مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2411|ئىنكاس: 13

«باھادىرنامە» رومانىدىكى ماقال- تەمسىللەر توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 12:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
c0a0d474jw1emhlipoa7yj20dw0ken4u.jpg

«باھادىرنامە» رومانىدىكى ماقال- تەمسىللەر توغرىسىدا

رۇقىيە قادىر



قىسقىچە مەزمۇنى: ماقال- تەمسىللەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە جايىدا قوللىنىلسا ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىنى ئاشۇرۇشتا زور ياردىمى بولىدۇ. «باھادىرنامە» رومانى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. بۇ ماقالىدە«باھادىرنامە» رومانىدىكى ماقال- تەمسىللەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىش ئالاھىدىلىكلىرى، ئەھمىيىتى تەھلىل قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: باھادىرنامە؛ ماقال- تەمسىل؛ بەدىئىيلىك

«باھادىرنامە» رومانى بەدىئىيلىك، تىل ئىشلىتىش، پىرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىش، بايان ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن رومانلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ روماننىڭ تارىخنى بەدىئىي يوسۇندا ئەكىس ئەتتۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ گەۋدىلىك.
روماندا«14- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 16- ئەسىرنىڭ بېشىغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ئەتراپلىق سۈەتلىنىپ»، «تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادلىرى بىلەن ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنىڭ تەخت-سەلتەنەتكە ۋارىسلىق قىلىش، گۈللىنىش، زاۋاللىققا يۈزلىنىش ۋە قايتا باش كۆتۈرۈشتەك تارىخىي جەريانى داستان(ئىپوس) خاراكتىرلىك يورۇتۇپ بېرىلگەن.»① ئالىملار تارىخنى ئوبىكتىپ تارىخ، يازما تارىخ ۋە بەدىئىي تارىخ، دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلگەن. بەدىئي تارىخ ئەدەبىيات بىلەن تارىخ زىچ بىرلىشىپ كەتكەن تارىخى رومانلاردا كۆپرەك ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. «تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن»، «بابۇرنامە» قاتارلىق ئەسەرلەر تارىخ ئەسەرلىرى قاتارىدا سانالسىمۇ بەدىئىيلىكى ناھايىتى كۈچلۈك. «باھادىرنامە» رومانىمۇ كەڭ ۋە مۇرەككەپ ۋەقەلىك، مول تارىخى ئۇچۇر، چوڭقۇر مەزمۇننى ئۆزىگە سىغدۇرغان. تارىخىيلىق بىلەن بەدىئىيلىكنىڭ زىچ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى پەللە ياراتقان بۇ روماننى ئۆگىنىش ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردىن تەتقىق قىلىش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.
روماننىڭ بەدىئىيلىكىنى تەتقىق قىلغاندا، ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولغان ماقال- تەمسىللەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. فولكلور يېقىدىن قارىغاندا، روماندىكى ئۆرپ- ئادەت، ھۈنەر- كەسىپ، مۇراسىم- قائىدە، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق فولكلور ئامىللىرى بىلەن بىر قاتاردا ماقال- تەمسىللەر خېلى مۇھىم سالماقنى ئېگىلەيدۇ.
روماننى ئوقۇغان ھەربىر ئوقۇرمەن شۇنى بايقىماي قالمايدۇكى، روماننىڭ ئەڭ روشەن بەدىئي خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى، خەلق ماقال- تەمسىللىرنى جايىدا، ئۈنۈملۈك قوللانغانلىقىدۇر. بۇ ماقال-تەمسىللەر سان جەھەتتىن كۆپ بولۇپلا قالماستىن، ئوي-پىكىرنى دەل ئىپادىلەش، روماندىكى پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنى كۈچەيتىش، ھايات ھېكمەتلىرىنى خۇلاسىلەش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم رول ئويناپ، روماننىڭ بەدىئىيلىكىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.
دەرۋەقە ماقال-تەمسىللەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇپ، «خەلق تىلىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى تاللىنىپ، تاۋلىنىپ چىققان جەۋھىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ تىل جەھەتتىكى ئىستېتىك قىممىتى ناھايىتى زور. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ماقال-تەمسىللەر ئىنتايىن ئىخچام، ئاممىباب، ئوبرازلىق، رىتىملىق ۋە كۆپىنچە قاپىيىلىك تۈزۈلگەچكە، كىشىلەرگە يۈكسەك بەدىئىي زوق بېرەلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن، ماقال-تەمسىللەرنى بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك نەمۇنىسى دىيىشكە بولىدۇ.»② شۇنداق بولغانىكەن، ماقال-تەمسىللەر بەدىئىي ئەدەبىياتتا مۇۋاپىق قوللىنىلسا بەدىئىيلىك ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالايدۇ، ئەسەرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى ئاشۇرىدۇ.
  
