مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1327|ئىنكاس: 13

تۇز: ئوقۇيالمىساڭ نېمە بوپتۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44541
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15770 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 05:12:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                        ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

سۇئال : مەن مەكتەپتە ئەلاچى ئىدىم ، كۆپ كىتاب ئوقۇيتۇم . ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالى ئوقۇش ئورۇنلىرغا كىرەلمىدىم ، مەن ئەمدى ئاددىي بىر كەتمەنچى بولۇپ تۇرۇپتىمەن ، بۇ مەن ئۈچۈن ناھايتى ئاغرىقلىق .....
مەن بىر قىز ، قىزلار ھاياتتا ئۆز ئورۇنلىرىنى تىپىش ئۈچۈن ئالى مەلۇمات ئېلىشى شەرتمۇ ؟ ئاساسىي ئىتبارىنى  نېمىلەرگە قارتىشى كېرەك ؟


جاۋاب : جان قىزىم ، خام قىزىم ، غورا قىزىم ، سەن ئالى ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئوقىغانلار يۇقۇرى ، ئوقۇيالمىغانلار تۆۋەن دەپ ئويلامسەن ؟ كەتمەن چىپىش ئۇيات ئىش دەپ كىم ئېيىتتى ساڭا ؟! ئەجداتلىرمىز تارىخىغا قارايدىغان بولساق ، سېنىمۇ ، مېنىمۇ ، ئۇنىمۇ ئەۋلادۇ ئەجداتلىرمىز كەتمەنگە تايىنىپ كەلگەنغۇ ! ئەجىر ھالاۋەت ھوزۈرىنى سۈرۈپ دۇنيادىن ئۆتكەنغۇ ! ئەتراپىڭغا بىر قارىغىنچۇ ، سەن يېتەلمەي تۇرغان ئالى بىلىم يۇرتىدا دىپلۇم ئالغانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىك ياشاۋىتىپتىمۇ ؟ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارمانلىقلار يوقمۇ ؟ خاتا قىلغۇچىلارچۇ ؟

خان قىزىم ، ئادەملەر مېغىزلىق ئائىلە تۈزۈش ، ياخشى پەرزەنت چوڭ قىلىش ئۈمۈدىدە ھۈنەر - كەسىپ تاللايدۇ ، ئۆزلىرىنى تەربىيلەيدۇ . بەختلىك ياشاش ئۈچۈن باي بولۇش ياكى پەقەتلا زىيالىي بولۇش شەرت ئەمەس ، كىشىنىڭ ئاخلاقى ، ئادىمىلىكى ، ھەر بىر قىلۋاتقان ئىشىغا ئىخلاسى ، ھەركىتى ساقلىقى ۋە شۈكرانىسى بولسا ، موھىمى شۇ ! يەنى بىر مۇھىمى بولسا زاتىڭ ! ئۇ سېنىڭ قورغانىڭ . زاتىڭ ياخشى بولسا سەۋىيەڭ ۋە ئەمىلىڭنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىدىن قەتئىينەزەر ، ئائىلەڭ ، ئىشلىرىڭ پولاتتەك مەھكەم بولۋېردۇ !
يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللامىلەرنى ئۆيدە ئولتۇرغان ، ئەمما زاتى مېغىزلىق ئاياللار تۇغقان. سەنمۇ مېغىزلىق بولۇشنى خالامسەن ؟ ئۇنداقتا قۇلاق سال :
ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭدىن باشقا ھەقىقىي نازارەتچى ، تېۋىپ ۋە ھەبىب يوق . قىلۋاتقان ئىشلىرىڭدىن ھەرگىز سوۋىما ، قولۇڭدىن كەلمەيۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەر قاچان ئارمىنىنى يەپ تەدبىركار بولۇشقا ئىزدەن ھەم ئۈگەن ! يامان ئىش يامان قىلىقلاردىن ئۇيال ، زىنھار يولۇقما ! ھېچ نەرسە ئۈگەنمەي بىكار ئۆتكۈزگەن ھەر بىر كۈنىڭنى ھەم ۋاقتىڭنى لەنەتلە ! قوشناڭ گۈلچى بولسا گۈلچىلىكنى ئۈگەن ، كىم چىرايلىق سۆزلىسە ئۇنىڭ لەۋزىنى ئوغۇرلا ، ھەرقانداق كىشى تىلىڭدىن چىققان سۆزدىن ھوزۇرلانسۇن . چېۋەر ھەم ھۈنەرلىك قوشناڭ بولسا ، ئۇنىڭ بالىسىنى بىقىپ ، كىرىنى يۇيۇپ بولسىمۇ ، ھۈنىرىنى ئىگەللە . سىۋەت توقۇشتىن تارتىپ دەزمال سىلىشقىچە ، گۈل كەشتىلەشتىن تارتىپ تاماق ئىتىشقىچە بىلسەڭ يامانمۇ ؟ شۇنداق چېۋەر بولغىنكى ، سىنى كۆرگەندە سۈپۈرگە ۋە قاچۇ - قۇچىلار چاۋاك چالسۇن ! قەدەملىرىڭنى بوسىغۇلار ئالقىش - سادالاردا  ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتسۈن ! سەن ھەممىگە كېرەك بول ، شۇندىلا نامىڭ راھەت بولىدۇ ! ئۈگۈنىشنى ھەرگىزمۇ تاشلىما ، كىتابنى داۋاملىق ئوقۇ ، كىتابنى سۆي ، ئوقۇپ قويۇش ئۈچۈنلا ئەمەس ، بىر ئۆمۈر ئەقىل ئۈگۈنىش ئۈچۈن ئوقوغۇلۇق ، سەن قەيەردە بولساڭ كىتاب ھەققىدە گەپ بولسۇن ، پاراڭ بولسۇن ، شۇندىلا ئىسمىڭ قۇياش بولىدۇ !

قىز بالا ئىرشىشى كېرەك بولغان ئەڭ كاتتا بەخت ھەقىقىي ئاياللىقتۇر ! بۇ بەخت دۇنياغا ئەترىگۈلدەك بالىلارنى بىرىش ، ئۇلارنى ھالال سۈت ، پاكىز ئەللەي بىلەن ۋە پاكىز بارماقلار بىلەن چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشۇشتۇر ! پەرزەنتلەرگە دۇنيا نېمەتلىرىنى تونۇتۇش ، ئۇلارنى بارلىقىنى ئاسراشقا ھەممىگە ياخشىلىق قىلىشقا ، ھەممىنى ئاياشقا ئۈگۈتۈش ، ئۈگۈتۈشكە قادىر بولۇش ئۇلۇغ بەخت! دۇنيادىكى ھەممە گۈزەل ئىشلار ياخشى ئانىلارنىڭ ياخشى پەرزەنتلىرىنىڭ قولى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەندۇر . ئالى بىلىم يۇرتلىردا ئالغان شەرەپ ھەم دىپلوملىرىڭ بولسا بولۇپ قالسۇن . ئەمما ئىگەللىگەن كەسىپ - ھۈنىرىڭ ھەرگىز ھەقىقىي ئايال بولىشىڭغا ، ئائىلەڭنى ، باللىرىڭنى ئىخلاس بىلەن تەربىييلىشىڭگە ھالاقىت بەرمىسۇن ، دەخلى بەرمىسۇن ! ھەقىقىي ئىلىم شۇ ، شۇندىلا پەرزەنتلىرىڭمۇ سەندەك بىر مۇنەۋۋەر ئانىسى بارلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئەڭ بەختلىك ھەم بەختىيار سانايدۇ .......

