مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2589|ئىنكاس: 40

پات-ئارىدا ماي باھاسى ئۆستۈرۈلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112061
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2014-12-25
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 12:34:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەيشەنبە كۈنى (2- ئاينىڭ 10- كۈنى) ياۋروپا بازىرىدا خام نىغىت باھاسى چۈشۈپ، ھەر بىر تۇڭ خام نىغىتنىڭ باھاسى 58 ئامىرىكا دوللىرى بولدى. جوڭگۇ ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارلىنىشىچە: جوڭگۇنىڭ 1- ئايدىكى ئىستىمالچىلارنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى تۆۋەنلەپ، 5 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن. خەلقىئارالىق ئىنىرگىيە مەنبەسى كوممىتىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامىرىكا 2020- يىلدىن بۇرۇن يەنىلا دۇنيا خام نىغىت تەمىنلەشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. يىقىنقى مەزگىللەردە  خام نىغىت باھاسىدا گەرچە كۆپ داۋالغۇچلار بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قىتىم ماي باھاسىنى تەڭشەشنىڭ ئاساسي جەھەتتىن تەشۋىشلەنگۈدەك يىرى يوق.
يىقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئامىرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈشى، نقغىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىكى ھەرخىل سىياسەت تۈزۈملەرنىڭ جىددىي بولۇشى سەۋەبلىك، خەلقئارالىق خام نىغىت باھاسى ئۆسۈشكە باشلىغان. بىراق ئويلىمىغان يەردىن جوڭگۇ CPI سانلىق مەلۇماتىنىڭ ياىشى بولماسلىقى سەۋەبىلىك بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، نىغىت باھاسى يەنە چۈشۈپ كەتتى. OPEC ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارلىنىشىچە: 2015- يىلى خام نىغىت ئھتىياجى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر كۈنىگە 292 مىليۇن تۇڭ توغرا كىلىدىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4 مىليۇن 300 مىڭى ئاشقان.
خەلقئارا ئىنىرگىيە مەنبەسى كوممىتىنىڭ (IEA) سەيشەنبە كۈنى ئىلان قىلغان دوكىلاتىدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بۇ يىل OPEC نىغىتىنىڭ بىر كۈنلۈك ئىھتىياجى 294 مىليۇن تۇڭغا توغرىلىشىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قىتىم ھەر توننا ماينىڭ باھاسى 280-290 يۈەن ئۆسىدىكەن. مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا ھەر بىر لېتىر 90- نۇمۇرلۇق بىنزىننىڭ باھاسى 0.21 يۈەن، 93- نۇمۇرلۇق بىنزىننىڭ باھاسى 0.22 يۈەن، 0- نۇمۇرلۇق دىزىل مىيىنىڭ باھاسى 0.25 يۈەن ئۆسىدىكەن.


مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى  http://www.xjabs.com/show/?id=2493

توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغاقىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن   ئالاقىلىشىڭ .

( تەرجىمىدەدىلنۇر )


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 01:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىش ھەققى  ئۆسسىچۇ   
مۇئاش ئۆسمەي   ئىستىمال  باھاسى ئۆسۈپ  كىتۋاتدۇ  دىسە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sehi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 01:11 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6996
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1217 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 01:22:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sehi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 01:10 PM
ئىش ھەققى  ئۆسسىچۇ   
مۇئاش ئۆسمەي   ئىستىمال  باھاسى ئۆس ...

خۇڭگۇدىكى پۇل پاخاللىقى بىرىنچى ئايدا ئەڭ تۆۋەن سەۋەيەگە يەتكەن دىگەننى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟
مائاشنى ئاشۇرسا يەنە پۇل پاخاللىقى يۈز بىرىدۇ ،
ھىلىمۇ جۇڭگۇدا 1990 - يىلدىن باشلاپ مائاش قۇشۇش ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن مال باھاسى ئۆرلەش ، قاتارلىق پاسسىپ ئەھۋال كۆرۈلۈپ 2012- يىلى پۇل پاخاللىش ئەڭ ئىغىر بولدى .
2013--2014- يىللىرى بارلىق تاۋار باھاسى خەلقئارالىق چۈشۈپ بۇ يىل پۇل قىممىتى بىر ئاز تۇراقلاشقان ھالەتكە كەلدى . مۇنداق ئەھۋالدا مائاشنى تەڭشەپ چۈشۈرۈش كىرەككى ئاشۇرسا يەنىلا پۇل قىممىتى پاخاللىققا يۇل ئاچىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 01:30:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل پاخاللىقى يۈز بەرمىسۇن ،بەرسە ئىغىرراق بەر يۈزبەرسىمىكى دەپ قالدىم ئۆزەمچە ،ل