«باھادىرنامە» دىكى ماقال-تەمسىللەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە:
1. قوللىنىلغان ماقال-تەمسىللەر سان جەھەتتىن كۆپ بولۇپ 120خىلدىن ئاشىدۇ. (تەكرارلانغانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.) بىر مىللەتنىڭ تىل بايلىقى روماندا ئەڭ گەۋدىلىك ئەكىس ئېتىدۇ، ماقال- تەمسىللەر بىر مىللەتنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى. گەرچە ساننى كۆپ تەكىتلەشنىڭ بەك ئاكتىپ ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ، ماقال- تەمسىللەر بۇ روماندا مەلۇم سالماقنى ئېگەللەپ، رومانننىڭ ئىپوسلۇق خاراكتىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
2. بەزى ماقال-تەمسىللەر كۆپ قېتىم تەكرارلانغان. مەسىلەن: «ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ» ئۈچ قېتىم(25-674-1837-بەتلەردە)، «يېتىپ قالغۇچە ئېتىپ قال» دىگەن ماقال ئىككى قېتىم(25-974-بەتلەردە)، «قازاغا رىزا، بالاغا سەۋر» دىگەن ماقال يەتتە قېتىم (84-500-772-1948-2524-2548-2207-بەتلەردە)، «سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن» دىگەن تەمسىل ئۈچ قېتىم(87-708-1089-بەتلەردە)، «سۈتتە ئاغزى كۆيگەن ئادەم قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچەرمىش» دىگەن تەمسىل ئىككى قېتىم(87-330-بەتلەردە)، «ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا» دىگەن ماقال ئىككى قېتىم (198-623-بەتلەردە)، «كۆڭۈل دىگەن پادىشاھ، كۆيگەن كىشىگە تارتىشا» دىگەن ماقال ئىككى قېتىم(223-76-بەتلەردە)، «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» دىگەن تەمسىل ئىككى قېتىم(603-2480-بەتلەردە)، «جەڭنىڭ بىرى جەڭ، توققۇزى رەڭ» دىگەن ماقال تۆت قېتىم (287-330-404-2696-بەتلەردە)، «گەپ بىر، قۇلاق ئىككى» دىگەن تەمسىل ئىككى قېتىم(528-911-بەتلەردە)، «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» دىگەن تەمسىل ئىككى قېتىم(546-1302-بەتلەردە)، «ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ» دىگەن تەمسىل ئىككى قېتىم(566-2396-بەتلەردە)، «سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالگا پىشىدۇ» دىگەن تەمسىل ئىككى قېتىم(87-688-بەتلەردە)، «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دىگەن ماقال ئۈچ قېتىم (999-2100-2689-بەتلەردە)، «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق» بەش قېتىم (1091-1163-2308-2400-2193-بەتلەردە)، «توخۇ يېگەن ئىتنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىۋەتسىمۇ خۇيىنى تاشلىماپتۇ» دىگەن تەمسىل ئىككى قېتىم(1187-2476-بەتلەردە)، «سەگنى ئۇرساڭ ئېگىسىگە باق» دىگەن تەمسىل بەش قېتىم(1311-1585-1730-1917-2149-بەتلەردە)، «كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق» دىگەن تەمسىل ئىككى قېتىم(1334-2296-بەتلەردە)، «ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك» دىگەن تەمسىل ئىككى قېتىم(1357-1985-بەتلەردە)، «خۇدايىم قارىغۇنى كۆزىدىن ئايرىسىمۇ ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ» دىگەن تەمسىل ئىككى قېتىم(1414-2262-بەتلەردە)، «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دىگەن تەمسىل ئىككى قېتىم(1820-2441-بەتلەردە) تەكرارلانغان.
بىر تىلدىكى سۆزلۈك ھەرقانچە كۆپ بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا چەكلىك ساندا بولىدۇ. بۇنى ئېنىق سىتاتىستىكا قىلىش تامامەن مۇمكىن. «باھادىرنامە» رومانىنىڭ پۈتۈن ھەجىمى 2762 بەت. بۇنچە چوڭ ھەجىملىك روماندا سۆزلەرنىڭلا ئەمەس، ماقال – تەمسىللەرنىڭمۇ ئىشلىتىلىش چاستوتىسى يۇقىرى بولۇشى تەبئىي ئەھۋال.
3. تەكرار ئىشىلىتىلگەن ماقال-تەمسىللەرنىڭمۇ بەزىلىرى ئوخشاش تەكرارلانغان، بەزىلىرى ئوخشىمىغان شەكىللەردە كەلگەن. روماندىكى قايسى جايدا ماقال- تەمسىل قوللىنىش زۆرۈر بولسا شۇ يەردە ماس كېلىدىغان ماقال- تەمسىل قوللىنىلغان. روماندىكى كونكىرىت ئەھۋالغا ئاساسەن پىرسوناژنىڭ تىلىدىن قانداق دىيىلىشى مۇۋاپىق بولسا شۇ خىل ئۇسۇلدا دىيىلگەن.
مەسىلەن: «ھە، ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا قىلىدىكەنمىز-دە»(1474-بەت)، «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا بولىدىكەن –دە»(2635-بەت)
«گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ، دەپ...» (2698-بەت)، «گۇمان ئىماننى ئىماننى قاچۇرۇپتۇ، دىگەندەك...» (1490-بەت)
بۇنداق تەكرارلاشنى روماننىڭ چوڭ ھەجىمىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئارتۇقچىلىق دەپ قاراشقا بولىدۇ.
4. مەزمۇن ئېھتىياجى بويىچە ئىككى ماقال-تەمسىل ئارقىمۇ- ئارقا ئىشلىتىلگەن ئەھۋاللارمۇ بار. مەسىلەن: «ياغاچ قازاندىمۇ بىر قېتىم ئاش پىشىدۇ»، «خەر جېنىدا بىر قېتىم پۇتى سېپىلغان كۆۋرۈكتىن ئىككىنچىلەپ ئۆتمەس»،(315-بەت)، « قول ئىچىگە ئېگىلۇر» (2028-بەت)، «قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس»(2028-بەت) دىگەن تەمسىللەر ئارقىمۇ-ئارقا قوللىنىلغان. بۇنداق قوللىنىش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ تىلىنى ئىخچام ۋە راۋان، دەل ۋە قايىل قىلارلىق، پەلسەپىۋىيلىكى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە قىلغان. بىر ماقال – تەمسىلنى دەپ بولۇپ، يەنە بىرنى ئارقىدىنلا دىيىش پىكىرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئوينىغان. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردە ماقال– تەمسىللەرنى ئارقىمۇ – ئارقا ياكى باشقا شەكىللەردە قوللىنىشقا چەك قويۇلغان ئەمەس. پەقەت ئەسەر ئۈچۈن جايىدا رول ئوينىيالىسىلا قانداق قوللىنىش يازغۇچىنىڭ بەدىئىي دىتىغا باغلىق مەسىلە.
5. ماقال-تەمسىللەرنىڭ بەزىلىرى ئۆز پېتى قوللىنىلغان، بەزىلىرى ئۆزلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىلغان. ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىرىمۇ بەزىلىرى تولۇق، بەزىلىرى قىسمەن ئۆزلەشتۈرۈلگەن. «قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس» (835-بەت)، «ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيۈر»(44-بەت) قاتارلىقلار ئۆز پېتى كەلگەن. ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىرى مۇنداق بىر قانچە خىل شەكىلدە كەلگەن.
بىرىنچى، ماقال-تەمسىل ئاخىرىغا«...دەپ، ...دەپتىكەن،...دىگەندەك ،  
...ئەمەسمۇ؟ ...مانا شۇ،...دېگىنى موشۇ ئوخشايدۇ» دىگەندەك سۆزلەر قوشۇلغان. مەسىلەن:«سۆزنى تاپقاندا يار يوق،يارنى تاپقاندا سۆز، دەپ»(222-بەت)، « مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپتىكەن» (226-بەت)، «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال، دىگەندەك»(90-بەت)، «گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن، دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟»(1495-بەت)، «سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى، دېگىنى شۇ ئوخشايدۇ»(484-بەت)، «ئۆتنىگە لاپقۇت، دىگەن ئەنە شۇ»(766-بەت) قاتارلىقلار.
ئىككىنچى، «پازىللار...دەپتىكەن»، «كىشىلەر...دىيىشىدىكەن»، «ئابا-ئەجدادلىرىمىز...دىگەن» شەكىللەردە ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىرى «پازىللار ئېغىرلىق–رەھمانلىق، يەڭگىللىك–شەيتانلىق، دەپتىكەن» (113-بەت)، «پازىللار:‹ئون ئۆلۈكتىن بىر شېھىت ئەلا، ئون شېھىتتىن بىر تىرىك ئەلا› دىگەنىكەن.» (355-بەت)، «كىشىلەر يېڭى كوزىنىڭ سۈيى سوغۇق دېيىشىدىكەن.»(515-بەت)، «شۇڭا ئابا-ئەجدادلىرىمىز ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ قىز ئال، دىگەن.»(663-بەت) قاتارلىقلار.
ئۈچىنچى، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئەھۋاللارمۇ بار. مەسىلەن: «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس»، «ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق» دېگەنگە ئوخشاش ماقال- تەمسىللەرنى «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسمەكلىك كاتتا ئىشلارنى روياپقا چىقىرىشنىڭ رىسالىسىدۇر»(1820-بەت)، «بول زاماندا ئاشۇنداق ئىزگۈ ئارمانلارنى يېسەكمۇ شۇنىڭغا تۇشلۇق دەرمانىمىز يوقتۇر.»(1823-بەت)، «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ جەڭگە چۈشسەك...»(2400-بەت) دېگەندەك تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ قوللانغان.
«ماقال – تەمسىللەر ئادەتتىكى تىل ئالاقىسىدە قوللىنىلغاندا، جۈملە ئىچىدە خۇددى ھېكىمەتلىك سۆزلەردەك كۆچۈرمە جۈملە ۋە ئۆزلەشتۈرمە جۈملە شەكلىدە قوللىنىلىپ، ئۆزى قاتناشقان جۈملىنىڭ كېڭەيگەن بۆلىكى بولۇپ كېلىدۇ.»③ روماندىكى ماقال- تەمسىللەر كۆپىنچە پېرسوناژلارنىڭ دېئالوگى ياكى مونولوگى ئىچىدە كەلگەن بولۇپ، شۇڭا بۇنداق ئۆزلەشتۈرۈپ قوللانغاندا پىرسوناژغا جان ۋە قان ئاتا قىلىپ، پىرسوناژلار خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە مەزمۇننى بېيىتىش رولىنىمۇ ئوينىغان. بۇ  
ماقال- تەمسىلدىن ئىبارەت تەييار تىل ماتىرىيالىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئەسەرنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتۇر.
6. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان ماقال-تەمسىللەر قوللىنىلغاندىن باشقا، روماندا ئەكس ئەتكەن تارىخى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئانچە كۆپ قوللىنىلمايدىغان ماقال –تەمسىللەرمۇ قوللىنىلغان. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە دەۋر پۇرىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. «خەرنىڭ گۆشى، سەگنىڭ چىشى» (721-بەت)، «ئەدەبتىن ئەمىر ئۇلۇغ»(1409-1489-2677-بەتلەر) دىگەنگە ئوخشاش.
«جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، كىشىلەرنىڭ شەيئىلەر توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى سەۋەبىدىن خەلق تۇرمۇشىغا كىرىپ كەلگەن يېڭى شەيئىلەر تىلدىكى تۇراقلىق تەركىبلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن»④ ئوخشاش قائىدە بويىچە بولغاندا ئىلگىرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان ماقال – تەمسىللەرمۇ ئۇزاق زامانلاردىن كىيىن ئىستېمالدىن قېلىشى مۇمكىن. يۇقىرىدا دىيىلگەن «خەرنىڭ گۆشى، سەگنىڭ چىشى»، «ئەدەبتىن ئەمىر ئۇلۇغ» دېگەندەك ماقال- تەمسىللەر ھازىر كۆپ قوللىنىلمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ماقال-تەمسىللەرنىڭ شۇ دەۋرگە خاس ۋارىيانىتلىرى ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: «ياخشى سەگ ئۆلۈكىنى ئېگىسىگە كۆرسەتمەيدۇ» (1657-بەت)، «ئارتۇق گەپ خەرگە يۈك.» (1357-بەت) دىگەن ماقال- تەمسىللەرنى تۇرمۇشىمىزدا «ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەپتۇ»، «ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك» دەپ قوللىنىمىز.
  «ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى مول پەلسەپىۋىي مەنىگە ئىگە، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى. ئۇ تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چېتىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەۋي ئېتىقادى، مەنىۋىي ساپاسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.»⑤ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلانغان بۇ روماندا ماقال- تەمسىللەرنى كەڭرى قوللىنىشى ۋە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ شۇ  دەۋر مەدەنىيىتى، ئېتىقاد، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەشكە بەلگىلىك دەرىجىدە ياردىمى بولغانلىقى روماننىڭ بىر قىممەتلىك تەرىپى.  


ئىزاھاتلار :  
① ياسىنجان سادىق چوغلان: «باھادىرنامە»، 2010-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى، 1-بەت
② ئابلىمىت مۇھەممەت: «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا-سەھىيە نەشىرىياتى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى، 2002-يىل 8-ئاي، 1- نەشىرى، 259- بەت
③ مەمتىمىن سالى، تۇراپ قاسىم قاتارلىقلار: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»(ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك)، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 2000- يىل 9- ئاي 1- نەشىرى، 181- بەت
④ مەمتىمىن سالى، تۇراپ قاسىم قاتارلىقلار: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك)، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 2000- يىل 9- ئاي 1- نەشىرى، 175- بەت
⑤ ئابلىمىت مۇھەممەت يىلتىزلىق: «ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى، 2010- يىللىق 3- سان.

پايدىلانمىلار:
  
1.       مۇھەممەتجان سادىق: «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە»،  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1995-يىل 4-سان.
2.       
ياسىنجان سادىق چوغلان: «باھادىرنامە»، 2010-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى
3.       
ئابلىمىت مۇھەممەت: «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا-سەھىيە نەشىرىياتى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى، 2002-يىل 8-ئاي، 1- نەشىرى
4.       
مەمتىمىن سالى، تۇراپ قاسىم قاتارلىقلار: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»(ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك)، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 2000- يىل 9- ئاي 1- نەشىرى
5.       
ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى، 2007-يىل 6-ئاي نەشىرى.
6.       ئابلىمىت مۇھەممەت يىلتىزلىق: «ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى، 2010- يىللىق 3- سان.



بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 12:49:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-قىتىملىق كىتاب ئوقۇش تەۋىسىيەسى

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108911
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2014-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 01:37:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىغا ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىز سىڭدۈرۈپسىز

كۆيۈپ كۈل بولغۇچە ئۆچمەيمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4081
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 466 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 03:29:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ چاپا چېكىپسىز،ئەجرىڭىز قاناتلانغاي....

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3768
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 04:17:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىلمىي ماقالىنىڭ تېمىسى يېڭى ھەم مەزمۇنىمۇ ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 07:57:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز...

بىز ھامان يىڭىلى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28828
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5300
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1502 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 08:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت .........مۇشۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسنى نەدىن چۈشەگىلى بۇلىدىكىن؟

بىز ھامان يىڭىلىمىز ، لېكىن بۈگۈن ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91545
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 529
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 06:45:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ouqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 08:10 PM
رەخمەت .........مۇشۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسنى نەدىن چۈش ...

بىجىرىم تورىغا كىرىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 10:06:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن 4- قىسمىغا كەلگەندە  تازا ئوقۇغۇم كەلمىدى  !   يۇنۇسخاننى   تۇتۋىلىپ 6 ئايدەك نەزەربەنىت قىلغاندىن كىيىن  ..... ئاخرى ياخشىمۇ ئۇقۇرمەن سوراپ باقسام !

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108475
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 661
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2014-7-16
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 01:45:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن . رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش