مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5583|ئىنكاس: 22

بىلىمخۇمار: يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

217

تېما

730

يازما

947

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
730
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41826
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2613 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-3-13
ۋاقتى: 2014-12-26 14:32:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئامېرىكىدا مايكۇل جوسېفسون (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر ئەخلاق مۇتەخەسسىسى بار. ئۇنىڭ «جوسېفسون ئەخلاق ئىنستىتۇتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركىتى بار بولۇپ، ئۇ قىلغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى «ئەخلاق مۇھىم» (Character Counts) دېگەن پروجېكتتىن ئىبارەت. ئۇ نۇرغۇن چوڭ سورۇنلاردا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە نۇتۇق سۆزلىگەن، ھەمدە ھۆكۈمەت، شىركەت-كارخانا، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساقچى ئىدارىلىرى، ئاخبارات ئورۇنلىرى، قانۇن، ۋە ھەربىي ئورۇنلارنىڭ ئەمەلدارلىرى بولۇپ جەمئىي 100000 دىن ئارتۇق كىشىگە مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى قىلىپ بەرگەن. ئۇ لوس ئانژېلىس رايونىنىڭ «KNX-1070» دېگەن رادىئوسىدا «ئەخلاق مۇھىم» دېگەن تېمىدا ئوبزور سۆزلىگىلى 15 يىلدەك بولغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئوبزورلىرىنى ئاڭلىغان، ھەمدە ئۇنى شۇ ئارقىلىق تونۇغان. ئۇ ھازىرغىچە ئەخلاق مەسىلىرىگە ئائىت كىتابلاردىنمۇ خېلى كۆپ كىتاب چىقارغان بولۇپ، تۆۋەندىكى 2-رەسىمدە مەن ئۇنىڭ 8 پارچە كىتابىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ قويدۇم. مېنىڭ ئۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، ئوقۇرمەنلەرگە «ئامېرىكىدا ئەخلاق ھەققىدە مۇنداق كىتابلارمۇ بار ئىكەن»، دېگەننى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت بىرلا ئاپتورنىڭ كىتابلىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەخلاقنى تېما قىلغان ئىنگلىزچە كىتابلارنىڭ نەقەدەر كۆپلۈكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس.

a01_josephson.jpg
1-رەسىم: مايكۇل جوسېفسوننىڭ رەسىمى

a02_book.jpg
2-رەسىم: مايكۇل جوسېفسون چىقارغان 8 پارچە كىتابنىڭ رەسىمى. مەن بۇ كىتابلارنى www.amazon.com دېگەن تور بەتتىن تاپتىم.

يۇقىرىدىكى كىتابلارنىڭ ماۋزۇسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى تۆۋەندىكىلەرگە يېقىن كېلىدۇ:

(1) ئاممىۋى خىزمەت ئەخلاقىنىڭ بەش پرىنسىپى
(2) سالامەتلىكتە ياخشىراق بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كېسەل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق
(3) ئەخلاقىي قارار ئېلىش ھەققىدە
(4) ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىڭىزدا
(5) ئاتا-ئانىلارنىڭ ئون نەچچە ياشلىق بالىسىدا ياخشى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشى
(6) ياخشى ئەخلاقنىڭ كۈچى
(7) ھەر خىل تۈرلەرگە پۇل ئاجرىتىش ۋە ھەر خىل تۈرلەرگە پۇل ئېلىشتىكى ئەخلاق: ساخاۋەتنى ياخشىلاش
(8) ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىكى ئەخلاقىي قىممەت، ئەخلاقىي پوزىتسىيە ۋە ئەخلاقىي ئىپادىلەر

مەن مايكۇل تەييارلىغان يېڭى نەرسىلەر ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا كېلىدىغان قىلىپ تىزىملىتىپ قويغان ئىدىم، بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن بىر تام گېزىتىنىڭ تېكىستى كەلدى [1]. مەن ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ياشلارغا تونۇشتۇرۇپ قويۇش مەقسىتىدە مەزكۇر يازمىنى تەييارلىدىم.


1. يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت

مايكۇل تەييارلىغان «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن تام گېزىتى تۆۋەندىكى 3-رەسىمدە كۆرسىتىلدى. مەن ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تۆۋەندىكىدەك تەرجىمە قىلدىم:

(1) راستچىللىق ھەر قېتىم پايدا ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما يالغانچىلىق ھەر قېتىم زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
(2) بىر ئادەمگە بولغان ئىشەنچ تاشلارنى بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قوپۇرۇلغان مۇنار بولۇپ، يالغانچىلىق ئاشۇ تاشلارنى ئەڭ ئاستىدىن باشلاپ سۇغۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ.
(3) مەخپىيلىك سىزنى قوغداپ قالالمايدۇ؛ پاش بولۇپ قالغان يالغانچىلىق بولسا بىر تەييار بولغان مىناغا ئوخشايدۇ.
(4) يالغانچىلىق ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى يالغانچىلىقلاردىن تەشكىل تاپقان قوغدىغۇچىلارنى تۇغىدۇ.
(5) يالغانچىلىق ئاشۇ يالغانچىلىقنى قىلغان ئادەم بىلەن ئاشۇ يالغانچىلىقنىڭ ئوبيېكتى بولغان ئادەمگە ئۆز-ئارا قەتئىي ئوخشاشمايدىغان شەكىلدە كۆرۈنىدۇ.
(6) بىر يالغانچىلىققا سەۋەب تېپىپ بېرىش، ئۇنى ئاقلاش، ياكى ئۇنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار پەقەت كىشىلەرنىڭ ئاشۇ يالغانچىغا بولغان ئىشەنمەسلىكنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
(7) ئەگەر بىرسى بىزگە يالغان سۆزلىسە، بىز «بۇ ئادەم بۇرۇن ماڭا يەنە قانداق يالغانچىلىقلارنى قىلغان بولغىيتتى؟» دەپ ئويلايمىز.
(8) بىرلا يالغانچىلىق سىزنى بىر «يالغانچى» قىلىپ قويىدۇ، ياكى سىزنى ئاشۇ يالغانچىلىق قىلغان كىشىگە ئىشەنمەس قىلىپ قويىدۇ.
(9) يالغانچىلىق قىلىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەپۇ سورىسىڭىز، ئۇنىڭ ئازراق پايدىسى بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئەپۇ سوراش يارىنى ساقايتالمايدۇ.
10. يېرىم راستچىللىق ياكى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش بىلەن يالغانچىلىقلارنى نىقابلىيالمايسىز؛ يالغانچىلىق دېگەن يەنىلا بىر يالغانچىلىق.
11. يالغانچىلىق يالغۇز ساختىپەزلىكلا ئەمەس؛ ئۇ يەنە ھۆرمەتسىزلىك.
12. سىز باشقا بىر يالغانچىغا يالغانچىلىق قىلسىڭىز، سىز يەنىلا بىر يالغانچى بولۇپ تۇرۇۋېرىسىز.

a03_poster.png
3-رەسىم: مايكۇل تەييارلىغان «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن تام گېزىتى.

2. ئىشەنچنىڭ مۇھىملىقى

مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇرچىدا ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، ئۆزىنىڭ غايىسىگە بولغان ئىشەنچىسى، ۋە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىسى بىلەن ئۆزىنىڭ بىر دوستىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئۇ دوستىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە «ئىشەنچ» دېگەن بىرلا سۆز ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن، ئىنگلىزچىدا ئۇنداق ئەمەس. ئىنگلىزچىدا بىر ئادەمنىڭ ئالدىنقى 3 نەرسىگە بولغان ئىشەنچى «confidence» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاخىرقى ئىككى نەرسىگە بولغان ئىشەنچ بولسا «trust» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى، «trust» دېگەن سۆز «ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى» نى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ئادەملەرگە ئىشلىتىلىدۇ. مەزكۇر تېما كىشىلەرنىڭ راستچىللىقى بىلەن يالغانچىلىقى ھەققىدە بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئىككىنچى كىچىك تېمىدىكى «ئىشەنچ» دېگەن سۆز «ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ» تىكى سۆز بولماستىن، بەلكى «ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى» نى ئىپادىلەيدىغان «ئىشەنچ» تۇر. ئىنگلىزچىدا بىر ئادەمنىڭ راستچىللىقى، ئۇنىڭ گېپىدە تۇرىدىغانلىقى، ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۈپەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەيدىغان يەنە بىر سۆز بار. ئۇ بولسىمۇ «credibility» دېگەن سۆز بولۇپ، مەن داۋاملىق بۇ سۆزگە ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزنى تېپىشتا قىينىلىمەن. ھازىرمۇ شۇنداق بولۇۋاتىمەن. يەنى ئىنگلىزچىدا «trust, credibility» دېگەن سۆزنى بىرلا ۋاقىتتا بىرلا كىشىگە ئىشلەتسە بولۇۋېرىدۇ. ئۇنى ئۇيغۇرچىدا نېمە دەيمىز؟ بۇ يەردە «trust» دېگەن سۆز «ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى» نى كۆرسىتىدۇ، «credibility» بولسا «بۇ ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋاقىت ئىچىدە ئىسپاتلاپ بولغان ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى، گېپىدە تۇرىدىغانلىقى، ۋە راستچىللىقى ھەققىدىكى نامى» دېگەنلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۆۋەندە مەن «credibility» دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە «راستچىللىق نامى» دەپ ئالىمەن.

مايكۇل يۇقىرىدىكى «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» نى يېزىپ چىقىش بىلەن بىللە، 2014-يىلى 3-دېكابىر كۈنى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە بىر پارچە قىسقا يازما ئېلان قىلدى. مەن تۆۋەندە ئاشۇ يازمىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن.

راستچىللىق ھەر قېتىم پايدا ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما يالغانچىلىق ھەر قېتىم زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىناۋەت، ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى ۋە راستچىللىق نامى بىر تەشكىلات يوقىتىپ قويسا قەتئىي بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم بايلىق بولۇپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلى يالغانچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت.

ئىلاۋە: بۇ يەردە ئىنگلىزچە «organization» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئۇتتۇر مەنىسى «تەشكىلات» تىن ئىبارەت. ئەمما ئىنگلىزچىدا ئىدارە، مەكتەپ، شىركەت، كارخانا، ھەر خىل تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق نامى ئۈچۈن «تەشكىلات» دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ.

باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش خۇددى تاشلارنى بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بىر مۇنار ياسىغانغا ئوخشايدۇ. ئەمما بۇ مۇنار قانچە ئېگىز ۋە قانچىلىك پۇختا كۆرۈنسۇن، ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى بىر دانە تاشنى ئېلىۋەتسىڭىز، بۇ مۇنار چوقۇم ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. يالغانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇ كىشىلەرنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاساسىنى يوق قىلىۋېتىدۇ.

يالغانچىلىق قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىزنى بەزى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە پاش بولۇپ قالمىغان يالغانچىلىق بىزگە بەزى قىسقا مۇددەتلىك پايدىلارنىمۇ ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئەمما يالغانچىلىقنى مەڭگۈ مەخپىي ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. پاش بولۇپ قالمىغان ھەر بىر يالغانچىلىق، مەيلى ئۇ قانچىلىك كىچىك بولسۇن، كىشىلەرنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدىغان بىر مىناغا ئوخشايدۇ.

يالغانچىلىق ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا يېڭى يالغانچىلىقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق باش مىنىستىرى ۋىنستون چېرچىل (Winston Churchill, 1874 - 1965) مۇنداق دېگەن ئىدى: ھەر بىر يالغانچىلىق ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يالغانچىلىقتىن تەركىب تاپقان بىر قوغدىغۇچىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ياخشى نىيەت بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن يالغانچىلىقلارنى بىز «ئاق يالغانچىلىقلار» (white lies) دەپ ئاتايمىز. ئاشۇنداق ئاق يالغانچىلىقتىن بىرسى پاش بولۇپ قالغان ھامان، بىزنىڭ ئىناۋىتىمىز تۆكۈلىدۇ. يالغانچىلىق قىلغان كىشىنىڭ ئاشۇ يالغانچىلىققا بولغان قارىشى يالغانچىلىق قىلىنغان كىشىنىڭ قارىشىغا زادىلا ئوخشىمايدۇ. «مەن ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا سىز ماڭا يالغانچىلىق قىلىۋېرىڭ» دەيدىغان كىشىلەردىن قانچىسى بار؟

بىز ئۆزىمىزنىڭ قوبۇل قىلىشى ئاسانراق بولسۇن ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىغا باھانە تاپساق، ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاقلىساق، ياكى ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى كىچىكلەشتۈرسەك بولۇۋېرىدۇ. ئەمما ئاشۇنداق ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى قوغدايدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر يارىمىزنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە ئىشەنمەسلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. سىز بىر «يالغانچى» دەپ ئاتىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن يالغانچىلىقتىن قانچىنى قىلالايسىز؟ سىز باشقا بىر ئادەمگە ئىشەنمەس بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قانچە قېتىملىق يالغانچىلىقىنى قوبۇل قىلالايسىز؟ بىز باشقا بىر ئادەمنىڭ ئۆزىمىزگە يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى بايقىغان ھامان، بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇن قىلىشقان پاراڭلارنى ئەسلەپ، «ئۇ بۇرۇن ماڭا يەنە قانداق يالغان گەپلەرنى قىلغان بولغىيتتى؟» دەپ ئويلايمىز. سىز باشقا بىر يالغانچىغا يالغانچىلىق قىلىپ، ئۆزىڭىز بىر «يالغانچى» بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالامسىز؟

بىز سادىر قىلغان يالغانچىلىقىمىزغا باشقىلاردىن ئەپۇ سورىشىمىز، ئۆزىمىزنى كەچۈرۈۋېتىشنى ئۆتۈنۈشىمىز، ھەمدە ئىككىنچى يالغان سۆزلىمەيدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق ئۇنىڭغا ۋەدە بېرىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى يالغانچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان تارتۇقنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، ياكى بولمىسا پەيدا قىلغان يارىنى تولۇق ساقايتالمايمىز.

بىز يېرىم راستچىللىق قىلىش ياكى پۈتۈنلەي يوشۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى نىقابلاشقا ئۇرۇنۇشىمىز مۇمكىن. ئاشۇنداق قىلىقىمىزنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن بىز گوللاش، شەكلىنى ئۆزگەرتىش، خاتا ئىپادىلەپ قويۇش، ۋە ياسالمىلىق قىلىش دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ قانداق سۆزنى ئىشلىتىشىمىز مۇھىم ئەمەس. ئۇنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن قارىغاندا، يالغانچىلىق مەقسەتلىك ھالدا سەمىمىيەتسىزلىك قىلىش، ۋە بىر ئادەمنى راست ئەمەس بىر نەرسىگە قەستەن ئىشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ يالغۇز سەمىمىيەتسىزلىكلا ئەمەس، بەلكى ئەدەپسىزلىك ياكى ھۆرمەتسىزلىكمۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مايكۇلنىڭ قىسقا يازمىسىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

3. راستچىللىق ۋە يالغانچىلىق ھەققىدىكى دىنىي قاراشلار

ياسىر قازى ئۆزىنىڭ «مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى» (Seerah of Prophet Muhammad) دېگەن ئالىي مەكتەپ لېكسىيىسىنىڭ 86- ۋە 87-قىسىملىرىدا «تەبۇك ئۇرۇشى» (Battle of Tabouk) نى سۆزلىدى. بۇ ئۇرۇش 630-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەرەبىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان «تەبۇك» دېگەن جايدا ۋىزانتىيە (Byzantine) ئارمىيىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 30000 مۇسۇلمانلار قاتنىشىدۇ [3]. ياسىر قازىنىڭ دېيىشىچە قۇرئاندىكى سۈرە تەۋبە (9-سۈرە) ئاساسەن ئاشۇ ئۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىي قىلىنغان ئىكەن. ئاشۇ ئىككى لېكسىيىدىن كېيىن، يەنى 88-لېكسىيىدە، ياسىر قازى كاب مالىك (Ka’b b Malik) ھەدىسىنى سۆزلەپ، ئۇنىڭدىن كۆپلىگەن ھېكمەتلەر (benefit) نى خۇلاسىلەيدۇ [4]. مەن تۆۋەندىكى قىسقا مەزمۇننى ياسىر قازىنىڭ ئاشۇ 88-لېكسىيىسىدىكى سۆزلىرىگە ئاساسەن تەييارلىدىم.

كاب مالىك ھېكايىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇن راستچىللىقنىڭ مۇھىملىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈش كەم دېگەندە بىر خۇتبە لېكسىيىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەدىس بۇخارىدا خاتىرىلىنىشىچە، مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرگە مۇنداق دېگەن: مەن سىلەرنى ھەممە ۋاقىتتا راست گەپ قىلىشقا بۇيرۇيمەن. چۈنكى، ھەقىقەتنى سۆزلەش تەقۋادارلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان سۈپەت (diety) بولۇپ، بۇ سۈپەت ئادەمنى جەننەتكە باشلايدۇ. ھەمدە بىر ئادەم ئىزچىل تۈردە ھەقىقەتنى سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرسا، ۋە ئاڭلىق ھالدا ھەقىقەتنى سۆزلىسە، ئاللاھ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى «سىددىق» دەپ تىزىملايدۇ (And a man continues to speak the truth, consciously speaks the truth, until the Allah writes him as a Siddiq). «سىددىق» دېگىنىمىز راستچىللار ئېرىشەلەيدىغان ئەڭ ئۈستۈن سالاھىيەتتۇر. مەن سىلەرنى يالغان گەپ قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىمەن. چۈنكى، يالغانچىلىق رەزىللىك (فۇجۇر) كە ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن رەزىللىك ئادەمنى جەھەننەمگە باشلايدۇ. دېمەك، پەيغەمبىرىمىز راستچىللىقنى بىۋاسىتە جەننەتكە باغلايدۇ، ھەمدە يالغانچىلىقنى بىۋاسىتە دوزاخقا باغلايدۇ.

