ئادەتتىكى ئەزا
يىڭى يىلدا … مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق» … … يىڭى يىلدا يىڭى بايرام شاتلىقى، كۆڭۈللەردىن تىلەپ ئالى تىلەكلەر. مۇھەببەتلەر قار سەيلىدە شادىمان، مېڭىشماقتا گىرەلىشىپ بىلەكلەر. … … جاھان سوغۇق قار قاپلىغان يەر-زېمىن، ئىسسىق ئىزلەپ كىتەر ھەممە ئالدىراپ. نەۋرىسىنى چىڭ قۇچاغلاپ بىر بوۋاي، يېلىنماقتا يوقسۇزلۇقتا ھالسىراپ. … … غەللە قۇرۇق كوچىلاردا يايمىچى، تىترىمەكتە ماللىرىنى ساتالماي. چوتكا،تۇتقان مايلامچىلار سوغۇقتا، ئولتۇرىدۇ ئازغىنە پۇل تاپالماي. … … يىڭى يىلنى تەبرىكلەيدۇ زىياپەت، مودا بولغان ئىسراپچىلىق ئىچىشلەر. كوچىلاردا كۆزگە غۇۋا چىلىققان، يىلىنغانغا پەرۋا قىلماي كىتىشلەر. …2014-13-31 يىڭى يىل … … مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق» … … كۈن ئارا قوغلۇشۇپ كەلدى يىڭى يىل، يىپ-يىڭى كالېندار ۋارىقى ئىچىپ. تىلەكلەر تىلەيمىز ، يوللايمىز سالام. دوستلۇقنىڭ خوشپۇراق گۈلىنى چىچىپ. … … ئالتۇندەك تېنىڭلار بولسۇن سالامەت، غەم يىراق كۆڭۈلگە تولسۇن خۇشاللىق. ھاياتلىق يولىدا باسقان ھەر قەدەم، شەرەپلىك بولسۇن كۆرمەي ئۇۋاللىق. … … بۈگۈن بار ئەتە يوق دىدار غەنىيمەت، ئۆتەيلى ئىزدىشىپ ھال-مۇڭ سىردىشىپ. كىرەيلى يىپ-يىڭى ئارزۇلار بىلەن، يىڭى يىل قوينىغا داغدام بىرلىشىپ. … … قانچىلىك يىللارنى كۆرەلەيدۇ كىم؟، ھاياتلىق دېڭىزدا تىنىمسىز ئۈزۈپ. پاكلىقتىن، چىنلىقتىن ، چەتنىمەي ئورتاق. ھاياتتىن بەخىتنى ئالايلى سۈزۈپ. … … 2014-12-30
يىڭى يىل ھارپىسى … مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق» … … ئارامگاھتا يىڭى يىلنىڭ ھارپىسى، مۇزىكىدىن تۈگەشكەن پاڭ قۇلاقلار. ئۈستەل يۈزى كىچىك كەلگەن غېزاغا. قىستىلىشىپ ،چېكىملىك ۋە ھاراقلار. … … ئاخىرى يوق ۋەدە-ۋاپا تىلەكنىڭ، كەيىپلەردىن تۇغۇلغان شۇ ھەۋەسلەر. ھەممىسى تەڭ سۆزلەيدۇ ھىچ ئاڭلىماس، ساماغىمۇ دىسكو ئويناپ ئەلەسلەر. … … ئارامگاھتا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئارام شۇ. رومكىلاردا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىپ. ئۇزاپ چىققان قولتۇقلىشىپ غەرىق مەس، قاردا ياتار قۇسۇقلارغا مىلىشىپ. … 2014-12-31 …
…
پاش قىلىش
دائىملىق ئــەزا
كورلا ئايشەم سادىر
تىرىشچان ئەزا
باشتۇغ يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:54 AM ‹‹يېڭى يىل ھارپىسى››نى ياقتۇردۇم .
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