رايىم يوق
ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى
ئاپتۇر:كورلا شەھىرى بوستان سودا بازىرىدا تىجارەتچى
خوش -خوش دېمە ئالدىمدا سەندەكلەرگە رايىم يوق،
تۈلكە كەبى ھېجايغان ئەرمەكلەرگە رايىم يوق.
كەلدىڭ كەتتىڭ يېنىمدىن كەلگۈندىگە ئوخشايسەن،
ئۇنداق ساختا كۈلكىنى كۈلمەكلەرگە رايىم يوق.
سۆيدۈم دېسەڭ غېرىپتەك ئاداققىچە سۆيەرمەن،
تۆت كۈنلۈككە بىراۋنى سۆيمەكلەرگە رايىم يوق.
چىن بولسىلا مۇھەببەت جاندىن كېچىش تەسمىدى،
ناپاك ئاشۇ مۇھەببەتتە ئۆلمەكلەرگە رايىم يوق.
رومكىلارغا قۇيۇلسىدى مېھرۇ-ۋاپا شارابى،
كىبىر بىلەن تۇتۇلغان قەدەھلەرگە رايىم يوق.
خوپ كۆرمەيدۇ تەڭرىمۇ غەيۋەت بىلەن ئۆتكەننى،
دوستۇم ئۈچۈن قىلىنغان غەيۋەتلەرگە رايىم يوق.
نۇمۇسسىزلىق لىباسى ئۈستىدىن ھەم چۈشمىگەن،
ئۆزى تەبىي ئېچىپ قويغان ئەۋرەتلەرگە رايىم يوق.
ھالال ئىشلەپ تاپقۇلۇق پۇل دېگەننى ئەركەك دېگەن،
ئاتا-ئانىدىن مىراس قالغان دۆلەتلەرگە رايىم يوق.
قەلبى مەينەت كىر باسقان چېھرىدە ھەم نۇرى يوق،
كىيىم بىلەن ئۆرە تۇرغان سۆلەتلەرگە رايىم يوق.
تىنىش كەتسەم دۇنيادىن ئككى مېتىر رەخت بىلەن،
ھەرخىل تاۋار -دۇردۇنلۇق يۆگەكلەرگە رايىم يوق.
ئاتام كەبى تېغىم بار قول سۇنارغا بىر ئۆمۈر،
ئەجىر قىلماي قىلچىلىك يۆلەنچۈككە رايىم يوق.
ئانام كەبى بېغىم بار گويا باغۇ-بوستانلىق،
سۈت قەرزىنى ئادا قىلماي گۈللىنەرگە رايىم يوق.