|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلا .بۇ يىقىندا يازغان ماقالەمتى ،ھەممىڭلانىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم .ياختۇرۇپ ئۇقۇشىڭلانى ئۇمۇت قىلىمەن. ھەمدە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭلانى ئايماسلىقىڭلانى، خاتالىقلىرىمنى كۆرسىتىپ بىر شىڭلانى ئۈمۈت قىلىمەن.
مىنڭ ئىسمىم پۇل.مىنى ھەممىڭلارتۇنۇيسىلەرغۇدەيمەن،مىنى ئاللاھ شۇنداق ئەزىزيارتېپتۇكى ھەممىڭلار مىنى ياخشى كۇرسىلەرھەمدەمىنى ئەڭ بىخەتەريەرلىرىڭلەردەساقلايسىلەر،مىنىڭ كۆپ بۇلۇشۇمنى شۇنداق ئازۇقىلىسىلەركى ئازياكى يوق بۇلۇشۇمنى قەتئىي خالىمايسىلەر،مەنلا بۇلىدىكەنمەن يۈزلىرىڭلارداتەبەسسۇم قەلبىڭلارداشاتلىق يۇقالمايدۇ.مەن بۇلماي باقايچۇيۈزلىرىڭلارداقايغۇئەلەم،قەلبىڭلارداغەم ئەندىشە،پۈتۈن ئەس يادىڭلارمەندە،مىنى قانداق تىپىشتا قالىدۇ.مىنى شۇنداق ياخشى كۆرسىلەركى مىنى سىلەرنى ياراتقان،ئاسمان زىمىن ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشڭلارئۇچۇن ياراتقانان رەببىڭلاردىنمۇبەكرەك ياخشى كۇرسىلەر،مەن ئۇچۇن ئاتا-ئانا،ئۇرۇق ـ تۇققان،دوس-بۇرادەرلىرڭلاردىنمۇكىچىشكە رازى سىلەر،ھەم تەييارسىلەر،مىنى تىپىش ئۇچۇن توغرايول بۇلامدۇ خاتايۇلمۇ ئايرىپ ئۇلتۇرمايسىلەر،مەن ئۇچۇن قان تۇكۇشتىن مۇ يان مايسىلەر،ھەتتامەن ئۇچۇن جنىڭلانىمۇئايمايسىلەر،مەن ئۈچۈن قۇربان بۇلغىنىڭلارمۇ ئاز ئەمەس.ماڭابۇلغان سۆيگىڭلار شۇقەدەر كۇچلىككى نامازلادىمۇمىنى ئويلاپ مىنى سىغىنىپ تۇزۇكرەكمۇ ئۇقۇيالمايسىلەر،ماڭاشۇقەدەر ئامراق ئىكەنسىلەركى،مەندىن ئايرىلشنى قەتئي خالىمايسىلەر،سەدىقەزاكاتنى قەتئي ياختۇر مايسىلەر ئىسمىنىمۇ ئاڭلىغۇڭلار يوق،سىلەربەخىت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى،قەدىر-قىممەتنىڭ،ھۆرمەت-ئىززەتنىڭ لىباسى مەندە دەپ ئۇيلايسىلەر.مەن قاچانكى كۆپەيگەنسىرىم شۇنچىكى ئاچكۆزلىشىسىلەر شۇنچىكى مەنمەنچى ھاكاۋۇر بۇلىسىلەر.مىنى كۆپ تىپىپ باي بۇلۇشنى،دۇنياغاخۇجابۇلۇشنى ئويلايسىلەر.بۇدۇنيادامەن ئۈچۈن ياشايسىلەر،بىرئۈمۈرمەن ئۈچۈن ئىشلەپ،يىمەي-كەيمەي مىنى توپلايسىلەر،ئاخىرداپىخسىق-بىخىل دىگەن نامغائىرشىپ،مەندىن ئايرىلىپ قاراڭغۇگۆرگە يول ئالىسىلەر،ئاخىرەتتەسىلەرئۈچۈن نادامەت ئازاپ بۇلىمەن ھەم يىلان بۇلۇپ كىچەكۇندۇز توختىماي چاقىمەن.مانابۇ ماڭاقۇل بۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى. لىكىن يەنەشۇنداق كىشلەر باركى.ئۇلارماڭاقۇل بۇلۇش ئەمەس، مىنى ئۆزلىرىگە قۇل قىلغۇچىلاردۇر.ئۇلاربۇدۇنيادامەن ئۈچۈن ياشمايدۇبەلكى ئاللاھ ئۈچۈن ياشايدۇ.ئۇلارمىنى جىق تىپىپ بايدىگەن نامغائىرشىش ئۈچۈن ئەمەس ،توغرا يۇل بىلەن توغرائۇسۇلدا جىق تىپىپ ياخشىلىق يۇللىرىغا كۆپلەپ سەرىپ قىلىپ تەقۋادارلاردىن بۇلۇش ئۈچۈن تاپىدۇ .مەن بۇلاي بولماي ئۇلار مىنى جىق تاپسا شۇكۇر قىلغۇچىلاردۇر،يوق بۇلسام سەۋىر قىلغىچىلاردۇر،ئۇلار مىنى جىق تىپىش بىلەن ئۆزنى چوڭ تۇتمايدۇ .ئۇلار مىنى سەرىپ قىلىشتا ئاللاھ تىن قۇرىققىچىلاردۇر،ياخشى ئىشلارغا،توغرايۇللارغا سەرىپ قىلساساۋاپ. يامان ئىىشلارغا ،خاتا يۇللارغا سەرىپ قىلسا جازا بارلىقىغاشەكسىز ئىشەن گۈچىلەردۇر.ئۇلارمىنى كىچە كۇندۇز ئاللاھ يۇلدا سەرىپ قىلىپ .سىخى ئاتالغۇچلاردۇر.ئۆزلىرى ئۆلسىمۇ نامى ئۆلمىگىچىلەردۇر،ئاخىرەتتەئاللاھنىڭ كاتتا مۇكاپاتى بۇلغان جەننەتكە ئىرىشكۈچىلەردۇر، مانا بۇ مىنى ئۆزلىرىگە قۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-29 05:50 PM
|
|
|
|
|
|