مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2025|ئىنكاس: 33

كىتاپ ئوقۇش يىلى-مېنىڭ ئىسمىم قىزىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 12:29:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر تور قۇرۇتى بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن 2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىش تەشەببۇسنى قوللاپ ئۆزەم بىر قاتار كىتاپلارنى تىزىۋالدىم . ئەلۋەتتە تىزىۋېلىش بىلەنلا قالماي ئوقۇدۇم ، ئوقۇش بىلەنلا قالماي ئوقۇغان كىتابىمدىن نىمە تەسىراتقا كەلگەن بولسام ئۇنى ھېچقانداق پەردازسىز ھالدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم . بۇنداق قىلىىشم بىر خىل ئاقكۆڭۇللۇك ئەلۋەتتە خەۋىپ خەتىرىمۇ بار . ناۋادا يازغانلىرىم تورداشلارنىڭ پىسەنتىگە توغرا كەلمەي قالسا ئۇ ھالدا تىل تۇكۇرۇككە تەييارلىق قىلىپ قويۇشۇم كېرەك بولۇپ قالىدۇ .
1. مېنىڭ ئىسىمىم قىزىل   
2.لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا تېخىچە تاپالمايۋاتىمەن بۇ كىتاپنى قومۇل كىتاپخانىدا يوقتەك تۇرامدۇ نىمە
3.ئۇيغانغاندىن كىيىن دىگەن تور رۇمانى  نەدىن تېپىشىمىنى ئۇقمايمەن .
4. يەنە ئۇرخان پامۇكنىڭ باشقا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان رۇمانلىرى  ،
5. مەمەت ئاۋاق

................
  
