ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
تۆۋەندىكى ماقالىنى ئامېرىكىدا ئوقۇش ياكى خىزمەت قىلىشقا قىزىقىدىغان بارلىق كىشىلەرگە كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ماقالىدا ئامېرىكىدا ئالاھىدە بولغان بىر خىل ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان ئۇسۇل تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى ئۆزى نەق مۇشۇ ئۇسۇلدا ئامېرىكىدا ئوقۇش ۋە ئىشلەش تەجىرىبىسىگە ئىگە بولغاچقا ناھايىتى توغرا ۋە ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بولۇپ يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. كۆرۈپ پايدىلىنىشڭلارنى ۋە باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
-بىلگەجان
ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش ۋە ئىشلەشنىڭ ئەپچىل يولى: ماخارىشى ئۇنىۋېرستېتى
ئاپتور: ئۆمەرجان ئابدۇراخمان
بۇ مەكتەپ ھەققىدە دوستىمىز تۇرسۇنجان ئابلىكىم (Jeck) ئىلگىرى بىر خەۋەر بەرگەن. لېكىن ھازىر ئۇ يازمىنى تاپالمىدىم. شۇڭا دوستىمىز تۇرسۇنجان بىلگەجاننىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ يازمىنى يوللىدىم. يازغانلىرىمنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئازراق پايدىسى بار دەپ ئويلايمەن.
مەن خەۋىرىنى بېرىۋاتقان بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «ماخارىشى باشقۇرۇش پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى (Maharishi University of Management)» بولۇپ، 1971 - يىلى قۇرۇلغان، ئورنى ئامېرىكا Iowa شتاتىنىڭ Fairfield دەيدىغان بىر كىچىك بازىرىدا. بۇ مەكتەپنىڭ كومپيوتېر، سودا، بوغالتىرلىق، باشقۇرۇش ئېلىمى، مائارىپ، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، مېدىيا ۋە ئۇچۇر، سەنئەت، فىزىئولوگىيە، ماخارىشى ۋەدىك ئېلىمى قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىلىدىغان 17 تولۇق كۇرۇس، 9 ماگىستىرلىق، 3 دوكتورلۇق پروگراممىسى بار.
بۇ مەكتەپنىڭ كومپيوتېر ماگىستىرلىق پروگراممىسى بىر قەدەر مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولۇپ، ھەر يىلى ئىككى قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. 2012 - يىلى ھەر قاراردا 100 ئوقۇغۇچى بار ئىدى، ھازىر ھەر قاراردا 250 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. كومپيوتېر ماگىستىرلىق پروگراممىسىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ماس كىلىدىغان تۆۋەندىكىدەك ئەۋزەل ئالاھىدىلىكلىرى بار:
1. TOEFL ياكى GRE ئىمتىھانلېرىدىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىنمايدۇ.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا مەكتەپ سىزدىن تېلېفوندا ئېغىزچە ئىمتىھان ئېلىپ، ئەنگلىزچە سەۋىيىرىڭىزنى سىنايدۇ. مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن يەنە بىر ئەنگلىزچە سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىڭىز كېرەك. مەكتەپتىكى ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قالسىڭىز سىزگە مەخسۇس ئەنگىلىز تىلى دەرىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئايرىم پۇل تۆلەيسىز.
2. سەككىز ئايدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى كومپيوتېر شېركەتلېرىدە ئىشلىيەلەيسىز.
بۇ پروگرامما سەككىز ئايلىق مەكتەپتىكى ئوقۇش ۋە ئىككى يىللىق پىراكتىكىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچتىن تەركىپ تاپقان. پىراكتىكا باسقۇچىدا ئامېرىكىدىكى كومپيوتېر شېركەتلېرىدە ئوقۇغۇچى سالايىھىتىدە ئىشلىيەلەيسىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئىشتىن سىرتقى ئوقۇپ ئوقۇشىڭىزنى تاماملايسىز. خىزمەتنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تاپىدۇ، خىزمەت تېپىش ئەھۋالى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى كىرىمى خېلى ياخشى.
3. ئوقۇش پۇلىنى قەرز بېرىدۇ.
مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلى 30 مىڭ دوللار ئەتىراپىدا (2012 - يىلىدىكى سەۋىيە). سەككىز ئايلىق ياتاق، تاماق ھەممىسى شۇنىڭ ئىچىدە. مەكتەپ ئاشخانىسىدا گۆشسىز تاماق قىلىدۇ. بىراق مەكتەپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كەسىپى ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئوقۇش پۇلىنىڭ كۆپ قىسىمىنى قەرز بېرىدۇ. قەرزنى ئىككى يىللىق پىراكتىكا جەريانىدا ھەرئايلىق مائاشىڭىز بىلەن قايتۇرىسىز.
4. ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قويۇلىدىغان ئاكادېمىيىلىك تەلەپ يوقىرى ئەمەس.
ئىلتىماس قىلغۇچىلار كومپيوتېر ۋە ئالاقىدار كەسىپلەردە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئالغان بولىشى، پروگرامما تىلى، سان قۇرۇلمىسى، ئالى ماتېماتىكا دىگەندەك دەرسلەرنى ئوقۇپ باققان بولىشى كېرەك. تولۇق كورۇستىكى ئوتتۇرىچە نەتىجىڭىز 2.7 دىن يوقىرى بولسىلا بولىدۇ. بىراق ئاز دېگەندە ئالتە ئايلىق پروگرامما تۈزىگەن ئەمىلى خىزمەت تەجىربىڭىز بولىشى، مەكتەپنىڭ توردىكى پروگرامما تىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشىڭىز كېرەك.
مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ۋە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشتا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
1. مەكتەپكە ئۆزىڭىز بىۋاستە ئىلتىماس قىلىڭ، ۋاستىچى شېركەتلەرگە پۇل ۋە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ.
مەكتەپ سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىزنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، سىزدىن توردىكى پروگرامما تىلى ئېمتىھانىڭىزغا نازارەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن جۇڭگودىكى بىر ۋاكالەتچى بىلەن ئالاقە قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاكالەتچى ئىمتىھان جەريانىدا تېلېكامېرا ئارقىلىق سىزنى نازارەت قىلىدۇ. نازارەت ھەققى ئۈچۈن ئازراق پۇل تۆلەيسىز. بىراق بۇ جۇڭگودىكى ۋاكالەتچى سىزگە بىر مۇنچە ۋەدىلەرنى بېرىپ سىزدىن 40 - 50 مىڭ سوم خەلق پۇلى تەلەپ قىلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئۇلارغا ئىمتىھان نازارەت ھەققىدىن باشقا ھېچنىمە بەرمەڭ. ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نازارەتچىلىكىدىن باشقا مۇلازىمىتىنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇنىڭسىزمۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنالايسىز. مەن بىلەن بىللە كەلگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ۋاكالەتچىلەرگە ئالدىنىپ ئارتۇقچە پۇل تۆلەپتۇ.
2. پروگرامما تىلىدىن ئاساسىڭىز بولىشى كېرەك.
ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئالىدىغان توردىكى پروگرامما تىلى ئىمتىھانىنىڭ سەۋىيىسى مەن ماقالىنىڭ ئاخىرىدا تەمىنلەنگەن ئۇلىنىشتىكى مىسال بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. پروگرامما تۈزۈش جەھەتتە ئازراق تەجىربىڭىز بولسا، ئاندىن سانلارنى چوڭدىن كىچىككە تىزىش، تىزىلغان سانلارنى تەتۈرىگە ئۆرۈش دىگەندەك ئاددى ئالگورىزىملاردىن خەۋىرىڭىز بولسىلا ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ.
لېكىن مەكتەپكە كىرىش ئاسان بولغىنى بىلەن مەكتەپتىكى دەرسلەرنىڭ خېلى سالمىقى بار. مەسىلەن Advanced Software Development، Advanced Programming Language دىگەندەك دەرسلىرى ماڭا ئوخشاش ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەممە دەرستە دېگۈدەك يۈز نومۇر ئالىدىغان، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ۋىلايەت بويىچە ئەلىيۇل ئەلا بولغان تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ خېلى تەمتىرىتىدۇ. لېكىن تىرىشسىڭىزلا بۇ ئۆتكەللەردىن قىينالماي ئۆتۈپ كېتەلەيسىز.
3. ئەنگىلىز تىلى سەۋىيىرىڭىزگىمۇ سەل قارىماڭ.
سىز ئىلتىماس قىلغاندا تېلېفوندا ئېلىنىدىغان ئېغىزچە ئىمتىھانمۇ ئاددى، ئۆزەڭنى تونۇشتۇر، نىمە دەپ ئوقۇماقچى دىگەندەك ئاددى سوئاللارنى سورايدۇ. ئەنگىلىزچە كەسپى كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلىگۈدەك، ئۆزىڭىزنىڭ ئوي پىكىرلېرىڭىزنى ئۇقتۇرالىغۇدەك سەۋىيڭىز بولسىلا قورقماي ئىلتىماس قىلىۋېرىڭ.
بىراق سىز سەككىز ئايدىن كېيىن ئامېرىكىدا خىزمەت ئىزدەيسىز، شۇ ۋاقىتقىچە ئېغىز تىلىڭىز، ئاڭلاپ چۈشىنىشىڭىز راۋان بولمىسا بۇ سىزنىڭ خىزمەت تېپىش ئىششىڭىزغا ۋە كېيىنكى مائاشىڭىزغا بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ. مېنىڭ ساۋاقداشلېرىمنىڭ ئىچىدە بىر بالا مۇشۇ سەۋەبلىك ئۈچ ئايغىچە خىزمەت تاپالمىغان.
4. ئوقۇش قەرز پۇلى ھەممە ئوقۇغۇچىغا بار، لېكىن ھەر-بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوخشىمايدۇ.
مەكتەپتە ماگىسىتىرلىقتا ئوقۇيدىغان ھەممە ئوقۇغۇچى ئوقۇش قەرز پۇلى ئالالايدۇ. لېكىن ئوخشاش كەسىپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلى ئوخشاش بولغىنى بىلەن دەسلەپتە تۆلەيدىغان پۇلىڭىز سىزنىڭ خىزمەت تەجىربىڭىز ۋە كەسپى ئېقتىدارىڭىزغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ. مەن ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغاندا مەكتەپ مەندىن 3 مىڭ دوللار ئوقۇش پۇلىنى ئالدىن تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ، 27 مىڭ دوللارنى ماڭا قەرز بەردى. بۇ شۇ قاراردىكى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن ئەڭ يوقىرى قەرز پۇل ئىكەن. ناۋادا خىزمەت تەجىربىڭىز بەك كەمچىل بولسا بەلكىم 5 مىڭدىن 7 مىڭ دوللارغىچە پۇلنى ئالدىن تۆلىشىڭىز مۇمكىن.
5. كومپيوتېر كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشى بىر قەدەر ئاسان، مائاشىمۇ خېلى يوقىرى (باجدىن بۇرۇنقى ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 5 مىڭدىن 7 مىڭ دوللار ئەتىراپىدا).
سەككىز ئايلىق ئوقۇشتىن كېيىن مەكتەپ سىزنى ئامېرىكىدا خىزمەت تېپىش جەھەتتە ئىككى ھەپتە تەربىيىلەيدۇ. ئېنگىلىزچىڭىز بەك ناچار بولمىسىا، خىزمەت تەجىربىڭىز، كەسپى سەۋىيىرىڭىز بولسىلا ئىككى ھەپتە ئىچىدە خىزمەت تېپىپ بولىسىز. مەن بىلەن بىر قاراردا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئىچىدە Microsoft، Amazon، Oracle لاردىن خىزمەت تاپقان بالىلار بار. ناۋادا ئۇنداق چوڭ شېركەتلەرگە كىرەلمىسىڭىز، ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى شېركەتلەرنىڭ مائاشىمۇ تۆۋەن ئەمەس. مائاشنىڭ يوقىرى تۆۋەنلىكى سىز ئىشلەيدىغان شەھەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى، خىزمەت تەجىربىڭىز ۋە ئەنگلىزچە سەۋىيىڭىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. تۆۋەندىكىسى مەن بىلىدىغان بىر قانچە ساۋاقدىشىمنىڭ خىزمەت ۋە مائاش ئەھۋالى:
1) سۈرىيەلىك ئا، ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن دۆلىتىدە بىر قانچە ئاي ئىشلىگەن، ئەنگىلىزچىسى يەرلىك سەۋىيىدە، ماخارىشىدىكى نەتىجىسى قەدىر ئەھۋال. تېكساستا ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى شېركەتتە پروگراممېر. يىللىق كىرىمى باجدىن بۇرۇن 55 مىڭ دوللار.
2) جۇڭگولۇق ب، ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن جۇڭگودا 2 يىل ئىشلىگەن، ئەنگلىزچە سەۋىيىسى بىر قەدەر ياخشى، قاتتىق تىرىشچان، ماخارىشىدىكى ھەممە ئىمتىھاندىن A ئالغان. تېكساستا ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى شېركەتتە پروگراممېر. يىللىق كىرىمى باجدىن بۇرۇن 75 مىڭ دوللار.
3) جۇڭگولۇق س، ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن جۇڭگودا 3 يىل ئىشلىگەن، ئەنگلىزچە سەۋىيسى يامان ئەمەس، ماخارىشىدىكى نەتىجىسى ئادەتتىكىچە. تېكساستا ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى شېركەتتە پروگراممېر. يىللىق كىرىمى باجدىن بۇرۇن 65 مىڭ دوللار.
4) نىپاللىق د، ئامېرىكىدا باكالاۋرلىق ئوقۇغان، ئەنگىلىزچىسى يەرلىك سەۋىيىدە، ماخارىشىدىكى نەتىجىسى قەدىر ئەھۋال. تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروگراممېر. يىللىق كىرىمى باجدىن بۇرۇن 70 مىڭ دوللار.
5) گوللاندىيىلىك ئې، ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن گوللاندىيىدە، كورىيەدە 18 يىل ئىشلىگەن. ئەنگىلىزچىسى يەرلىك سەۋىيىدە. ماخارىشىىدىكى نەتىجىسى ئاساسەن A. ئايوۋا دىكى دۇنياغا داڭلىق شېركەتتە ئايرۇپىلانلارنىڭ يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنى ئىشلەيدۇ، يىللىق كىرىمى باجدىن بۇرۇن 105 مىڭ دوللار.
7. ئىككى يىل پراكتىكا جەريانىدا سىز جەزمەن ئامېرىكىدا خىزمەت ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۇنى ئېلىشىڭىز كېرەك. شۇندىلا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكىدا قانۇنلۇق خىزمەت قىلالايسىز. بۇ خىزمەت ۋىزىسى بىر لاتارىيە، 40 پىرسەنت ئۇتۇش پۇرسىتى بار، يىلدا بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىسىز. ناۋادا ئىككى يىل پىراكتىكا جەريانىدا خىزمەت ۋىزىسى ئالالمىسىڭىز، مەكتەپكە يەنە 5 مىڭ دوللار تۆلەپ، 3 دەرسنى ئارتۇق ئوقۇش بەدىلىگە پىراكتىكا ۋاقتىڭىزنى يەنە بىر يىل ئۇزارتالايسىز. ناۋادا ئاخىرقى يىلىمۇ خىزمەت ۋىزىسى ئالالمىسىڭىز ئامېرىكىدىن قايتىشىڭىز ياكى باشقا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىڭىز كېرەك. لېكىن ئاۋۇ نىپاللىق ساۋاقدىشىمغا ئوخشاش پايدا تاپمايدىغان (مەسىلەن ئۇنىۋېرسىتېت دىگەندەك) ئورۇنلاردا ئىشلىسىڭىز لاتارىيىسىزمۇ خىزمەت ۋىزىسى ئالالايسىز.
8. بۇ مەكتەپنىڭ ئامېرىكىدىكى باشقا ھېچقانداق مەكتەپكە ئوخشىمايدىغان Science of Creative Intelligence دەيدىغان بىر دەرىسى بار. بۇ دەرسنى ھەممە ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ قارىماققا تولىمۇ بىمەنە سەپسەتىدەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن ئوقۇتقۇچىلار ھەممە كەسپى دەرسلەرنى مۇشۇ نەزەرىيىگە باغلايدۇ، ھەم ھەر ئىمتىھاندا بىردىن مۇناسىۋەتلىك سۇئال چىقىرىپ سىزنى سىنايدۇ. مەكتەپ يەنە يوگاغا ئوخشايدىغان Transcendental Meditation دەيدىغان بىر نەرسىنى ئۆگىتىپ ئۇنى كۈندە پىراكتىكا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى ئۆگەن دىسە ئۆگۈنۈپ قويۇپ، ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
كومپيوتېر ماگىستىرلىقى پروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار:
پروگراممىنىڭ چۈشەندۈرىلىشىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
<
http://mscs.mum.edu/>
ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قويۇلىدىغان كونكرېت تەلەپلەرنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
<
http://mscs.mum.edu/requirements.html>
كونكرېت ئىلتىماس قىلىش باسقۇچلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
<
http://mscs.mum.edu/application-steps.html>
مەكتەپنىڭ پروگرامما تىلى ئىمتىھانىنىڭ مىسالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
<
http://www.mumde.net/pretest/sampletest.htm>
ئىلتىماس قىلىشقا كېرەك بولغان ماتېرىياللارنىڭ تىزىملىكىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
<
http://mscs.mum.edu/application-checklist.html>
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى رۇخسەتسىز تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمەن. تارقاتقاندا ماقالە ئاپتورى ئۆمەرجان ئابدۇراخمان ۋە مەنبەسى بىلگە بىلوگى (
http://bilge.eldawa.com/) دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. رەھمەت!