ياقمىدىم
ئاپتۇرى:رەخمىدىنقاسىم
پۇلۇم بارىدادوسلارغا،ئەتىۋار ئىدىم شۇنچىلىك،
گەرپۇلۇمدىن ئايرىلىپ،دوسلىرلارغا ياقمىدىم.
ئابرويتاپسام ئالىدىدا پەخىرلەنگەن مىنىڭدىن،
ئابرويىمدىن ئايرىلىپ،مەن دوسلىرلارغا ياقمىدىم.
سىنىڭ راس دەپ قانچىلاپ،خەجلىگەندە پۇلۇمنى،
ئايرىلمايمىزسىنىڭدىن دەپ، چىڭ سىققاندا قولۇمنى.
باربىساتىن ئايرىلىپ،بولۇپ قالسام يالاڭئاچ،
كەچمەيمىزدەپ لاپ ئۇرغان،شۇ دوسلارغا ياقمىدىم.
قېرىنداشلارئىدۇق بىز،تىلىمىز-قىنىمىز بىر ئىدى،
بايلىق ئۈچۈن بىر-بىرىمىزگە قىلۋاتقىنىمىز يۈز ئىدى.
قۇرۇق قول بارسام ئۆيگە،قېرىندىشىمنى ئۆز كۆرۈپ ،
شۇئان قاراپ قولۇمغا،ئۆز قېرىندىشىمغا ياقمىدىم.
دېھقان ئىدىم تەكتىمدىن،يىزىلاردا چوڭ بولغان،
ئوماچ ئىچىپ،زاغىر يەپ،ۋۇجۇدىمغا قان تولغان.
شەھەرلىكتىن يار تۇتۇپ،يۈرسەم مەن كەينىدىن،
بۇغداي پۇرىقىمنى بىلىپلا،مەن يارىمغا ياقمىدىم.
2014-يىلىدىن12-ئاينىڭ25-كۈنى ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رەخم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 01:33 PM