رۇبائلار
ھەسەنجان ئۆمەر
تاغ كەبى ئېغىر كېلۇر ئادەم ئېسىلى،
پۇۋلىسە ئۇچۇپ كېتەر زىغىر پاخىلى.
<بىلگىنىم بەكمۇ ئاز>دەيدۇ،كۆپ بىلگەن،
نادانغا تەككەن<مەن قالتىس>كېسىلى.
****
قەلبىدە زەررىچە بولسا گەر ھەسەت،
تۈزنىمۇ ئەگرىلا كۆرىدۇ پەقەت.
يا ئۆزى كۈلەلمەس،كۈلگەندە بىراۋ،
چاقىدۇ چايان بوپ كەينىدىن ئەبەت.
****
ئالدانما،خەتەرلىك زىيادە ماختاش،
ئاقنى قارا قىلار كۆزيۇمۇپ داتلاش.
ئوخشاشتۇر ھاياتتا ھەر ئىككىسى،
مەخسىدى؛يولۇڭنى توراشتۇر،باپلاش.
مەنبە؛ئىجادىيىتىم