|
|
|
|
غەربچە تېز تاماق بالىڭىزنى «دۆتلەشتۈرۈۋېتىدۇ»
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ھەمىشە تېز تاماقخانىلاردا غىزالىنىش مېڭە پائالىيىتىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. ئوخايو ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى «كىلىنىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈشتە تېز تاماقخانىلاردا كۆپ غىزالىنىدىغان بالىلارنىڭ ماتېماتىكا، ئىلىم-پەن ۋە ئوقۇپ چۈشىنىش نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن چىققان.
تەتقىقاتچىلار 8500 نەپەر بالىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ، 10 ياشلىق بالىلارنىڭ تېز تاماقخانىدىن تاماق يېيىش ئىستېمال ئادىتىنى چۈشىنىپ باققان، ئاندىن ئۇلارنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن، تەتقىقاتچىلار ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئامىللارنىمۇ ئويلاشقان. تەتقىقاتچىلار بالىلارنىڭ تېز تاماقخانىلارغا كىرىپ تاماق يېيىش قېتىم سانىدىن بايقىشىچە، %52 بالا ئۆتكەن بىر ھەپتىدە 1 قېتىمدىن 3 قېتىمغىچە تېز تاماقخانىدىن تاماق يېگەن، %10 بالا 4 قېتىمدىن 6 قېتىمغىچە تاماق يېگەن، باشقا %10 بالا ھەر كۈنى تېز تاماقخانىلاردىن تاماق يەيدىكەن.
مەزكۇر تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئوخايو ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات خادىمى پوتىرنىڭ دېيىشىچە: «ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا بالىلارنىڭ غىزالىنىش ئادىتى بىلەن سېمىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ھالدا مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ كەلگەن ئىدى، بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزدا تېز تاماقخانىدا غىزالىنىشنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىسپات تېپىلدى». مەنبە: http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1225/2835-35.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erqal-Media تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-25 01:18 PM
|
|
|
|
|
|