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11641
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 700 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 02:35:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ماي باھاسى ئۆسسە روسسىيە ئىقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، مائاشنى چۈشۈرۋەتسە چۈشۈرسۇنكى ھەرگىز ئۆستۈرمىسۇن. نەگە خەجلەيدۇ شۇنچە جىق پۇلنى، مائاشىمىز تۆۋەن دەيدۇ، قارىسىدا خىزمەتچىلەرنىڭ قوڭىدا بىردىن ماشىنا. مائاش جىق بولسا بۇزۇپ چاچىدىغان ئىش جىق بولىدۇ شۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 02:40:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل پاخاللىقى بولسا خەلىققە تىڭىلغان بىر ئۇقۇم.ئەمىلىيەتتە ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا روسىيە تەبىي گاز سېتىپ بەرمىگەنلىكتىن كىلىپ چىققان بۇ قىتىملىق كېرزىس تۈپەيلى ئوپىك دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ سالاسى بىلەن نېفېت باھاسىنى كېمەيتىش شەكلى ئارقىلىق ئەرزان نېفېت ۋە گاز بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىۋالدى.

روسىيە مالايسىيادىن گوللاندىيەگە ئۇچقان يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ ئۇكىرائىنا تەۋەسىدە ئىتىپ چۈشۈرۋىتىلىشتىكى گۇماندار دۆلەت دەپ قارالدى،قىرىم بىسىۋىلىندى،ئۇكىرائىنادىكى روسىيەلىكلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى بىلەن ئۇكىرائىنادا يېڭى دۆلەت پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى.ياۋرۇپا ئىتىپاقى روسىيەگە جازا يۈرگۈزىمىز دىۋىدى روسىە :سىلەرگەسېتىپ برىۋاتقان تەبىي گاز ۋە نفېت توىمز دەپ قۇقاق سالدى.ئامېرىكا بولسا يۋرۇپا ئىتىپاقىغا تەسەللىي بىرىپ ئوپىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ روسىيەنىڭ سالغان تەھدىتىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن نېفېت باھاسىدا تەڭشەش ئىلىپ باردى.سەئۇدى،ئىراق قاتارلىق ئوتتۇرا شەرىق نېفېت دۆلەتلىرى پايدىسى تۆۋەنلەپ كەتسىمۇ ئىشلەپ چىقىرىۋىرىمىز دەپ ئامېرىكىغا يانداشتى.روسىيە ئىقتىسادىنىڭ 60%نى ئىگىلەيدىغان نېفېت سودىسىنىڭ خەلىقئارادا بازار تاپالماسلىقى دۆلەت ئىچىدە ئاز بولمىغان داۋۇلغۇچلارنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ لىكىن روسىيەلىكلەر ھۆكۈمەتكە قارشى ھەركەتتە بولمىدى.قىشىنچە ياۋرۇپالىقلار ئەڭ ەان نېفېت ۋە تەبىي گاز بىلەن قىشنى ئۆتكۈزۋالدى.ئەمدى ئەتىيازنىڭ شاماللىرى چىقىۋاان مەزگلدە سوغوقتىن قۇرقۇپ كەتمەيدۇ.شوڭا باھانى ئاز تولا ئۆستۈرۈپ پۇل تاپمىسا بولماس.يازىنچە باھادا ئۆسۈش بولدۇ.قىشىنچە روسلار ياۋرۇپانى ئاكا دىمىسە كىلەر قىشتا باھاسى يەنە چۈشىدۇ نېفېتنىڭ...

بۇنىڭ تەسىردە ئالتۇن كىسەك دۆلەتلىرىدە ئاز تول ئىقتىسادى مەسىلىلەر چىقىشى مۇمكىن.ئاددىي پۇخرالار مائاشنىڭ غىمى،ھۆكۈمەتلەر تاشقى پېرىۋۇتنىڭ غىمى،خەلىقئارالىق تەشكىلاتلار سىياسىدا بىر بىرىنى پۇتلاشنىڭ غىمى....

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 03:06:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماينىڭ باھاسى ئۈلۈشكۈن كەچ سائەت 0 دىن باشلاپ ئۆستىغۇ .
مائاشلىرىمىزمۇ 300 سوم تۆۋەنلىدى . شۇكرى بۇنىڭغىمۇ .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5651
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 03:14:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاددىي پۇخرالار مائاشنىڭ غىمى،ھۆكۈمەتلەر تاشقى پېرىۋۇتنىڭ غىمى،خەلىقئارالىق تەشكىلاتلار سىياسىدا بىر بىرىنى پۇتلاشنىڭ غىمى....


مانا... غەم دېگەن توشاق بۇ جاھادا... ئۆسسە يەنە بولمىغان، چۈشسە يەنە... قايداق قىلىمىز ئەمدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5016
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1836 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 03:14:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇتېننىڭ تەدبىر قوللىنىشى رولىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ .پۇتېننى قوللايمەن !ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كىيىنكى 10نەچچە يىل بەك مۇھىم .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73216
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-1-15
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 05:56:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماي باھاسى ئۆسسە سانائەت ماللىرمۇ ماس ھالدا ئۇسەمدۇ؟ يېزا ئىگىلىك ۋاستىلىرمۇ ئۈسىدۇ  دىگن گەپ،يەر تېرىماقمۇ بىر گەپ بولدىەۇ ئەمدى،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش