مەھمۇد كاشىغەرىي
خۇرشىد دەۋران (ئۆزبېكىستان )
1
يىراق، يىراقلاردا ، تاڭ يورۇقىدا،
ياشىغان ئېدىردا سۈرگەنچە خىيال.
ئاسمانۇ ، زىمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا،
چال تۇرار ، ساقىلىن يەلپۈيدۇ شامال.
ئۇ دەپتەرنىڭ ئاپئاق ۋارىقى ئوخشاش ،
زەڭگەرى سامانى تەكشىلەپ، قاراپ.
قەلىمىنى يالقۇنغا پاتۇرۇپ ئېلىپ ،
" قۇياش " دېگەن سۆزنى يازدى ئاۋايلاپ.
شۇندا دەريالاردا سۇ بولۇپ ئاقتى ،
قىرلارغا تامچىدى گۈللەر قۇياشتىن .
ئۇپۇققا تەلپۈنۈپ چاپتى تار يوللار،
مايسىلار سەكرىشىپ ئۆتۈشتى تاشتىن .
2
يىراق، يىراقلاردا، يىللار قەئىرىدە ،
سۆزلەرنى ئويغۇتار ئويچان كۆزلۈك چال .
قۇياشنىڭ تەپتى بار يۈرەك قېتىدا،
سۆزلەرنىڭ چېڭىدىن ئاقارغان ساقال .
چال بىلەر ، سۆز دېمەك خەلق يۈرىكى ،
خەلق ئۆلمەس سۆزىنى يوقىتالمىساڭ .
سۆز بىلەن تىرىكتۇر ئەلنىڭ تىلىكى ،
سۆزلەردە تىرىكتۇر دىلدىكى ئاھاڭ.
خىرە كۆزىنى ئۈزمەي ئاپئاق ۋاراقتىن ،
پۈتەركەن ئەڭ ئاددى ئۇلۇغ سۆزلەرنى .
ئۇ سۆزلەرنى ئەمەس، بەربات بولۇشتىن ،
ئەسلىدە قۇتقۇزۇپ قالدى بىزلەرنى . ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خانقورا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-24 04:28 PM