خەلقئارا نېفىت باھاسى يەنە چۈشتى
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا ماي باھاسى 2015-يىلىنىڭ بىرىنچى سودا كۈنىدە يەنە چۈشتى. نيۇيورك خام نېفىتى ۋە بىرېنت (Brent oil) خام نېفىتىنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى باھاسى چۈشكەن.
بېيجىڭ ۋاقتى 20:49 دا، بىرېنت خام نېفىتى %2.8 چۈشۈپ، ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسى 55.72 دوللار بولغان؛ نىيۇيورك خام نېفىتى %1.9 چۈشۈپ، ھەر باك نېفىتىنىڭ باھاسى 52.25 دوللار بولغان. ياۋرونى دوللارغا ئايرىۋاشلاش نىسبىتى نۆۋەتتە %0.5371 چۈشۈپ، 1.2038 بولغان.
ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دىرايگى (Mario Draghi) نىڭ ئېيتىشىچە، مەركىزى بانكا مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان بولۇپ، بۇنىڭ خەتىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. ئۇ يەنە مەركىزى بانكىنىڭ تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى، ئەگەر زۆرۈر بولسا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەنبە: سىنا تورى
ئامېرىكا دوللىرى 8 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى
1-ئاينىڭ 2-كۈنى 2015-يىللىق ئامېرىكا پاي بازىرىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈن بولۇپ، ئۆلچەملىك پۇئېر پاي باھا كۆرسەتكۈچى (Standard and Poor’s Composite Index) ئاشقان، بىراق ئارقىدىنلا ئامېرىكا ياساش كەسپىدىكى سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى (Purchasing Managers' Index) نىڭ تۇيۇقسىز يېرىم يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈشى سەۋەبلىك، ئامېرىكا پاي بازىرى كاساتلىشىپ، ئۈچ چوڭ پاي باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈپ-چۈشۈشى بىردەك بولمىغان. جۇڭگونىڭ ياساش كەسپىدىكى سېتىۋېلىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى سەۋەبلىك، ماي باھاسى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن. دوللارنىڭ ئۆسۈشى سەككىز يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان. ئامېرىكا غەربىي تېكساس خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ، ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسى 52.69 دوللار بولغان.
مەنبە: سىنا تورى
دوللارنىڭ كۈچىيىشى جۇڭگو، بىرازىلىيەگە كۈچلۈك زەربە بولدى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
2014-يىلى دوللارنىڭ قىممىتى %12 ئاشتى، لېكىن 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ياۋرونىڭ قىممىتى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئاساسلىق دوللار قەرز ئالغۇچى دۆلەتلەر بولغانلىقتىن، كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.
سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلىدىن بۇيان تارقىتىلغان 1 تىرىليون 300 مىليارد دوللار قەرزنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە كارخانىلىرى ئىگىلەيدىكەن. خەلقئارا راسچوت بانكىسى (Bank for International Settlements) نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردىكى بانكىدىن باشقا ئەمەلىي كارخانىلارغا تارقاتقان دوللار قەرزىنىڭ ئىچىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قەرزنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ياۋرو رايونىدىكى قەرزدارلارنىڭ دوللار قەرزىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ دوللار قەرزى ئەڭ كۆپ بولۇپ، بىرازىلىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (Petroleo Brasileiro) نىڭ 2008-يىلىدىن بۇيانقى قەرزى جەمئىي 40 مىليارد دوللارغا، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتىنىڭ ئۆتكەن تۆت يىلدىكى قەرزى جەمئىي 14 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
دوللار قىممىتىنىڭ ئېشىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىككى قېتىم ئىقتىسادى ئاپەت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىقى 80-يىللاردىكى لاتىن ئامېرىكا كىرىزىسى، ئىككىنچى قېتىملىقى 90-يىللاردىكى ئاسىيا كىرىزىسى ئىكەن.
مەنبە: سىنا تورى