مەنبە : نازۇك سۇئال
مۇنبەرگە يولىغۇچى : تۇز
2014- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى ئەزىزانە شەھرى قەشقەر

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109556
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 220
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 05:59:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ناھايتى ياخشى يازمىكەن رەھمەت سىزگە

سەن ئەگەر بولساڭ يىگىت ئاسان ئىشنى مارىما ،
باشقىلار مەخپى ئىشىغا كۆز يېنىڭدىن قارىما .
ھەر ئەكەلسە ئۆز بېشىڭغا تەدبىرىڭنىڭ مىۋىسى ،
گەرچە مۈشكۈل بولسا تاغدەك يە ئۇنىڭدىن زارلىما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 06:07:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئوقۇيالمىساچا ، ساۋاتسىز قالىدا .
ياخشى يازما بوپتۇ ، ئوقۇشنىڭ گىپى چىقسە ئوقۇغۇم كىلىدۇ . ئەمما ئائىلە شارائىت قەتئىي يا ربەرمەيدۇ .

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15225
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 06:20:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بەك ياخشى تېما يوللايسىز تۇز ئاكا! بۇ سوئاللارغا ئۆزىڭىز جاۋاپ يازدىڭىزمۇ? دائىم سىزنىڭ تېمىڭىزنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 07:26:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك ياخشى يازمىكەن،ھەممە ئادەم ئۆگىنىشكە بىلىشكە تىگىشلىك..بەك ياقتۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105855
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 09:23:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇۋاتقانلار ئوقۇشنىڭ قەدرىنى قىلىشى كېرەك.

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 10:34:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇش بۈيۈك ئىش ، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇيالماي قالغانلار ئوقۇغانلار ئالدىدا بىر بالداق تۆۋەن بولۇپ قالىدىغان گەپ
بۇنى يەنە ئوقۇغانلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئوقىمىغانلارنى ياراتماي .
ئەمىليەتتە ئوقۇغانلار جەمىيەتنى ، مىللەتنى ئۆزگەرتەلىگىدەك ئوقىغىنىمۇ يوق . پەقەت ۋە پەقەت خىزمەت دىۋانىسى كۆپ سانلىقلىرى .



ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 11:41:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇيالمىساڭ نېمە بوپتۇ ؟

ئوقۇيالمىساڭ ياخشى بولمايدۇ، چوقۇم ئوقۇشۇڭ كېرەك. ھېچ بولمىسا ئۆيۈڭدە  ئۆزلىكىڭدىن بولسىمۇ ئوقۇغىن، ئۈگەنگىن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turmux.net تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-24 11:42 PM  


Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44541
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15770 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 01:50:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 11:41 PM
ئوقۇيالمىساڭ ياخشى بولمايدۇ، چوقۇم ئوقۇشۇڭ كېرەك. ھېچ ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

بۇ يەردە ئىلگىرى سۈرۈلگىنى ئۈگۈنىش ، ئۈگىنىش ، ئۈگۈنىش داۋاملىق ئۈگىنىش ، ئۈگىنىشنى ھەر دائىم داۋاملاشتۇرۇش .
بىزنىڭ سىنىپتا تولۇق ئوتتۇردا 38 ئوقۇغۇچى بار ئىدۇق ، 8 دەك ئوقۇغۇچى ئالى بىلىم يۇرتلىردا ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدى . قالغان 30 يىقىن ئوقۇغۇچى جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىردا ياشاش ھەلەكچىلىكىدە داۋاملىق تىرشىۋاتىدۇ . دېمەكچى بولغىنىمىز ، ئالى بىلىم يۇرتلىردا ئوقۇيالمىغان ، ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئېرشەلمىگەن قېرىنداشلىرمىزنى ، ھەمشىرە - ئاچا- سىڭىللىرمىزنى ئۆكۈنمەي ، داۋاملىق ئەقىل ۋە پاراسەت ، ئادىمىلىك ئەخلاق بابىدا تىخىمۇ مۇكەمەللىشىشى ئۈچۈن داۋاملىق ئۈگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت .....

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74073
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4767
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 02:53:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ بەك مىھىرلىك سۆزلەيدۇ بۇ تۇرسۇنئاي ھەدىمىز، بالام دىمەي سۆز باشلىمايدۇ.

نەۋباھار ياپرىقىڭ سارغايدى-سولدى،
قويما قازىنىڭنى، ئوتىمىزسۇندى.
بارغىن سەن ئالدىغا، تەلەپكار بولسا،
نازلانغىن ئەركىلەپ، خېرىدار ئولسا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش