قالمىدى غەزەل
نەدىسەن دىلبەر جانان،كۈتەرگە ھالىم قالمىدى،
ئوھسىنىپ كىچە-يۇ تۈن،تەندە مادارىم قالمىدى.
نەئۈچۈنكى خۇدايىم،سىنى مىنىڭدىن ئايرىغان،
گۈل-گۈلىستان،چۆل كەبى،ئىللىق باھارىم قالمىدى.
چۈشلىرىمدە بارلىكىن،سۇبھىدە تاڭدا غايىبان،
غەم يىمەستىن تىپتىنىچ،تاڭمۇ ئاتارىم قالمىدى.
زارىقىپ لەختە ئىرۇر،زىدە-يارادۇر بۇ يۈرەك،
سىڭىرەلمەس بەس يىتەر،غەمنى يۇتارىم قالمىدى.
ياشلىقىم تۈگەرمۇ يار،كەلسە جانانىم بىركۈرەي،
بەندىمەن ئاجىز ئەجەپ،باشقا ئامالىم قالمىدى.
ئۇز چىرايىم ئەمدى يوق،داغۈ-ئەلەم قىيانىدىن،
سەۋرى بەر قادىر ئىگەم،قايدا ماڭارىم قالمىدى.
كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-25 07:30 PM