ئەرقال تاراتقۇسىغا بېلەت تاشلاڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەر ئەھلى !
ئەرقال تاراتقۇسى ئەرقال كاپىتالى قارمىقىدىكى ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى (
www.erqal.com) بولۇپ، 2014-يىلى6-ئايدا قۇرۇلغان. ئاساسلىق مەزمۇنى دۆلەت ئىچى-سىرتى ۋە شىنجاڭدىكى ئەڭ يېڭى ئىقتىسادىي خەۋەرلەر، ھەر ساھە ئانالىزى، ئۇيغۇر شىركەت-كارخانىلىرى ۋە كارخانىچىلىرى سەھىپىسى، مىللىي كارخانا ۋە كارخانىچىلار ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر، تاشىقى پېرىۋوت ۋە بازار سانلىق مەلۇماتى، قامۇس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر تور بېتىمىزنىڭ يان تېلېفۇن نۇسخىسى، ئايفون ۋە ئاندىروئىد ئۈچۈن ئەپ دېتالى ئىشلىنىپ، ئاۋازلىق خەۋەرلەر قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر قەدەر قولايلىق ئىشلىتىش شارائىتى يارىتىلدى.
ئەگەر سىزنىڭ ئەرقال تاراتقۇسىغا قارىتا ھەرقانداق پىكىر، تەكلىپلىرىڭىز بولسا، بىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز. مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يازسىڭىزمۇ، ئايرىم خەت قالدۇرسىڭىزمۇ، ياكى ئۈندىدار سۇپىمىزغا قوشۇلۇپ خەت قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۈندىدار سۇپىمىز:
erqalcapital
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بېلەت تاشلىشىپ بېرىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
سىز ئەرقال تاراتقۇسىدىن قانداق خەۋەر، ئۇچۇلارغا ئېرىشىشنى خالايسىز؟
(جەمئىي 16 تۈر، ئەڭ كۆپ بولغاندا 13 تۈرگىلا بېلەت تاشلىيالايسىز)