2014-يىلى ئەڭ كۆپ زىيان تارتقان بەش چوڭ باي
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى مەنبە : سىنا تورى | يوللىغان ۋاقىت : 23-12-2014
دۇنياغا داڭلىق Wealth-X شىركىتى «2014-يىللىق زىيان تارتقۇچىلار رەت تەرتىپى» نى ئېلان قىلغان، تۆۋەندىكىلەر 2014-يىللىق زىيىنى ئەڭ كۆپ بولغان بەش نەپەر باي:
1. لىيونىد مايكىلسىن (Leonid Mikhelson)
تارتقان زىيىنى: 7 مىليارد دوللار رۇسىيە تەبىئىي گاز شىركىتى (Novatek) نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل مايكىلسىننىڭ 17 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مال-مۈلكى %41 ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ زىيان تارتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ پاخاللىشىشى، ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازاسىدىن بولغان ئىكەن.
2. سۈن جېڭيى (孙正义)
تارتقان زىيىنى: 5 مىليارد 900 مىليون دوللار ئاسىيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئېنتىرنىت ئالاقە شىركىتى رۇەنيىن (软银) گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سۈن جېڭيىنىڭ بۇ يىللىق زىيىنى 6 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان.
3. لۈ جىخې (吕志和)
تارتقان زىيىنى: 5 مىليارد 500 مىليون دوللار ئاۋمېن لاتارىيە كەسپىنىڭ بۇ يىللىق تىجارىتى ئىزچىل كاسات بولۇپ، ئاