مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 646|ئىنكاس: 2

توردا ئالتۇن سودىسى قىلىش توغىرسىدا 16 - 2 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 07:04:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالتۇن باھاسىنىڭ 5 يىلدىكى تۆۋەن نۇقتىنى يارىتىشقا ئۈمۈد بار


u=778888502,3644774507&fm=11&gp=0.jpg


       يەكشەنبە (2- ئاينىڭ 15- كۈنى) FXStreet ئانالىزچىسى Boby Michael نىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئۈچ ھەپتە دوللارنىڭ ئاجىز بولىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولالمىغان، ئەكسىچە ئۇدا چۈشۈشنى كۆرسەتكەن. ھەپتىلىك ئانالىز رەسىمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى 2013- يىلى 8- ئايدىن بۇيانقى چۈشۈش يۆلىنىشىدىكى سىزىقنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان ، بۇ كەلگۈسىدە يەنە چۈشۈش مەلۇم چۈشۈش بوشلۇقىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئېھتىمال مۇشۇ يۆلىنىشتىكى بۆسۈش نۇقتىسىغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئالتۇن باھاسى ئاۋۋال چۈشۈپ 1130 دوللانى بۆسۈپ ئۆتۈشى مۇمكىن ھەم 5 يىلدىكى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى يارىتىشى مۇمكىن.
  مەبلەغ سالغۇچىلار قىسقا مەزگىللىك تىرەش نۇقتىسى 1200 دوللارغا دىققەت قىلسا بولىدۇ.





ئالتۇن سودا تەھلىلى 16 - 2


ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1233.09   دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى  1246.04  دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى  1216.81  بازار  بازار يېپىلىش باھاسى   1229.35  دوللا ر  بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى94.17 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1233  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

ئالدىنقى ھەپتە خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 0.34% چۈشكەن ، گەرچە گرىتسىيە دۆلەت قەرزى كېلىشم مەسىلىسى ھەل بولمىغان بولسىمۇ ، بىراق خەۋپتىن ساقلىنىش  كاپىتالنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان تىرەكلىك كۈچى چەكلىك بولغان . بۇ ھەپتە بازارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى FED مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى .  بۈگۈن ئامېرىكا بازىرى دەم ئالىدۇ بازار ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئاز ، شۇڭا بۈگۈنكى بازار تەۋرىنىشى چەكلىك بولىشى مۇمكىن . ياۋروپا  سودا بازىرى ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونى 12 - ئايلىق سودا ھېساباتى ، بۇسانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .  

142945afbi2tri5ri5bfot.png


مەشغۇلات باسقۇچى :

1. ئالدىنقى ھەپتىلىك سىزىق كىچىك مەنفى ھالىتىدە يىپىلدى ، ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدە 1220 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىنى ساقلاپ قالدى ، بۈگۈن مۇھىم چوڭ سانلىق ئۇچۇر يوق ، بۈگۈن ئامىرىكا ، كانادا نىڭ دەم ئىلىش كۈنى شۇڭا بۇ ۋاقىتتىكى سودا بازىرىدا تەۋرىنىش سۇس بۇلىدۇ .


2. يىقىنىقى ئىككى كۈن ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق يۆلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلق كۈن چۈنكى بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە گىرىتسىيە مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ، سودىنى ئاز قىلىپ نەتىجىنى ساقلاش مۇۋاپىق ، ئەگەر نەتىجسى گىرىسىيە گە پايدىلىق بولسا ئالتۇن باھاسى 1260 دوللار ئەتىراپىغا چىقىدۇ ، ئەگەر پايدىسىز بولسا (237) 1200 دوللارغا چۈشىدۇ .
3. بۈگۈن سودا قىلماقچى بولسىڭىز (243.9 ) 1235 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىش ،  (241.97 )1225 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆرلەشكە ئىلىش مۇۋاپىق .


چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1235 1240  
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار     1220 1225  

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1237-1225
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 12125
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1240

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .

ئەسكەرتىش:
نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 243.62 يۈەن ؛
1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.42 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





گرېتسىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى


u=2655993127,2399519632&fm=21&gp=0.jpg


       2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەلقئارا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن ، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ۋە دوللار باھاسىنىڭ ئاجىز بولىشى ھەمدە گرېتسىيە سۆھبىتىنىڭ ئېنىقسزلىق ھالىتىدە تۈرىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان . ئاسىيا بازىرىدا 1227 دوللارنى كۆرسەتكەندىن كېيىن 1230 دوللارنى بۆسۈپ ئۆتكەن ، چۈشلۈك بازاردا 1233 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەنمەكتە .
       سودا قىلغۇچىلار داۋاملىق گرېتسىيە ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىدۇ ، ياۋرو رايونى مالىيە مىنىستېرى  بريۇسسېلدا يىغىن ئۇيۇش تۇرۇپ ، گرېتسىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدىنىدۇ .
      ئاۋسترالىيە يېڭى زېلاندىيە بانكىسى (ANZ) نىڭ تەھلىلچى ئۇستازى Victor Thianpiriya كۆرسەتمە بېرىپ ،  گرېتسىيە سۆھبىتىنىڭ ئەندىشىسى داۋاملىق  خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئالتۇن باھاسىغا تىرەكلىك رول ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى .




پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسى

  

u=365920255,3066756043&fm=11&gp=0.jpg


      2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا، گېرمانىيىنىڭ GDP قىممىتى ياردىمىدە ياۋرو ئازراق يۇقىرى ئۆرلىدى. قىممەت مېتاللار باھاسى ۋە خەلقئارا خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىدى. بۇ سودا كۈندە گرېتسىيە ھەقدارلىق مەسىلىسىنى قايتىدىن سۆھبەتلىشىشكە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى.
     جۈمە كۈنى كەچتىكى ئامېرىكا 2 - ئايلىق مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى مۆلچەردىكىگە يېتەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىگەن، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى ئالتۇن باھاسىغا تىرەش كۈچى بولۇپ، نەق ئالتۇن باھاسى 7.70 دوللار ئۆرلەپ يېپىلىش باھاسى 1229.40 دوللار ئەتىراپىدا بولغان، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 6.40 دوللار ئۆرلەپ يېپىلىش باھاسى 1227.10 دوللار ئەتىراپىدا بولغان؛
    ئامېرىكىنىڭ نېفىت قۇدۇق قىزىش مىقدارىنىڭ ئۇدا تۆۋەنلەپ كېتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراق يېنىك نېفىت ئېكسپورت مىقدارىنى 3 ئاي تۆۋەنلەتكەنلىكى، ھەم دوللارنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن، NYMEX قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.57 دوللار ئۆرلەپ يېپىلىش باھاسى 52.78 دوللار ئەتىراپىدا بولغان.





خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ  ئۇزۇن مۇددەتلىك يۆلىنىشى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن


u=3817670166,4107078950&fm=21&gp=0.jpg


      دۆلىتىمىزنىڭ 2015 - يىلى 1 - ئايلىق ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 3405 مىليون دوللار بولۇپ، پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى 10.9% تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى 1.4% تۆۋەنلىگەن، ئىمپورت قىممىتى 19.9% تۆۋەنلىگەن. ئېكسپورت قىممىتى تۆۋەنلىشىگە قارتا، بولۇپمۇ ئالدىنقى يىلى دوللار يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىدە 2015 - يىلى قىممىتى چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، 2015 - يىلى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ چوڭ دائىرىدە قىممىتى چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن كىچىك دائىرىدە قىممىتى چۈشۈش خەۋپ - خەتىرى بار، بەزى كىشلەر ھەتتا خەلق پۇلنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ 3%`5% ئەتىراپىدا قىممىتى چۈشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن. لېكىن ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، كۆپ ساندىكى كىشلەر خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ دەپ قارىغان.
    2015 - يىلى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولدۇ؟ راستىنلا 3%`5% ئەتىراپىدا قىممىتى چۈشەمدۇ؟  بىز خەلق پۇلنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان سىرتىقى ئامىل بولسا ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە دوللار پېرېۋوت نىسبىتى، ئىچكى ئامىل بولسا جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلە ھالىتى.

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى



( يوللىغۇچى ئۇيغۇر ئالتۇن توردىن رابىگۈل)
ئەگەر توردا ئالتۇن كۈمۈش سودىسى قىلىشقا قىزىقسىڭىز ياكى بۇ سودا تۈرنى چۈشنىپ بىقىشنى خالسىڭىز 4000991014 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزمۇ ياكى مۇشۇ تور بىكەتكە خەت قالدۇرۇسىڭىزمۇ بولدۇ؛


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 07:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1792
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 02:43:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشسە سودا ئىشلىرىغا قانداق تەسىرى بولاركىن ........ بىزگىغۇ پايدىسى خېلى بولىدۇ ...

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 11:56:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئالتۇننىڭ باھاسى ئەمدى كۆپ ئۆرلىمەسلىكى مۇمكىن

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش