قەلىپ نىداسى
چېھرىمدە تەبەسسۇم قەلبىمدە ئازاپ،
ئازاپتىن بولدىغۇ يۈرۈكۈم قان-زەرداپ.
نىمە گۇناھ قىلغاندىمەن،بىلمىدىم توۋا،
قاچانغىچە قىيناركىن بۇ ئوتلۇق پىراق.
ئالمىدەك يۈرۈكۈمدە ئالەمچە سۆيگۈ،
ۋە لىكىن سەزمەستىن يۈرىسەن بىپەرۋا.
گەر بىلسەڭ يامانكەن ئىشقى پىراقىڭ،
تىز كىلىپ دەردىمگە بولغىن سەن داۋا.
مەن سىنى سۆيىمەن ئەبەدىل-ئەبەد،
ھەر جايدا بولغايسەن ساق-سالامەت.
ئۈمۈدۈم شۇدۇر ئۇنۇتما شۇنى،
تىلەيمەن ساڭا بەخىت-سائادەت.
مەنبە:ئۆزۈم
يىزىلغان ۋاقىت:
2011.10.15
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى دوسلار.مەن دوستىڭلا نۇرى كۈسەن.مەن بۇ شېئىرىمنى ھەم بۇنىڭ ئالدىدا يوللىغان(يامغۇر ياققان كۈنلەردە دائىم)دىگەن شېئىرىمنى تۇلۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان،يەنى مۇھەببەت دېڭىزىغا شۇڭغۇپ بېشىمچىلا كىرىپ كەتكەن بەڭۋاش ۋاقىتلرىمدا ئىلھامىم كىلىپ يىزىپ قويغان شېئىرئىدى.راس گەپكەن ،مۇھەببەت ئادەمنى شائىر قىلىدۇ دىگەن گەپ.گەرچە مەن ھازىر شائىر بولمىغان بولساممۇچۇ ئەمدى، ئۇ ۋاقىتلادا خېلى يىتىشكەن مۇھەببەت شائىرلىرىدىن ئىدىم،ھەم مۇشۇ ئاددىيغىنە شېئرلىرىم بىلەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزنىمۇ قولغا كەلتۈرۋالغان،خېخې.بۇنداق دىسەم مۇشۇ بىر ئىككى پارچە شېئىرغا ماقۇل دىگەن قانداق ساراڭ قىزدۇ دەپ قالماڭلا ئەمدى،ئۇنىڭدىن باشقا ھۈنەلەمۇ باتى دەپچۇ.مۇنداق دەپلا ئۆزەمنى بىر ماختاپ قويدۇم خېخې.. گەرچە ئەمدى بۇ شېئىرىم ئانچە بەك ياخشى چىقمىسىمۇ، ئەمدى شۇ مىنىڭ يوللۇغۇم كەپ قالدى.مىسرانىم مۇنبىردە ھە قاچان خېلى داڭلىق شائىرلىرىمىزمۇ خېلى كۆپ،بۇنى ئوقۇپ مۇشۇنىمۇ مۇنبەرگە يوللاپ يۈرەمدۇ ،مۇنبەرنى پاخاللاشتۇرۇپ دەپ يۈرمەڭلا. مەنمۇ شۇ ئەمدى داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئەمگىكىدىن ھۇزۇرلىنىپلام يۈرگۈم كەلمىدى.مىنىڭمۇ ئازراق ئەمگەك مىۋەمدىن سىلەرنى ھۇزۇرلاندۇرۇشنى ئويلۇدۇم.گەرچە ئاددى بولسىمۇ يوللاپ باقاي دەپ يوللىغان ئىدىم.بۇمۇ مىنىڭ كۆڭلۈم ئەمدى سىلەرگە تۇتقانچۇ.لىكىن بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلانى يوللاشقا تىرىشىمەن....رەھمەت سىلەرگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NURI→KUSAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 03:55 PM