|
|
|
|
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 89.90 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1177 دوللار ئەتراپىدا ئايلانغان بولۇپ ، خەلق پۇلىدىكى باھاسى گىرامى 235.83 يۈەن بولۋاتىدۇ ؛ روژدېستۋو بايرىمى سەۋەبىدىن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئەللەردىكى بازار دەم ئالغان ، شۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈن ئالتۇن بازىرىنىڭ تەۋرىنىشى چەكلىك بولغان . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ياپونىيە ئېلان قىلىدىغان 11 - ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە يادرو CPI بىلەن 11 - ئايلىق پارچە سېتىش ئايلىق نىسبەت سانلىق مەلۇماتى ، مۆلچەرلىنىشىچە ياپونىيە سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىشى مۇمكىن .
ئەسكەرتىش :
بۈگۈن نەخ ئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى ( گىرام ) باھاسى 235.83 يۈەن ؛
نەخ كۈمۈش باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى ( گىرام ) باھاسى 3.19 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
جۇڭگو ھىندىستاننىڭ ئالتۇن بازىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن 10 چوڭ ۋەقەسى
ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپىنجىسى جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ ئىقتىساد ھالىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ . ئىككى دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىققا ئولغان ئېھتىياجى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ فوندىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى ، بولۇپمۇ پۈتكۈل دۇنيا بايلىق مەنبەسى فوند (PSPFX) ، ئالتۇن ۋە قىممەتلىك مېتال فوند (USERX) قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسەتكەن .
2014 - يىلى جۇڭگو ھىندىستاننىڭ ئالتۇن بازىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن 10 چوڭ ۋەقەسى تۆۋەندىكىچە : جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تەرەقىياتى ، ئاسىيا پەن-تېخنىكا مەركىزى ، ھىندىستان دۆلىتىدىكى 815 مىليون سايلىغۇچىلارنىڭ پىكىرى ، جۇڭگو .ئالتۇن بازىرىنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى ئىگەللىشى ، جۇڭگونىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ، ئويۇن كەسپى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىدا ماڭغانلىقى ، مايۈننىڭ قۇرغان بايرىمى ، جۇڭگونىڭ دۇنيا يۈرۈش قىلىش يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بازىرىغا كىرىشى قاتارلىقلار .
يىل ئاخىردا دوللارنىڭ كۈچىيىشى مۇقىملاشتى
12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى 89.80 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ ئاسىيا - تىنىچ ئوكيان ۋاقتىدا ، دوللار دەسلەپتە 89.90 نۇقتىغىچە ئۆرلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن كېيىن يەنە تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە ۋاقتىنچە 89.90 ئەتىراپىدا تەۋرەندى ؛
شۋېيتسارىيە بانكا گۇرۇھى (UBS) تەھلىلچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئامېرىكا 3 - پەسىللىك GDP تاسادىپىي كۈچەيگەن بولۇپ ، ئاساسلىقى ئىستېمال تىرەش كۈچىنىڭ تەسىرىدە كۈچەيگەن ؛ 2014 - يىلى دوللارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىدىكى سەۋەپ ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە بازاردا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ (Fed) ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىنى مۆلچەردىكىدىن ئۆرلىتىۋەتكەن ؛
روژدېستۋو بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن بازار ئەھۋالى سۇس ھالەتتە بولسىمۇ ، لېكىن روژدېستۋو بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن بۇرۇن ، ئامېرىكا ئىلان قىلغان ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات يەنىلا كۈچلۈك بولدى ، شۇ سەۋەپتىن دوللار تېخىمۇ ئۆرلەپ بۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 90.16 نى كۆرسەتتى ؛ ئامېرىكا 3 - پەسىللىك GDP يىللىق نىسبىتىنىڭ پەسىللىك نىسبىتى ئاخىرقى قىممىتى 5.0% ئاشقان بولۇپ ، 2003 يىلدىن بۇيان چوڭ ئاساستا ئىشىش بولغان ، بۇ ئاساسلىقى ئىستېمالنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا ئۇچرىغان .
نۆۋەتتىكى ئەھۋال دوللارنىڭ تېخىمۇ ئۆرلىشىگە پايدىلىق بولۇپ ، سودا ئەھۋالى سۇس بولغان بازاردا تېخىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ ؛ بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 10:55 دە ، دوللار كۆرسەتكۈچى 89.78 بولدى ؛
خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 2015 - يىلى تېخىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن
بۈگۈن دوللارنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى بازار ئېچىلىشىدا 6.1970 يۈەن بولۇپ ، ئەڭ يۇقىرى باھاسى 6.2153 يۈەن ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 6.1970 يۈەن بولۇپ ، نۆۋەتتە 6.2073 كە يېقىنلاشتى ؛ روژدېستۋو بايرىمىدىن كېيىنكى بىرنچى سودا كۈندە ، خەلق پۇلى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەلق پۇلنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 6.1086 يۈەندىن 6.2334 يۈەنگە ئۆرلىگەن بولۇپ ، كېيىن يەنە تۆۋەنلەپ 6.1248 يۈەنگە تۆۋەنلەپ كەتكەن ، بۇ خىل تۆۋەنلەش ئەھۋالى 2005 - يىلى پېرېۋوت نىسبىتىنى ئۆزگەرگەندىن كېيىن ناھايىتى ئاز ئۇچرىغان .
خەلق پۇلىنىڭ ئالدىنقى قېتىمقى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىشى بولسا 2014 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈندىن 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە 6.04 يۈەندىن تۆۋەنلەپ 6.26 يۈەنگە يەتكەن بولۇپ ، ئۇدا 4 ئاي تۆۋەنلىگەن ؛ خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 2015 - يىلى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن ، بۇ تەۋرىنىش 2014 - يىلدىكىدىن ئىشىپ كېتىشى مۇمكىن .
دوللارنى ياپونىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇش كىچىك ئاساستا ئۆرلىدى
12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ، دوللارنى ياپونىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇش كىچىك ئاساستا ئۆرلىدى ، چۈنكى ئۇدا ئىككى كۈن تۆۋەنلەپ بازاردىكى سېتىلىش مىقدارى ئازلاپ كەتكەن ؛
بازاردىكىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، سودا نورمال ئەسلىگە قايتىشى ئۈچۈن ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن ، چۈنكى ئاۋسترالىيە قىتئەسى ، شياڭگاڭ ۋە سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر بۈگۈن يەنىلا ئارام ئالىدۇ ؛ ئەنگلىيە بازىرى بۈگۈن يەنىلا يېپىق بولسىمۇ ، لېكىن ئامېرىكا بازىرى ئېچىلىدۇ ؛
دوللارنى ياپونىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇش 120.05 گىچە تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ، يۇقىرى نۇقتىسى 120.42 گىچە بولۇپ ، 0.2% ئۆرلىدى ، نۆۋەتتىكى بازار باھاسى 120.25 كە يېقىنلاشتى ، سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ ، ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 120.80 بولدى .
26 - دىكابىردىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى
جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1186 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.4897 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1033 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78848 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.5440 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 4.9767 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7448 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6374 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.2638 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56721 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 8.5223 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6772 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3735 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .
مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
|
|
|
|
|
|