ئىلاۋە: مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچىدە «Siddiq» دەپ يېزىلىدىغان سۆز بىلەن ئۇيغۇرچە «سىدىق» دەپ يېزىلىدىغان سۆز ئوخشاش بىر سۆز ئىكەن. مەن تاكى يېقىنغىچە ئۇيغۇر ئىسىملىرىغا ئىشلىتىلىدىغان «سىدىق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيتتىم. ياسىر قازى لېكسىيىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلدىم. ئۇ ئىسلامدا بىر قىسىم كىشىلەرگە بېرىلگەن بىر شەرەپلىك نام بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «راستچىل» ئىكەن. بۇ نام ئاياللارغا ئىشلىتىلگەندە «سىددىقاھ» (Siddiqah) دەپ يېزىلىدىكەن. بۇ ئىسىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بەزى كىشىلەرگە شەرەپلىك نام سۈپىتىدە بەرگەن ئىكەن [5]. ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىرى تۇنجى قېتىم خەلىپە بولغان ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىدۇر. بۇ سۆزنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرمۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئۈچۈن ئىشلىتەمدۇ-يوق، مەن ئۇنى ياخشى بىلمەيدىكەنمەن. تورلارنى ئىزدەپمۇ بۇ ھەقتە بىرەر ياخشى ئۇچۇر تاپالمىدىم. ئەمما ئۇيغۇرلار ئىسىم قىلىپ ئىشلىتىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. مەسىلەن، مېنىڭ دادامنىڭ ئىسمى سىدىق مەمەت بولۇپ، مېنىڭ ئاقسۇ 1-ئوتتۇرىدىكى سىنىپ مۇدىرىمنىڭ ئىسمى مەمەت سىدىق (بۇ مۇئەللىم ھازىرمۇ ھايات، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام راستچىللىق جەھەتتىمۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇ چاقچاق قىلغاندىمۇ راست گەپ قىلغان. مەسىلەن، ھەدىستىكى بىر رىۋايەتتە دېيىلىشىچە، بىر موماي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، «ئاللاھتىن مېنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ قويۇشنى تىلەپ، ماڭا بىر دۇئا قىلىپ قويغان بولسىڭىز»، دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا «چوڭ ئانا، قېرى مومايلارنىڭ جەننەتكە كىرمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟» دەپ ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ موماي «ۋاي خۇدا، قانداق قىلارمەن» دەپ يىغلاشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئاللاھ ئالدى بىلەن سىزنى بىر ياش قىزغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ»، دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ يالغان گەپ قىلىپ باققان ئەمەس.

ھەممە يەردە راستچىل بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. ئېقىمغا ئەگەشمەي، راست گەپ قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ ھەدىس بىزگە ئاشۇنداق قىيىن پەيتلەردە قانداق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.

بىز كاب مالىكنىڭ ھېكايىسىدىن بىلەلەيدىغان يەنە بىر ھېكمەت شۇكى، ئەگەر بىر ئادەم سىزگە يالغان سۆزلەپ، ئاندىن سىزگە «مەن يالغان گەپ قىلمىدىم» دېسە، سىز ئۇنىڭ سۆزىنى شۇ بويىچە قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە يوشۇرۇنغان نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئاللاھقا قويۇپ بېرىسىز. بولۇپمۇ ئەگەر بىرسى ئاللاھنىڭ نامىنى ئېغىزىغا ئېلىپ تۇرۇپ «مەن ئۇنداق قىلمىدىم» دەيدىكەن، سىز ئۇ قىلغان ھەقىقىي ئىش بىلەن ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان نەرسىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئاللاھقا قويۇپ بېرىسىز.

ئەگەر بىر ئادەم يالغانچىلىقتا ئۆزى ئۈچۈن بىر يامان نامنى تۇرغۇزغان بولۇپ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئۇ كىشىگە نىسبەتەن بىر قىسىم چۈشەنچە شەكىللەنگەن بولسا، سىز پەقەت ئۆز چۈشەنچىڭىزنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ باشقىلارغا دەپ يۈرمىسىڭىزلا، بۇ ئىسلامغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولمايدۇ.


4. چەت ئەلدە نەتىجە ياراتقان ئۇيغۇرلار-ئەكبەر شېرىپ، مىرشاد ئابدۇرېھىم

مەن ئالدىنقى 2 پارچە ماقالەمدە جەمئىي 5 نەپەر قېرىندىشىمىزنى قىسقىچە تونۇشتۇردۇم. مېنىڭ ئۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، ۋەتەندىكىلەرگە خەلقئارا سەھنىلەردە مۇھىم رول ئېلىۋاتقان قېرىنداشلارنى قىسقىچە ۋە ئەينەن تونۇشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ۋەتەندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى كۆڭلىگە چوڭ-چوڭ نىشانلارنى تۇرغۇزۇپ، ياخشى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەمدە باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىغا ئەمەلىي مىسال كەلتۈرۈپ بېرىش. مەن تونۇشتۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىز تۆۋەندىكى 3 شەرتنىڭ كەم دېگەندە بىرىنى قانائەتلەندۈرگەنلەر: (1) چەت ئەلدە ئوقۇپ، بىر يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. (2) چەت ئەلدە ئىشلەپ، بىر مۇھىم كەسپىي خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەن. (3) چەت ئەلدە ئالاھىدە نەتىجە قازانغان. مەن بۇ قېتىم ئىنىمىز ئەكبەر شېرىپ بىلەن مىرشاد ئابدۇرېھىمنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن. بۇ ئىككى ئۇكىلار ھازىر ئائىلىلەر بويىچە بىز تۇرۇۋاتقان لوس ئانژېلىس رايونىدا ياشايدۇ. مېنىڭ مۆلچەرلىشىمچە، چەت ئەللەردە يۇقىرىدىكى 3 شەرتنىڭ كەم دېگەندە بىرىگە چۈشىدىغان قېرىنداشلاردىن بىرەر مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار. ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى شەرتلەرنىڭ كەم دېگەندە بىرسىگە چۈشىدىغان قېرىنداشلارنى بىلسىڭىز، ماڭا شۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى ماڭدۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يېزىپ ماڭدۇرۇپ بەرسىڭىز، ياكى ئۇنى ئۆزىڭىز بىۋاسىتە تورلارغا چىقارسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلار مەندىن يۇقىرىقىدەك قېرىنداشلارنى ئىمكانقەدەر تەپسىلىيرەك تونۇشتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق تەرجىمىھال قانچە تەپسىلىي بولسا شۇنچە ياخشى. مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىز ۋە قوللىشىڭىز ئۈچۈن سىزگە ئالدىنئالا رەھمەت ئېيتىمەن.

مەن ئەمدى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىنىمىزنى تونۇشتۇرۇشنى باشلايمەن.

(6) ئەكبەر شېرىپ

a04_ekber.JPG
4-رەسىم: ئەكبەر شېرىپ 2013-يىلىدىن باشلاپ لوما لىندا ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى (Associate Professor) بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ رەسىم ئاشۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 2014-يىلى 5-ئايدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا تارتىلغان بىر كۆرۈنۈش.

ئەكبەر شېرىپ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان يازغۇچى ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى ئاكىمىزنىڭ ئوغلى. ئۇ بالىلىق ھاياتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. ئۇ قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى 1988-يىلى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، شىئەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ لەنجۇ شەھىرىدىكى غەربىي شىمال پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ۋە تەييارلىق بۆلۈمىدە ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1990-يىلى شىئەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىرگەن، ۋە 1995-يىلى كلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپىدىن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. شۇ يىلى يۇرتىغا قايتىپ، ئۈرۈمچىدە تاشقى ۋە ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن. شۇ جەرياندا ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش تەييارلىقىنى قىلغان. 1999-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەن، ۋە ئوقۇشقا تەييارلىق قىلغان. ئۇ 2001-يىلى لوس ئانژېلىستىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ (UCLA) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانت بولۇپ قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ يېتەكچى پروفېسسورنىڭ تەتقىقات ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. نەتىجىسى ياخشى بولغانلىقتىن مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ۋە ئوقۇش خىراجىتىنى كۆتۈرۈۋېتىش پۇرسىتىگە نائىل بولغان. 2003-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، «ئامېرىكىدىكى نېيسسېرىيە مېنىنگىت كېسىلى ئەھۋالىدىن دوكلات» ناملىق دىسسېرتاتسىيىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇنىڭ مەزكۇر ئىلمىي ماقالىسى تېببىي داۋالاش ساھەسىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان «بالىلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ 2003-يىل ئەتىيازدا لوس ئانژېلىس ناھىيىلىك تېببىي ئىدارىسىنىڭ تارمىقىدىكى ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىش بۆلۈمىگە يۇقۇملۇق كىسەللىكلىكلەر مۇتەخەسسىسى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان (ئامېرىكىدا مەمۇرىي رايونلار شتات، ناھىيە ۋە شەھەر دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكىدەك «ۋىلايەت» مەۋجۇت ئەمەس. يەنى بىر شتاتتا كۆپلىگەن ناھىيىلەر بار بولۇپ، ھەر بىر ناھىيىدە نەچچە ئون شەھەرلەر بار. لوس ئانژېلىس ناھىيىسى نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكىدە پەقەت نيۇ يوركتىنلا كېيىن تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ 15 مىليون نوپۇسى بار. بۇ كالىفورنىيەنىڭ 35 مىليون نوپۇسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى سالمىقىنى ئىگىلەيدۇ). شۇ يىلى، ئۇ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (UCLA) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان، ۋە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن دەرس ئېلىشقا باشلىغان. 2004-يىلى قىشتا ئۇ بوستونغا يىغىنغا بېرىش جەريانىدا دوستى قەيسەر مىجىتنىڭ خانىمى رىزۋانگۈلنىڭ دوختۇرلۇقتا مۇقىم دوختۇرلۇققا (medical residency) گە ئۆتكەنلىكىدىن تەسىرلەنگەن، ۋە بۇرۇنقى قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى كەسپى دوختۇرلۇققا قايتىشقا ئىرادە باغلىغان. ئۇ لوس ئانژېلىسنىڭ تېببىي ئىدارىسىدە ئىشلەش جەريانىدا شەھەردە يۈز بەرگەن سارس، يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى قاتارلىق كېسەللەرنى توسۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئەكبەر بۇ جەرياندا بىر يۈرۈش ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرىدا بىر قانچە قېتىم ئىلمىي دوكلات بەرگەن. ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ دوختۇرلۇق ئىمتىھانلىرىغا جىددىي تەييارلىق قىلغان. بوش ۋاقىتلىرىدا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (USC) دوختۇرخانىسىدا پراكتىكا قىلغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك تۆت چوڭ دوختۇرلۇق ئىمتاھانىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن، 2009-يىلى ئامېرىكىنىڭ نۇقتىلىق مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان لوما لىندا ئۇنىۋېرسىتېتىغا مۇقىم دوختۇر (resident physician) بولۇپ قوبۇل قىلىنىپ، دوكتور-ئاشتى تەربىيىسى (Postdoctoral-training) نى باشلىغان. 2012-يىلى ئۈچ يىللىق دوكتور-ئاشتى تەربىيىسىنى تۈگىتىپ، تولۇق ھوقۇقلۇق دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. شۇ يىلى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپى كېسەللىكلەر مېدىتسىنا گۇرۇھى «US Health Works» نىڭ تارماق دوختۇرخانىسىدا مۇدىر ۋىراچ ياكى تېببىي دىرېكتور (medical director) بولۇپ ئىشلىگەن، ۋە شۇ تارماق دوختۇرخانىسىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئەكبەر 2013-يىلدىن باشلاپ لوما لىندا ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنستىتۇتى (Loma Linda University School of Medicine) نىڭ پروفېسسورى (Associate Professor) ۋە كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ ئىشلىمەكتە (ئامېرىكىدا پروفېسسورلار 3 دەرىجىگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىنگلىزچە «Assistant Professor»، «Associate Professor» ۋە «Full Professor» ياكى «Professor» دەپ ئاتىلىدۇ. «Associate Professor» 2-دەرىجىلىك پروفېسسور بولۇپ، ئۇ پەقەت «پروفېسسور» دىنلا كېيىن تۇرىدۇ. ھەمدە «Associate Professor» بولۇش ئۈچۈن 5 يىلدەك ۋاقىت داۋاملىشىدىغان «سىناق باسقۇچى» نى باشتىن ئۆتكۈزۈش شەرت بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ، «Associate Professor» بولغانلار «ئۆمۈرلۈك پروفېسسور» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقلارنى مەكتەپلەر ئىشتىن چىقىرىۋېتەلمەيدۇ). ئۇ ھەم شۇ مەكتەپنىڭ كەسپىي كېسەللىكلەردە مۇقىم دوختۇر يېتىشتۈرۈش پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى (residency director) ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەۋاتىدۇ. ئەكبەر كەسپىي كېسەللىكلەر ۋە ساقلىق مېدىتسىناسىدىن ئىبارەت ئىككى مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ دىپلوملۇق مۇتەخەسسىسى. ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى كۆپ ۋاقىتلار كېسەل كۆرۈش، ياش دوختۇرلارنى تەربىيىلەش، دەرس سۆزلەش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن ئۆتىدۇ.

a05_ekber.JPG
5-رەسىم: ئەكبەر شېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر. 2012-يىلى كۈزدە تارتىلغان.

پروفېسسور، دوكتور ئەكبەر شېرىپ ئامېرىكىدا ئوقۇش ۋە ئىشلەش جەريانىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق، «بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى» ، «كېسەللىكلەرنى كۆزىتىشتە تەرەققىياتلار» قاتارلىق ژۇرناللاردا «ئامېرىكىدا نېيسسېرىيە مېنىنگىت كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم ھەققىدە ئومۇمى خۇلاسە»، «لوس ئانژېلىستىكى ئاپتوماتلاشقان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆزىتىش سىستېمىسى»، «2007-يىلى ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن لوس ئانژېلىستىكى چوڭ ئوت ئاپىتىنىڭ شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى» قاتارلىق 15 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.

ئەكبەر يەنە «بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى» ۋە «ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمى ژۇرنىلى» قاتارلىق غوللۇق ژۇرناللارنىڭ «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسى» (reviewer) بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر ئامېرىكا دوختۇرلار بىرلەشمىسى (AMA) ۋە كالىفورنىيە دوختۇرلار بىرلەشمىسى (CMS) قاتارلىق تېببىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى.

ئىنىمىز ئەكبەر ئامېرىكىدىكى لاياقەتلىك بولۇش ئىنتايىن قىيىن بولغان دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ، رەسمىي كىنىشكىلىق دوختۇر بولالىغان بىر قانچە ئۇيغۇر ئۇكىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقىدەك بىر ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىنى يازسا، ئۇ بىر كىتاب بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈۋاتقىنىمغا 15 يىلدەك ۋاقىت بولغان بولۇپ، ئۇ ياشاپ باققان بىر قىسىم جاپالىق تۇرمۇشلارنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. مەن ئۇنىڭ پولاتتەك ئىرادە باغلاپ، بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش روھىغا بارىكاللا ئوقۇيمەن، ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرقىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىنىدىن ناھايىتىمۇ پەخىرلىنىمەن. ئامېرىكىدا رەسمىي دوختۇر بولغان ئۇكىلارنىڭ ھەممىسىنى يېقىندا ئىنىمىز قەيسەر مىجىت «ئامېرىكىدىكى دوختۇر ئۇيغۇرلار» دېگەن يازمىسىدا ئازراق تونۇشتۇردى [6].

گەرچە ھازىر چەت ئەلدە ياشىسىمۇ، ئەكبەر ئۆز خەلقىگە تېببىي ساھەدە ياردەم قىلىشنى ناھايىتىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ.

ئەكبەر كالىفورنىيەنىڭ رېدلەند (Redland) شەھىرىدە ئايالى مىھراي ۋە تۆت بالىسى بىلەن بىللە ياشايدۇ. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بىر قىسىم مۇھىم نەتىجىلىرىنى بىلەلەيسىز.
<http://lluoccmed.com>
<http://www.llu.edu/pages/faculty ... tml?uid=asharip>
<http://lomalindahealth.org/doctors/profile/Sharip-Akbar.html>
<http://www.healthgrades.com/physician/dr-akbar-sharip-ghmx8>


(7) مىرشاد ئابدۇرېھىم

a06_20140318_164005.jpg
6-رەسىم: مىرشاد ئابدۇرېھىم. 2014-يىلى 18-مارت كۈنى تارتىلغان.

مىرشاد ئابدۇرېھىم شاھابىدىن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆستى. 1990-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىدا 10 يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. 2000-يىلى ئاۋسترىيەنىڭ «Innsbruck University» غا ئوقۇشقا چىقىپ، ئاتوم فىزىكىسى كەسپىدە ئىككى يىل بىلىم ئاشۇردى. 2002-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن دەسلەپتە ئىنگلىز تىلى كەسپى مەكتەپلىرىدە ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى. 2004-يىلى ئامېرىكىنىڭ «Overhoff Technology Corporation» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇقىرى تېخنولوگىيىلىك ئېلېكترونىكا شىركىتىدە «رادىئاكتىپلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى تەتقىق قىلىش ھەم ياساش ئىنژېنېرى» بولۇپ ئىشلىدى. مىرشاد بۇ شىركەتتە ئىشلەش جەريانىدا ئاساسلىقى رومانىيىنىڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئالاھىدە زاكاز قىلغان ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىشىنى سېزىش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىش ھەم ياساپ چىقىش قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسىدا ئىشلىدى.

2006-يىلى «Ronan» دەپ ئاتىلىدىغان رادىئاكتىپلىق نۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سانائەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركىتىگە ئالمىشىپ، رادىئاكتىپلىق نۇردىن قوغدىنىش بۆلۈمىنىڭ نازارەتچىسى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ 2008-يىلى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقئارا ۋە ئامېرىكىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان «Rapiscan Systems» دەپ ئاتىدىغان شىركەتكە ئالمىشىپ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ مۇشۇ شىركەتنىڭ «رادىئاكتىپلىق نۇردىن قوغدىنىش ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك ساقلىقنى ساقلاش فىزىكىسى» بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ شىركەت خەلقئارادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك گامما نۇرى ۋە ئېكس نۇرى (رېنتگېن نۇرى) بىلەن سۈرەت چىقىرىش ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ئەسۋابلىرى ئاساسلىقى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىپلا قالماستىن، ئۇلار يەنە خەلقئارادىكى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىنىدۇ.

a07_2013-05-30_13-25-04_54.jpg
7-رەسىم: مىرشادنىڭ زىيانلىق رادىئاتسىيىنى تەكشۈرۈۋاتقان بىر كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 30-ماي كۈنى تارتىلغان.

قىسقىسى، ئىنىمىز مىرشاد باشلانغۇچتىن تارتىپ تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ھەممە ئوقۇشنى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ تاماملىغان بولسىمۇ، ئۆزى قاتتىق تىرىشىپ، ھازىر ئامېرىكىدىكى بىر ئىنتايىن مۇھىم شىركەتنىڭ تېخنىكىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورنىغا ئېرىشتى. ھازىر ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا نۇرغۇن جايلىرىنىڭ ئايرۇدۇرۇملىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان، ئايروپىلانلارغا چىقىشتىن بۇرۇن يولۇچىلارنىڭ بەدىنى ۋە ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تەكشۈرىدىغان گامما نۇرى ۋە ئېكس نۇرى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىنى مىرشاد ھازىر ئىشلەۋاتقان شىركەت ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، ئىنىمىز مىرشاد ئاشۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشتەك بىر مۇھىم خىزمەتنى ئۆتەۋاتىدۇ. مەن ئىنىمىز مىرشادتىن ناھايىتىمۇ پەخىرلىنىمەن.


5. ئاخىرقى سۆز

ماڭا خېلى كۆپ ياش دادا ۋە ياش ئانىلار خەت يېزىپ، مەندىن بالىلاردا ياخشى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ ھەممىسىدە ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئەخلاقىغا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئائىلە بىلەن مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيىسى ناھايىتى سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بولۇپمۇ ئائىلىلەردە بالىلار ئانچە-مۇنچە گەپ چۈشىنىدىغان بولغان ۋاقىتتىن باشلاپلا، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، بالىغا ھەر بىر كىچىك ئىشتىن باشلاپ چوڭ ئىشلارغىچە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، ۋە مەدەنىي ئەدەپ-ئەخلاقلارنى ئۆگىتىدۇ. ئومۇمىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، جەمئىيەتتە چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنى ئەخلاقسىزلىق ئىشلىرىغا باشلايدىغان ئەھۋاللار ئاساسەن يوق بولۇپ، چوڭلار كىچىكلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىق قىلغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنى ھەر ۋاقىت ۋە ھەممە يەردە توسىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىر قوۋمنى ناھايىتى يۇقىرى سۈپەتلىك ئەخلاقىي ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشتە مۇنداق ئىككى نەرسە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىرى قانۇن، يەنە بىرى دىن. ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە بۇ ئىككى نەرسىنىڭ ئەھۋالى قانداق ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم. قانۇندا ئادالەتسىزلىك يامراپ كەتكەن بىر جەمئىيەتتە بالىلارغا ئادالەتپەرۋەرلىكنى ئۆگىتىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئەمما ئائىلە ئىچىدىكى مۇناسىۋەت ۋە دوستلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا ئوخشاش بىر قىسىم ئىشلاردا ئائىلە تەربىيىسى ۋە دىنىي تەربىيە ئارقىلىق بالىلارغا نۇرغۇن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگەتكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىدا گۈزەل ئەخلاق ۋە مۇسۇلمانلار ئائىلىسىدىكى بالا تەربىيىسى ھەققىدە بىر قاتار ئىلغار ۋە مۇكەممەل ئىدىيىلەر بار بولۇپ، مەن ئۇ جەھەتلەردە بىر قىسىم ياخشى ماتېرىياللارنى توپلىدىم. ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەت ئۇنداق نەرسىلەرنى يېزىشقا ماس كەلمەيدىغان بولغاچقا، مەن ئۇنداق مەزمۇنلارنى يېزىپ تونۇشتۇرۇشنى كېيىنگە قالدۇردۇم. ئاللاھ خالىسا مەن كېيىنچە ئۇلارنىمۇ تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن.

2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش تەشەببۇسى ئاستىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر قىسىم يېڭى ئىدىيىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى سۈپىتىدە مەن تورداشلارغا تۆۋەندىكىلەرنى بىر ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن:

(1) 2015-يىلى كىتاب ئوقۇش يىلى ئۈچۈن بىر قىزنىڭ تەكلىپى
<http://bbs.bozqir.net/forum.php? ... 0&extra=&page=1>

(2) (كىتاب ئوقۇش يىلى) كىتاب توپ تارقىتىدىغانلار بارمۇ؟
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=61374#lastpost


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Twelve Truths About Lying
<http://whatwillmatter.com/2014/12/p0ster-12-truths-lies/>

[2] Importance of Trust and the Insidiousness of Lying in Business and Life
<http://josephsoninstitute.org/bu ... iness-and-life/>

[3] Battle of Tabouk
<http://en.wikipedia.org/wiki/Battle_of_Tabouk>

[4] Seerah of Prophet Muhammad 88 - Story of Ka'b b. Malik,  Dr. Yasir Qadhi.  3rd September 2014
https://www.youtube.com/watch?v=h8S98oEMDqY

[5] Siddiq
<http://en.wikipedia.org/wiki/Siddiq>

[6] قەيسەر مىجىت: «ئامېرىكىدىكى دوختۇر ئۇيغۇرلار»
http://bbs.izdinix.com/thread-60964-1-1.html

ھەممە تورداشلارنىڭ 2015-يىلى يېڭى يىل بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

a08_gul.JPG
8-رەسىم: بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بىزنىڭ ئۆيدىكى بىر تاشتەك گۈل جانسىزلىنىپ، بىزگە زادىلا ئېچىلىپ بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇنى تاشلىۋېتىشكە كۆزۈم قىيماي، ئۇنى ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى بىر كىچىك گۈللۈككە تىكىپ قويدۇم. بۈگۈن (يەنى 2014-يىلى 23-دېكابىر كۈنى) قارىسام، ئۇ گۈل شۇنداق چىرايلىق ئېچىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ رەسىمىنى بۇ يەرگە چىقىرىپ قويدۇم. بۇ مېنىڭ سىلەرگە سۇنغان يېڭى يىللىق سوۋغىتىم بولۇپ قالسۇن.

a09_asman.JPG
9-رەسىم: 2014-يىلى 21-دېكابىر كۈنى كەچتە بىزنىڭ ئارقا ھويلىمىزدا تۇرۇپ تارتىۋالغان بىر كۆرۈنۈش.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 02:36 PM  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

18

تېما

2266

يازما

2284

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 75010
يازما سانى:
2266
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4950
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
1616 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-7
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2014-12-26 15:51:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق،يالغانچىلىققا بەزىدە مەجبۇر بولۇپ قالىمىز.
ئەمما ماۋۇ باشقىلارنىڭ بىر كىسەكتىن بىر كىسەكتىن قۇپۇرۇلغان يەنى ھەر بىر كىسەك ئىشەنىچ دەپ قارىساق بۇ ئىشەنىچلەر ئاساسىغا بىر يالغانچىلىق ئارلاشسا ھەممىسى نۆل بولىدىغانلىقى راس،بىراق بۇنى كەسىپ قىلىۋالغانلار نۇرغۇن.يالغانچىلاردا شارائىتمۇ ياخشى،بەزىدە يالغانچىغا بىلىپ بىلمەي يولغا كىرىپ قالىدىغان ئىشلاردىن ساقلانماق تەس بولىۋاتىدۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

3

تېما

301

يازما

304

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 27565
يازما سانى:
301
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7423
تۆھپە :
389
باھا :
302
توردا:
5470 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-1-24
ئاخىرقى:
2016-3-11
ۋاقتى: 2014-12-26 16:04:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا ،ئالدى بىلەن سىزگە چوڭقۇر سالامىمنى يوللايمەن ، سىزنىڭ يەنە بىر نادىر ماقالىڭىزنى ئوقۇپ يەنە بىر قېتىم ھاياجانلاندىم ھەمدە سىڭلىم مىھراينىڭ بىر ئائىلە كىشلەر بىلەن چۇشكەن سۈرىتىنى  ماقالىڭزغا قىستۇرغانلىقىدىن بەكمۇ خۇش بولدۇم .سىزنىڭ ھەر بىر پارچە ماقالىڭىز ھازىرقىدەك ئالاھىدە روھى ھالەتتە تۇرۇۋاتقان خەلقىمىزگە ئىلھام ۋە ئۈمۈد ئاتا قىلىۋاتىدۇ،خەلقىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەۋاتىدۇ، سىز ھەم سىزدەك  ئۆز خەلقىگە ئەمىلي خىزمەت كۆرسىتەلىگەن مىللەتسۆيەر ئالىملىرىمىز لا  بىزگە ھەقىقى  مەنىۋى تۈۋرۈك بولالايدۇ، سىز خەلقىمىزنىڭ ئۈمۈد چىرىقى ھەم روھى بايلىقى ، باسقان ئىزىڭىزدىن مەڭگۇ گۈللەر پورەكلىسۇن !!!تېنىڭىزگە سالامەتلىك ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك ۋە بەخىت تىلەيمەن!  

1

تېما

15

يازما

16

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 106605
يازما سانى:
15
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
387
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
64 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-5-10
ئاخىرقى:
2016-3-4
ۋاقتى: 2014-12-26 16:21:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەركىن سىددىق ئاكا، بىزگە مۇشۇنداق ئىسىل مەزمۇنلارنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ تەششەككۈر

ھايا ئىنساننىڭ ئ

7

تېما

479

يازما

486

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 61363
يازما سانى:
479
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4595
تۆھپە :
140
باھا :
130
توردا:
231 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-10-20
ئاخىرقى:
2015-10-29
ۋاقتى: 2014-12-26 16:35:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم . بۇ تىما بىزگە چەتئەلنىڭ ئەخلاق قارىشىنى تونۇتتى .

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

باشقىلارغا تەبە

15

تېما

2492

يازما

2507

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18033
يازما سانى:
2492
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7665
تۆھپە :
306
باھا :
443
توردا:
7944 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-18
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2014-12-26 17:08:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار  باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1`2يىللىقىدا  ئوقۇتقۇچنىڭ سۆزىنى بەكلا ئاڭلايدىكەن.مەكتەپتە نېمە تاپشۇرۇق ئورۇنلارشتۇرساق شۇنى دادىسى ئانىسىغا ئېيتىپ ئىمكان بار قىلىشنى ئويلايدىكەن. 3-يىللىققا چىققاندا بولسا بۇخىل ھالەت ئۆزگىرىشكە باشلايدىكەن. تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن بالىلاردىن ، نېمىشقا تاپشۇرۇقنى ئورۇندىمىدىڭ دېسە ،يالغاننى توقۇشنى باشلايدىكەن.تېخى بەزى بالىلار ئائىلىسىگە تاپشۇرۇق بەرسىمۇ بەرمىدى دەپ بارىدىكەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

نۇرلۇق ھايات!

48

تېما

1490

يازما

1538

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 33575
يازما سانى:
1490
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
15712
تۆھپە :
444
باھا :
563
توردا:
3719 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-3-12
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2014-12-26 18:03:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا، يەنە بىر ياخشى تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، يالغانچىلىق ئىنساننى گۇناغا باشلايدۇ. ئاللاھ ساقلىسۇن .نەچچە كۈندىن سىز يوقاپ كەتسىڭىز، كۆڭلۈم يېرىم بوپ قالغان ئىدى رەنجىپ قالغانمىدۇ بىزدىن دەپ ئەتىگەندىن نەچچە قاراپ كەتتم تېمىڭىز چىققانمىدۇ ?دەپ، سىز بولمىسىڭىز بولمايدىكەن بىگە ئاسماندا قۇياش يوقتەك بىلىنىدىكەن، سوغىڭىزنى قوبۇل قىلدۇق، بىز قاچانمۇ سوغا برەمىز سىزگە، مىنىڭ باققان گۈلۈم ئىچىلاي دەپ قاپتۇ ،بەكلام چىرايلىق ئىچىلىدىغان گۈل، تىكەن گۈل دەپ قويىمىز،بەك ئاز ئىچىلىدىغان گۈل، رەسىمگە تاتالايمەن ئىۋەتىشنى بىلمەيمەن،
يەنە بىر گەپ ئاكا،ئاسماندىكى ئاينى ئاسمانغا قاراپ چىقسا بولمايدۇ? دەيدىكەن، بۇنىڭ ئىلمى ئاساسى بارمىدۇ? بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىپارە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-26 06:06 PM  


2

تېما

338

يازما

340

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 10551
يازما سانى:
338
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10188
تۆھپە :
340
باھا :
270
توردا:
2127 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-9-16
ئاخىرقى:
2016-3-13
ۋاقتى: 2014-12-26 18:45:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر جۈمە كۈنى ئىسىل ماقالىلىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ كېلۋاتىمىز، سىزگە كۆپ تەشەككۈر ئاكا، تېنىڭىز سالامەت بولسۇن.

2

تېما

346

يازما

348

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109197
يازما سانى:
346
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1145
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
164 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-8-15
ئاخىرقى:
2016-2-13
ۋاقتى: 2014-12-26 19:20:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان،
ئاخىر قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.

11

تېما

545

يازما

556

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 35
يازما سانى:
545
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8181
تۆھپە :
354
باھا :
293
توردا:
983 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-19
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2014-12-26 19:49:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ مەنزىرە مەن ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان مەنزىرە . قانداقكىن مۇشۇنداق ۋاقىتتا ھاۋا ماڭا بەك ساپ بىلىنىدۇ .

115210a12k21azzfwr2pbt[2].jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-3-13 01:24 AM, Processed in 0.148428 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش