ئۈرۈمچىگە مۇھەببەت
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
ئۈرۈمچى،ياشلىقىم شاھىدى ئۆزۈڭ،
چۈشلىرىم ئالبۇمى ئۆرۈلدى سەندە.
مۇھەببەت باشلاندى كۆۋرۈك بېشىدىن
غايە دەپ يەڭلىرىم تۈرۈلدى سەندە.
ئۈرۈمچى قوينۇڭدا رەڭدار قىسمەتلەر،
قۇرۇق قول كەلگەننى قۇرۇق قويمايسەن.
بوشاڭنى شاللايسەن،پۇلغا چىللايسەن
ھەممىگە پەرۋاسىز ھېچنىمە بولمايسەن.
پۇل بار-ئۈرۈمچى،پۇل يوق-«ئۆلۈم»چى سەن
بىر باقسا مېھىر يوق،بىر باقسا ئۇلۇغ.
مەرىپەت، دىيانەت مەشئىلى تۇتقان
جەلپكار شەھەرسەن،مەغرۇر سۇمۇرغ!
ئۈرۈمچى ئويغانغان گۈزەل شەھىرىم
چىللايسەن مۈگدىسەك،تۇر!دەپ چېلىشقا.
كۆڭۈللەر قوغداشقا پاك مۇھەببەتنى
ئىمكانلار ئىزدەيدۇ سەندە قېلىشقا.
يوقىتىش-ئېرىشىش،كۈلكە،كۆز يېشى
ئۈرۈمچى،قىسمەتكە گۇۋاھچى شەھەر.
دىلبىرىم ،تاللايمەن يەنىلا سېنى
بىرماكان تۇتماققا تاللىسام ئەگەر...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 06:38 PM