ئەمدى كىتاپ ئوقۇش تەسىراتىنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك مېنىڭ ئىسمىم قىزىل دىگەن كىتاپنى بۇرۇنمۇ بىر يەرلىرىگىچە ئوقۇپ باققان . بۇ كىتاپتا يا مەمتىمىن ھوشۇر ھىكايىلىرىدىكىدەك يۇمۇر يوق  .يا ئىز ئۇيغانغان زىمىنغا ئوخشاش تارىخى ۋەقەلىك ئەمەس ، ناھايىتى شۇ ئوردا رەسساملىىرىنىڭ بىرسى يەنە بىرسىنى ئۆلتۇرۇپ قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن ئاندىن يەنە بىر ئۇستاز رەسسام يېزىنە تاغىنىمۇ ئۆلتۇرۇپ قويغان ئوننەچە كۇنلۇك ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن .بۇنىمۇ كىتاپنى ئوقۇپ يېرىمىدىن ئۆتكەندە ئاندىن بۇ ۋاقىت  ھەقىدىكى بايانلاردىن تېخى نەچچە كۇنلۇك ھاياتلا مۇنداق تەسۋىرلەنگەن ئىكەنتۇق . دىمەك بۇ بىر ئامانلىق قاتىللىق  دىلۇسى دىسەكمۇ بولۇدۇ ئەمدى . لېكىن ئاپتۇرنىڭ ئىچكى  دۇنيانى تەسۋىرلىشىدىن ھەيرانمۇ قالدىم ، تولىمۇ قىزىقىپمۇ قالدىم ، ۋە بەزىدە ئوقۇۋېتىپ يەنە زىرىكىش ھىسياتىدىمۇ بولدۇم . ئەمما لېكىن يېزىپ قويىدىكەن بۇ  ئۇرخان ئەپەندىم ،  مەنمۇ باشچىلاپ ئوقۇۋەردىم . ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەندە شەكۇرەنىڭ ھاياسىز خىياللىرى دىققتىمنى تارتتى . بىردىنلا سەگەكلىشىپ ئوقۇپ كەتتىم . كىتاپنى ئوقۇپ بىردىنبىر كۇلگەن يېرىم دەل سەككىز ياشلىق  شەۋكەتنى ئاياللار مۇنچىسىغا ئېلىپ بارغاندا ھېلقى بىرنىمىسى دىڭگىيىۋالغاندىن كىيىن ئۇنى مۇنچىغا ئاپارماس بولدى دىگەن جۇملىلەر بولدى . ئوقۇپ قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتتىم .
    نىمىسنى دەي مېنىڭمۇ بىرنىچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك ، خوشنىمىز نىڭ مەن بىلەن ساۋاقداش ئوغلى  ، ماڭا ئاپام ئاخشام مېنى ئۆزى بىلەن بىللە مۇنچىغا ئېلىپ كىردى دىگىنىدە مېنىڭمۇ ئامىۋى مۇنچىغا شۇنداق كىرىپ باققۇم كەلگەن ئىدى ، ئەپسۇس بىزنىڭ ئائىلەدە ئۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاتام مەشكە كۆمۇرنى جىق قالاپ ئاندىن بىزنى بىر بىرلەپ يۇيۇندۇراتتى . ئەمما مېنىڭ يەنىلا ئامىۋى مۇنچىغا بىر بېرىپ باققۇم بار ئىدى ، كىيىن مەھەلىلىمىزدىكى ئۇ مۇنچا  چېقىلماستا ئاغىنەم بىلەن بىر كىرگەنمۇ بولدۇق . ئۇزاق ئۆتمەيلا بىنالىشىپ كەتتۇق .
   ھەئە مېنىڭ ئىسمىم قىزىل دىگەن بۇ كىتاپتا ئانانىزىم ، شەكۇرەنىڭ ھاياسىز خىياللىرى ، شەكۇرەنىڭ داداسىنىڭ قارانىڭ بىر يەرلىرىگە قاراشلىرى دىگەندەك جىنسىيەتكە ئائىت بايانلىرىنى ئۇچۇرتۇپ قارىغاندا دۇنياۋى رۇمان يېزىش ئۇچۇن موشۇنداق بىرنىمىلەرنى خەق دىققەت قىلغۇدەك ئوچۇق يېزىپ قويۇش شەرت ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم . نىملا دىگەن بىلەن كىتاپتىن ناھايىتى كەڭتاشا ھوزۇر ئالغان بولساممۇ ئەڭ  ئاخىرىدىكى شەكۇرەنىڭ ئاغزىنى قالايماقان ئىشقا ئىشلەتكەن تەسۋىرىنى ئويلىساملا بۇ بىر مۇسۇلمان دۇنياسىغا تەۋە مۇسۇلمان يازغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كىتاپقۇ ، يەنە كىلىپ 70 مېليۇن تۇركىيىلىك بۇ كىتاپتىن پەخىرلىنىپ تۇرىدىغاندۇ . يا تۇركىيىلىكلەر  مېنىڭ ئسىمىم قىزىلنىڭ ئاخىرقى بىر بابىنى كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ ئوقۇمدىغاندۇ دەپ ئويلاپمۇ كەتتىم.

ۋە قايسى بىر چاغلاردا ئابدۇرېھىم ئابلەتخان يازغان چىڭغىز ئايتماتوفقا ئوچۇق خەت دىگەن ماقالىدىكى شەرىق مەدىنيىتى ۋە نوبىل ئەدىبيات مۇكاپاتى دىگەندەك ئۇقۇملارنى چۆرىدەپ ئەسلىيەلىگىنىمچە ئۇ ماقالىنى ئەسلىدىم ،ئەپسۇس بۇ ماقالىنى ئوقۇغانغا بەك ئۇزۇن بولغاندەك تۇرىدۇ .

بۇ كىتاپ مېنىڭ ئىسىمىم قىزىل ھەقىدىكى كىتاپ ئوقۇش خاتىرلىرىنى ئىزلەپ يازغۇچىلار مۇنبىرىنى بىر چۆرگىلەپ كەلدىم. بىراۋ ھاياجان ئىچىدە قىزىل دىگەن سۆزنىڭ كىتاپتا قانچە يەردە كەلگەنلىكىنى سىتاتا قىپتۇ ، ئەمما مەن جۇڭگو ،جۇڭگولۇق رەسساملار ، جۇڭگولۇق ئۇستىلار دىگەندەك دۆلىتىمىز قىستۇرۇلغان بەت ئابزاس جۇملىلەرگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ كەتتىم . شۇنداق يازغۇچىنىڭ جۇڭگۇ قىزىقىشى جۇڭگوغا كىلىشكە مويەن ۋە باشقا جۇڭگولۇق چوقۇنغۇچىلارنىڭ يىغىن مەجىلىس ئېچىپ مۇئەييەنلەشتۇرىشىگە ئېرىشكەن.

يەنە بىر نۇقتا بۇ كىتاپتا رەسساملارغا كەڭ تاشا ئورۇن بىرىلگەن رەسساملىق سەنئىتى تارىخى رەسىم ئوبزورچىلىقى دىگەنلەر كەڭتاشا توختالغان بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن جۇڭگوغىچە يازغۇچى بىمالال قەلەم ئويناتقان بولسىمۇ مەن بىزنىڭ مىڭ ئۆي تاش كېمىر دەيدىغان رەسسىم سىزغان ئۆيلىرىمىزمۇ بار ئىدى ، ئالامەت رەسىملەرمۇ بار ئىدى .بوپتۇ كىلەر قېتىم ئورخانكام قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالسا ئاشۇ مىڭ ئۆيلەردىكى تام رەسىملىرىنىڭ ساق قالغانلىرىنى بىر كۆرسەتسەك بولغۇدەك دەپ قالدىم.بىزنىڭ ئاشۇ بۇتپەرەس ئەجداتلىرىمىزمۇ قىززىقكەن رەسىم دىگەننى تامغا سىزماي مۇنداق خوتەن قەغىزىگە سىزمامدۇ دەيمەندە .

مانا بىر ئامانلىق ئەنزسىدىن بىر دۇنياۋى ئەسەر مەيدانغا كەپتۇ ، بىزنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىز بولسا چوڭ چوڭ تارىخلارنى يېزىپ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزنى تۇگۇتۇپ قويايلا دەپ قاپتۇ ، راستىنى ئېيتقاندا ماڭا بەككەم تەسىر قىلغىنى شەكۇرەنىڭ ھاياسىز ئويلىرى ، ۋە يېزىنە تاغىنىڭ  قاتىل مىتال سىياھداننى قولىغا ئېلىپ ئۆزىنىڭ قاتىلىىقىنى ئىقرار قىلغان ۋاقتى ھەمدە ئۇنىڭىدىن كىيىنكى تەسۋىرلەر . بىر مۇسۇلمان بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن كىتاپنىڭ ئاخىرقى بابىدىكى جىنسى تەسۋىرلەر ماڭا ياقمىدى . توغرا زوردۇن سابىرمۇ ئىزدىنىشتا شۇنداقراق بىر تەسۋىرنى تەسۋىرلىگەن ئەمما ئۇ دىگەن شىڭشىسەي ، شىڭشىسەي دىگەن يا ئىمانى يا ئىتقادى يوق بىر ئىنسان  .

گەرچە يوقۇرقىدەك بىر مۇنچە ئوڭايسىز تەسىرلىرىم بولسىمۇ ئەمما مەن يەنە چىن دىلىمدىن بۇ ئۇرخان پامۇك ئەپەندىمنىڭ بارلىق كىتاپلىرىنى ئوقۇپ باققۇم كەلدى . چۇنكى دۇنياۋى يازغۇچى دىگەن يەنىلا دۇنياۋى يازغۇچىدە ، . مەن يەنە موشۇ مېنىڭ ئىسمىم قىزىل دىگەن كىتاپنىڭ تۇركىيەدىكى زىلزىلىسىنى بىلىپ باققۇم كەلدى . كىتاپ توغۇرسىدىكى نوپۇزلۇق ئوخشىمىغان ئوبزورلارنى كىتاپ بىلەن بىللە ئوقۇش ئارقىلىق ھە تۇركىيەدىكى قېرىنداشلار بۇ كىتاپقا مۇنداق قارايدىكەن ، يەنە مۇنداق قاراشلارمۇ باركەن دەپ كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلىمىز تەپەككۇرىمىز نى سىېلىشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەتتۇق دەيمەن .

بولسا بۇنىڭدىن كىيىنكى دۇنياۋى ئەسەرلەرنى ئۇلارنىڭ تالاش تارتىشلىق ئوبزورلىرى بىلەن بىللە كۆرسەك . ئىلگىرى ماركىسزىمنى بىز ماۋزۇدۇڭنىڭ تەسىراتى ئارقىلىق ۋاستىلىق چۇشەنگەن .نەق ئەسەرنىڭ ئۆزىنى كۆرگەنلەر بەك ئاز . مانا ئەمدىلىكتە بولسا دۇنياۋى ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز ، بولسا موشۇ كىتاپنى جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن يەنە بىر ئاز كۇچەپ موشۇ كىتاپ ھەقىدىكى ئوڭچى سولچى ئوبزورلاردىن ئەڭ داڭلىق بىر قانچىسىنى بىللە تەرجىمە قىلىپ كىتاپنىڭ ئەسلىسى ماۋۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قارىشى ماۋۇ دەپ بىراقلا بەھرىمان بولساق .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109554
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 408
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 01:52:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن، ئوقۇپ بولۇپ تەسىرات يازاي .

ساغلام تەندە ساپ ئەقىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 02:01:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئوقۇغان

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8663
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 02:57:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زوردۇن سابىر ئىزدىنىشتا شىڭ شىسەينى يازغانمۇ ؟
يەنە بىر گەپ ، تىما ئىگىسى ، ئوي خىياللىرىڭىزنى رەتلەڭ .
ئاندىن يىزىڭ . مۇددىئا ئىنىق بولسۇن ، ھەم  شۇنىڭغا يىتىشنى مەركەز قىلىڭ .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 11:26:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن ناملىق كىتابى.........ئېسىل

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103753
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 755 سائەت
تىزىم: 2014-2-18
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 12:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا »مەندە باتى ... ئامىرنىڭ دادىسىنىڭ « ئۆزى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرمىغان ئوغۇل بالا باشقىلا ئۈچۈنمۇ ئورنىدىن تۇرالمايدۇ » دېگەن سۆزى بەك يارايدۇ .
ئاندىن ئافغانىستانغا بارغان جەريانى يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدۇ .
« ئويغانغاندىن كېيىن » دىليار ئەپەندىمنىڭغۇ دەيمە ؟ بەك ياخشى مەن بىر ھەپتە باش كۆتۈرمەي ئوقىغانتىم .... داۋامىنى يازمىدى لىكىن ... مەن ئېلكىتاب نۇسقىسى باتى ... كېيىن توردىن ئۆچۈرلۈپ كېتىپتىكە ... ئوقۇغانلا بوسا مۇشۇ ئەسەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ باققۇم با ... بەزى فانتازىيەلىك يەلىرى ئۇنچە ياقمىغانتى لىكىن ... لىكىن بەك ياخشى كۆرىمە بۇ ئەسەرنى
« سەنئەت ئەسىرىگە تىكىلىپ قالغان كۆزلەر سەنئەتكارنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ » ئويغانغاندىن كېيىن ___ مۇھىدنىڭ موۋىسىنىڭ سۆزى .
مەمەت ئاۋاقنىڭ قىسقارتىلمىسىنى ئوقىغان ئازراق بىر تورداشنىڭ بايانىدىن ... ئالاي دېسەم ئالتە قىسىم سەل ئېغىر كىلىۋاتىدا لىكىن ... ئېلكىتابى بولسا ئوقۇيتتىم ....

