كەتسەڭ
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
ساراڭغا ئايلىنىپ قالىمەن بەلكىم،
تۇيۇقسىز ئايرىلىپ تاشلاپلا كەتسەڭ.
پەرىشان مادارسىز بولىمەن قاخشال،
رەت قىلىپ كۆزۈمنى ياشلاپلا كەتسەڭ.
يۈرۈگۈڭ مىنىمۇ ئەسلەرمۇ شۇ چاغ،
بىلەلمەي ئىزىمدىن ئاتلاپلا كەتسەڭ.
باشقىسى مېنىڭدەك سۆيەرمۇ دىلدىن،
مىنىڭدىن تىنىپلا ياتلاپلا كەتسەڭ.
چىدىدىم، كەچۈردۈم ھەتتا كەچمىدىم،
ئورۇنسىز چېچىلىپ باتناپلا كەتسەڭ.
قەدرىمنى بىلمىدىڭ ئۇۋالىم ساڭا،
رەقىبكە سىر بىرىپ دادلاپلا كەتسەڭ.
2015-2-14 «قۇملۇق»
ئىغۋاچى
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
كىمكى يوللاپ تاراتسا ئۇچۇر،
پەتىۋالاپ تاپىسەن قۇسۇر.
بىرنى ئاقچى،بىرنى ساقچى دەپ،
ساق ئادەمنى قىلىسەن توكور.
بولمىسىمۇ نۇقسان ئۇچۇردا،
«پەش»تىن ئەيىب تاپىسەن قۇردا.
دەرس سۆزلەپ بولىسەن دانىش.
كەڭ سازايى قىلىسەن توردا.
قوللىمايسەن ئىغۋا تاپىسەن،
ھەق سۆزگىمۇ تۇۋاق ياپىسەن.
دوپپا ئەكەل دىسە «ئاھ خۇدا»،
كاللىسىغا پالتا چاپىسەن.
بالا-قازا، تۈلكىدۇر تىلىڭ،
قارا نىيەت، ئاقارماس دىلىڭ.
ئۆزۈڭنى بىل ئەينەككە قارا،
پەقەت ئادەم سىياقى تىنىڭ.
2015-2-14
ھېجران
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
تاپالمىدىم سۆيگۈ تەسەللى،
ئوتلۇرۇڭدا ھالىم بەك خاراب.
كۈتىۋەردىم كەلمىدىڭ جانان،
چىرمىۋالدى ھىجرانى ئازاب.
ئۆتتى كۈنۈم غەمكىن پەرىشان،
تەلمۈرۈشتە يولۇڭغا قاراپ.
سېغىنىشتا ئەسلىدىم سىنى،
شاماللاردىن ھىدىڭنى پۇراپ.
كۆرۈنمەستىن قىينىدىڭ جاننى،
جامالىڭنى مىنىڭدىن ئاياپ.
جاۋابسىزلا قالدىم كېچىدە،
ئەھۋالىڭنى يۇلتۇزدىن سوراپ.
2015-2-15
ھەسرىتېم
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
ئەتراپىدىن ئەگپ كىتەلمەي ،
ياكى سۆيگۈ ئىزھار ئىتەلمەي.
كۈنۈم ئۆتەر يۈرۈگۈم كۆيۈك،
ۋىسالىغا ھىچبىر يىتەلمەي.
كۆرگىنىمدە بولالماي ئەركىن،
ماڭالمايمەن ئالدىدىن تەمكىن.
كەتسە يەنە كىلەرمىكىن دەپ،
تەلمۈرۈشتە كۈتەرمەن غەمكىن.
ئۇدۇللاشسام قىزىرىپ يۈزۈم،
قارىيالماي تېكىلىپ كۆزۈم.
تىلىم يوقتەك بولۇرمەن گاچا،
سالامغىمۇ چىقمايدۇ سۆزۈم.
كۈندۈز ئۇزۇن قوياشمۇ پاتماي،
كېچە زۇلمەت تاڭلارمۇ ئاتماي.
تولغېنارمەن كۆزلىرىم ئوچۇق،
ھەسرەتلىرىم ئىچىمگە پاتماي.
2015-2-15
تاڭ ئاتقان كىچە
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
مۇڭدىشىپ بىر كېچە تاڭلارمۇ ئاتقان.
نۇرانە كۆزۈڭدىن ئۇيقۇلار قاچقان.
ياندىشىپ ئولتۇرۇپ سۈركەلسە بىلەك.
يۈرەكتىن مۇھەببەت تۇيغۇلار چاچقان.
كۆل يۈزى لەيلىگەن ئاينىڭ شولىسى.
دولقۇنى شامالدا يەڭگىل شىرىلداپ.
موڭلۇنۇپ سۈكۈتتە غەمكىن خىيالنى،
بۇزاتتى چىكەتكە ئەنسىز چىرىلداپ.
چىللىسا خورازلار دىدىڭ پىچىرلاپ،
«ئۇخلىما،تاڭ ئاتتى،بولدى ئەسنىمە».
ئارىدىن تالاي يىل ئۆتتى ئىسىمدە،
شۇ كېچە قەلبىمدە بولدى ئەسلىمە.
2015-2-15
ئوغلۇمغا
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
بىلسەڭ ئوغلۇم ھاياتمسەن كۆزلىرىمنىڭ قارىسى،
بەختىممۇ سەن، تەختىممۇ سەن يۈرۈگۈمنىڭ پارىسى.
ياشا ۋىجدان،غۇرۇرىڭنى، ئەخلاقىڭنى بۇلغىماي،
زوقى كىلىپ ئەلنىڭ ساڭا چىكىلسۇن دىلتارىسى.
ئۆرلە داۋان داغدام راۋان دۇئا قىلاي بول ئامان.
چۆلنى بوستان ئەيلىگەيسەن چۈشسۇن ئەلگە سايىسى.
ئايرىلمىغىن جامائەتتىن ئالغىن قەدەم ئەل ئۈچۈن،
بولما نامەرت،نائەھلىدىن تۇتمىسۇن ئەل نالىسى.
دىلىڭ يۇمشاق بولسۇن بەخت ئىنساۋىڭنى تىلەيمەن.
مېھرىڭنى بەر يېتىملارنىڭ پەسەيسۇن ئاھ زارىسى.
ۋەتەن ئۈچۈن خەلق ئۈچۈن بارلىقىڭنى بېغىشلا،
بولغىن ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك ئەجدادلارنىڭ ۋارىسى.
2015-2-17
ئۇيقۇسىز كېچە
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
تۈن نىسبىدىن ئاشتى شۇ تاپتا،
ئۆرېلىمەن ئۇياق-بۇ ياققا.
ئاخىرى يوق خىيال ئىلكىدە،
قاچتى ئۇيقۇم ئاللا- قاياققا.
يىغالمىدى خىياللىرىمنى،
كەتتى ئۇزاپ يىراق-يىراققا.
تولغىنىمەن ياستۇق قۇچاغلاپ.
قالدىممىكىن ئىشقى پىراققا.
مەجنۇن كەبى يۈرۈگۈم پەۋەس،
كۆيدۈم گۈزەل،سەبى،ئوماققا.
ئۇخلاتمىغان مەشۇقۇم بەلكىم.
شىرىن چۈشلەر كۆردى بۇ چاققا.
2015-2-18
ئۈمۈد كۈتەلمەي
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر »قۇملۇق»
ئەسىر بولدۇم خىيال قوينىغا،
ئۇنتۇلساممۇ ئۇنتۇپ كىتەلمەي.
شور پېشانەم قالدىم پىراقتا.
يار ۋەسلىگە قانماي يىتەلمەي.
كۈنۈم ئۆتتى ئاچچىق ئازابتا،
يا ئالدىدىن خۇشخۇي ئۆتەلمەي.
يۈرۈكۈمگە پاتمىدى ھەسرەت،
دەرتمىنىم يوق ھالىم تۆكەلمەي.
دوقۇرۇشتۇم قەستەنلىكىمدە،
نىمىشقىدۇر كۆزدىن يۈتەلمەي
تەشۋىش بىلەن يۈرۈگۈم پارە.
مۇھەببەتتىن ئۈمۈد كۈتەلمەي.
2015-2-18
نىگارىمغا
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
ئوخشۇتارمەن كۆكتىكى ئايغا،
نورلۇق گۈزەل رۇخسارىڭىزنى.
چىدىماسمەن كۆرمىسەم كۈندە،
ئوماق،تاتلىق، دىدارىڭىزنى.
ناخشام بىلەن ئىزھار قىلارمەن،
چېكىپ سۆيگۈ دىلتارىڭىزنى.
چۈشىڭىزگە كىرەرمەن بەلكىم،
ئاستا چىكىپ دىلخانىڭىزنى.
مۇڭدىشارمەن تاڭلار ئاتقۇچە،
ئاڭلاپ قانماي موڭزارىڭىزنى.
مۇھەببەتكە باشلاپ ماڭارمەن،
سەيلە قىلىپ گۈلزارىڭىزنى.
ئەسلەپ تۇرۇڭ دىلدارىڭىزنى،
مەندەك ئاشىق بىر يارىڭىزنى.
2015-2-19
«قۇملۇق»
ئەسلىمە
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
بىز كۆرۈشكەن كەچكى شەپەقتە،
ئوخشىتاتتىم ھۆسنۈڭنى ئايغا.
دەرەخلەرگە ئىسمىڭنى ئويۇپ ،
يۈرەك، خەنجەر، سىزاتتىم لايغا.
شىلدىر ئاققان ئېرىق بويىدا،
گېتتار چىلىپ مۇڭلارغا چۆككەن.
كۆيلىرىمگە ئىسمىڭنى قىتىپ،
ئىزھارىمنى قەلبىڭگە تۆككەن.
بۆسۈپ كىرىپ يۈرەك قىتڭغا
ھاياجاندا ئېرىگەن تىنىم.
بىھوش بولۇپ تىنىقلىرىڭدىن،
شىرىن،تاتلىق سۆيۈلگەن لىۋىم.
…2015-2-18
ھېجران
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
سىرغىماقتا كىرپىكىم ئارا.
ھېجران يىشى ئاقار تامچىلاپ.
ئاغرىق يامان كۆكسۈمنىڭ سولى،
سېغىنىشىم تۇرار قامچىلاپ.
بىر ئەر ئىدىم يۈردۈم ئۆزۈمنى،
ۋىسال كۆرمەي مېڭغا پارچىلاپ.
يار كەلمىدى كۆيۈك ئىشقىدا،
ئاھ! كىتەرمۇ يۈرەك پارتىلاپ.
قانار ئىدىم ئۈشبۇ دەقىقە،
ئولتۇرۇۋالسام يارغا يانچىلاپ.
ئەپسۇس ھىجران قەلبىمدە پاتمان،
توشوپ تاشتى تامچە-تامچىلاپ.
2015-2-20
مەڭگۈلۈك ئاشىق
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
كۆيۈك بار ئىچىمدە ئۆچمەيۋاتىدۇ،
بىرسىدىن باشقىغا كۆچمەيۋاتىدۇ.
ھىجراندا ئاھ! ئۇرۇپ يۈرۈگۈم قىتى،
دەردلەرنى تولدۇرۇپ تۆكمەيۋاتىدۇ.
يازىمەن توختىماي مەجنۇندىن ئۆتە،
مۇھەببەت قامۇسى پۈتمەيۋاتىدۇ.
كۈندىمۇ،تۈندىمۇ خىيالىم شۇندا.
كۆزۈمدىن سىياقى يۈتمەيۋاتىدۇ.
باراتتىم كەل دىسە تاشلىدى لېكىن،
ئۇنۇتتى يولۇمدا كۈتمەيۋاتىدۇ.
بوپتىمەن كىچەلمەس مەڭگۈلۈك ئاشىق،
كۈنلىرىم ئازاپتا، ئۆتمەيۋاتىدۇ.
2015-2-21
پۇشايمان
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
قۇچاقتىن چۈشمىگەن بوۋاق چىغىمدا،
باقسىمۇ ھاپاشلاپ ئانام پەپىلەپ.
كىچىسى ئويغۇتۇپ سەۋەپسىز يىغلاپ،
يېتىلدىم مېھرىدە غەمسىز ئەركىلەپ.
ياشلىقىم شاشلىقىم نەسىھەت بىكار،
ئوينۇدۇم تالادىن كىرمەي ھەپتىلەپ.
دەردىمدە يىقىلدى سەكراتتا ئانام،
ئاھ! توۋا، كېچىكتىم ، يۈردۈم تەمتىرەپ.
جان ئۈزۈپ توختىغان ئاخىرقى نەپەس،
پۇشايمان ،ئاھ! لىرىم ئاشتى ھەسسىلەپ.
ۋاي ئىسىت ،بولسىچۇ ھەركۈنى ئانام،
باراتتىم ئالدىغا گۈللەر دەستىلەپ.
2015-2-21