە چەكسىز ئەقىدە ۋە مۇھەببەت پۈتۈكلىرى ياسىغان سېپىلدىن ھالقىپئۆتۈپ كەتكۈدەك جاسارەتنىڭ بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن تۇيغان ئىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەنزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-26 03:34 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 G. t- } g* n; `' d( }' x
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& c0 t/ X* m0 W' f* |6 x6 Z