مەنمۇ ئازراق تەۋسىيە قىلاي ...
1. ئازغۇن ھېسلار « ئېلكىتابى با » بەك ياخشى كىتاب .
2. سەمەندەر « مۇھەممەد ئەھمەد چوپانىنىڭ »
3.يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا « ئېھسان ئابدۇلقۇددۇسنىڭ ئىشۇ بىر كۈنى نىكىتا ئاچاش تەۋسىيە قىلغىنى شۇ »
4. ئىسلامىيەتكە لىللا قارايلى « دالىيە مۇجاھىد ئىككى ئاپتورى باتى ئۇنتۇپتىمە بىرىنى »
5. شېرىن بۇلاق « بۇنى ئوقىمىغانلا يوققۇ دەيمە »
6.ياغاچ مېدال « مۇشۇمۇ مۇھەممەد ئەھمەد چوپانىنىڭ »
باشقىللىرىنى كىتابلىرىمغا قالاپ ئاندىن دەي

ئىنشائاللاھ غەلبە قىلغۇچىمەن !

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 12:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
★umiD يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 12:01 PM
«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا »مەندە باتى ... ئامىرنىڭ دادىسىن ...

سەمەندەر دەھشەت نوچى كىتاپقۇ قېرىندىشىم...........ئاۋۇ لەگلەك قوغلىغۇچى بالا...قايسى دۆلەتتىكى كىمنىڭ كىتابى ئۇ؟كىتاپخانىلاردا بامۇ يا؟

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103753
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 755 سائەت
تىزىم: 2014-2-18
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 12:23:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 12:10 PM
سەمەندەر دەھشەت نوچى كىتاپقۇ قېرىندىشىم...........ئاۋۇ لە ...

ھەئە بەك ياخشى ... ھەممىدىن بەك جەننەت ساداسى دېگەن مەزمۇنلىرىنى بەك ياقتۇرىمە ...

ئەسلى ئافغانىستانلىق كېيىن ئامرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن ئاتىش تاسىر ئىسىملىك يازغۇچىنىڭ كىتابىغۇ دەيمە !  مەنمۇ قەشقەر شىنخۇا كىتابخانىسىدىن ئالغان ،... باغۇ دەيمە ھەممە كىتابخانىدا ...

ئىنشائاللاھ غەلبە قىلغۇچىمەن !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109197
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 01:07:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان،
ئاخىر قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74073
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4767
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 03:07:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى قارىسام ،ئىشقىلىپ چەتئەل ياغۇچىلىرنىڭ رومانىلام بولسا ھەممىسنىڭ ئۈستىدە قالپىقى باركەن، (دۇنياۋى مەشھۈر ئەسەر)دەپ.
تارىخىي رومانلارنى ئوقۇپ قالمىسام، رومان ئوقۇش بىلەن ئانچە خوشۇممۇ يوقتى، كۆپ قىسىملىق كىنو كۆرگەندەك ھىس قىلىپ قالاتتىم ئۆزەمنى.
بىرسىنىڭ تەۋسىيسى بىلەن (ھايۋانلار قورۇقى)نى ئوقۇپ باقتىم، مەركىزى ئىدىيە ھەقىقەتەن ياخشى تەسۋىرلىنىپتۇ.
جالالىدىن بەھرامنىڭ بىر رومانى باركەن(توزاق)مۇ(قاپقان)تازا ئىسىمدە قالماپتۇ(ۋەقەلىككە بەك چۆكۈپ كەتسەم ماۋزۇنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادىتىم بار).قىزىم بوپ قالسا گۈلبادام دەپ ئىسىم قويۇشنىمۇ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم.
قالغىنىغا كىلاسسىك ئەسەرلەرگە بەكرەك ئىشتىياقىم بار،مەنتىقۇتتەيىر، لىسانۇتتەيىر،مەھبۇبۇلقۇلۇب.....دىگەندەك.
يەنە بىرسىگە ئۆزبېكلىك بىر يازغۇچىنىڭ(ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ)..كەربالا پاجىئەسى دىگەن كىتابىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.

نەۋباھار ياپرىقىڭ سارغايدى-سولدى،
قويما قازىنىڭنى، ئوتىمىزسۇندى.
بارغىن سەن ئالدىغا، تەلەپكار بولسا،
نازلانغىن ئەركىلەپ، خېرىدار ئولسا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش