ئاتامدەك
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان
ئوتتۇز يىل ياشىدىم ياشالمىدىم ئاتامدەك .
ئەل ئارسىدا ھۆرمەتنى تاپالمىدىم ئاتامدەك .
ئۇچراتساممۇ يوللاردا سوغۇق باسقان يىتىمنى ،
مىھرىم بىلەن يېپىنجا ياپالمىدىم ئاتامدەك .
كائىناتقا كۆمۈلگەن تالاي تىلسىم سىرلارنى ،
ئىلىم - پەندىن يىراقلاپ ئاچالمىدىم ئاتامدەك .
بولۇپ قالدىم تەخسىكەش ئەملى بارغا ، نوچىغا ،
ناھەقلەرگە مۇش ، پەشۋا ئاتالمىدىم ئاتامدەك .
كىشەنلەندىم نادانلىق ، چۈشكۈنلۈكنىڭ كەمرىدە ،
ھورۇنلۇقنىڭ قەپزىنى چاقالمىدىم ئاتامدەك .
مىھىربانلىق قەلبىمدە توڭلاپ كەتتى مۇز كەبى ،
ئۆزگىلەرگە نۇر - زىبا چاچالمىدىم ئاتامدەك .
ئۆتەلمىدىم ئۆم- ئىناق، دوست - بۇرادەر يات بىلەن ،
قوشنىلارغا ئاش - تائام سۇنالمىدىم ئاتامدەك .
ئىنتىلىمەن كەيىپكە توققۇزى تەل شاھلاردەك ،
يامان ئىشتىن ، ئىللەتتىن قاچالمىدىم ئاتامدەك .
ياراتمايمەن ئۆزەمچە سەھرا ، يېزا ، قىشلاقنى ،
كەپىلەردە بىرەر كۈن قۇنالمىدىم ئاتامدەك .
ئۆزەم ئۈچۈن ياشىدىم ياتتىن ئاياپ رىسقىمنى ،
چاڭقاق يەرگە سۇ بولۇپ ئاقالمىدىم ئاتامدەك .
قىزغىنىمەن ئاي - يۇلتۇز ھەتتا قۇياش نۇرىدىن ،
مىھرى ئىسسىق سېخى زات ئاتالمىدىم ئاتامدەك .
لاي سۇ كەبى ئۆتمەكتە بېسىپ ئۆتكەن ئۆمرۈم ،
ئەللەر سۇنغان ئىززەتنى ئالالمىدىم ئاتامدەم .
دەيمەن
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان
بىخۇتلۇق ،غەپلەتتە ياتمىسام دەيمەن ،
مىللىتىم ئەيپىنى ئاچمىسام دەيمەن .
ئارقامدىن ياۋلارنىڭ ئىتى قوغلىسا ،
جان تەسلىم قىلساممۇ قاچمىسام دەيمەن .
ۋىجدانى غورۇرنى ساتمىسام دەيمەن ،
مەنپئەتنىڭ سۈيىدە ئاقمىسام دەيمەن .
قېرىنداش ئارسىدا بولسا سۈركىلىش ،
ئاداۋەت ئوتىنى ياقمىسام دەيمەن .
دوستۇمنى ،دوستىغا چاقمىسام دەيمەن ،
كۆرەلمەس تېشىنى ئاتمىسام دەيمەن .
مۇڭ باسقان خەلقىم تۇپراقلىرىغا ،
كىبىرلىك ئۇرقىنى چاچمىسام دەيمەن .
ئادالەت ھەق يولنى ياقلىسام دەيمەن ،
ۋەدىلىك نىگارنى ساقلىسام دەيمەن .
ئەللەيلەپ چوڭ قىلغان ئانام ئەجرىنى ،
ياراملىق ئەركەك بوپ ئاقلىسام دەيمەن .
گۈل بولۇپ پۇراقلىق ئېچىلسام دەيمەن ،
ساداقەت توپىغا قېتىلسام دەيمەن .
چاڭقىغان دىللارغا ئۇسسۇزلۇق بولۇپ ،
شىپالىق يامغۇردەك چېچىلسام دەيمەن .
خەلقىمنى نائۈمۈد قويمىسام دەيمەن ،
مەرىپەت يولىغا تويمىسام دەيمەن .
ئاتامدەك مەرت ياشاپ ئانامدەك ئۇلۇغ ،
خۇشامەت قويىنى سويمىسام دەيمەن .
ئانام بار
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان
ئاغرىپ قالسام ياش تۆكۈپ يوقلايدىغان ئانام بار ،
گاھى قالسام ئاچلىقتا توقلايدىغان ئانام بار .
ئەگەر ئاقسا تېنىمدىن ئىللەت كەبى مەينەت تەر ،
ئادىمىيلىك سوتىدا سوتلايدىغان ئانام بار .
يوللۇرۇمغا تەلمۈرۈپ ساقلايدىغان ئانام بار ،
سەبى گۈدەك قىلقىمنى ئاقلايدىغان ئانام بار .
كىلەچىگىم ، ئەتەمگە پايخان قىلىپ بارىنى ،
مەنزىلىمگە نۇر كەبى چاقنايدىغان ئانام بار .
ھەقىقەتنى ، ئۆزلۈكنى سۆزلەيدىغان ئانام بار ،
پاك ۋىجداننى ، ئۆملۈكنى كۆزلەيدىغان ئانام بار .
يوقسۇزلۇقتا قالسىمۇ ئەجرى بىلەن گۈل كۆرۈپ ،
ھارام مەنپئەت مال - دۇنيا كۆتمەيدىغان ئانام بار .
ئەدەپ - ئەخلاق دەرىسى ئۆتىدىغان ئانام بار ،
مەندىن ئۈمۈت شان - شەرەپ كۈتىدىغان ئانام بار .
پەرزەنتىنىڭ ئىشقىدا كاۋاپ بولۇپ ، كۈل بولۇپ ،
تومۇز ئىسسىق ، ئاپتاپتا كۆيۈدىغان ئانام بار .
مۈشكۈلاتنىڭ سۈيىدە چۆكمەيدىغان ئانام بار ،
يۇرۇتقا بېرىپ مۇھەببەت كۆچمەيدىغان ئانام بار .
تۈنىسىمۇ بىر ئۆمۈر يوقسۇزلۇقنىڭ كەپىدە ،
ئىمان بىرلە جەننەتنى كۆزلەيدىغان ئانام بار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-26 11:23 AM