ئېچىنىمەن
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
بىر-بىرىنى سۆكۈپ ئۆتكەن،
مىللىتىمزنىڭ يۈزىنى تۆككەن،
نامەرتلەردىن تائام كۈتكەن،
ئۆز خەلقىمگە ئېچىنىمەن.
غەيۋەتلەرگە تۆھپە قاتقان،
ياخشىلارغا ئوقيا ئاتقان،
ۋىجدانىنى پۇلغا ساتقان،
ئۆز خەلقىمگە ئېچىنىمەن.
يوتىغا ئۇرۇپ گەپلەر تاپقان،
كوچىلاردا مەس بولۇپ ياتقان،
پاھىش بولۇپ گۇناھقا پاتقان،
ئۆز خەلقىمگە ئېچىنىمەن.
ھورۇنلىقتا ئۆمرى خورىغان،
بىر ناننى خەقتىن سورىغان،
چىن دوستىغا ئورا كولىغان،
ئۆز خەلقىمگە ئېچىنىمەن.
تەخسە كۆتۈرۈپ ئۇنۋان ئالغان،
ئەيىش-ئىشرەتكە مەبلەغ سالغان،
غەيۋەت قىلىپ ئېغىزى تالغان،
ئۆز خەلقىمگە ئېچىنىمەن.
قىزلار كەبى چاچنى قويغان،
بويۇنلىرىغا گۈلنى ئويغان،
بەش قولىغا خېنە قويغان،
ئەركەكلىرىمگە ئېچىنىمەن.
مىنى ئەمەس پۇلۇمنى سۆيگەن،
ماڭا ئەمەس پۇلۇمغا كۆيگەن ،
بايلىقىمغا دۈم چۈشۈپ ئۆلگەن،
ئۆز يارىمغا ئېچىنىمەن.
نەتجە قازانغاننى ئىتەك تالىغان،
يولى بارنىڭ يۇندىسىنى يالىغان،
پۇلى-بايلىقا ئۆزىنى ئاتىغان،
ئۆز خەلقىمگە ئېچىنىمەن.
2015-يىلى1-ئاينىڭ21-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رەخم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-21 04:18 PM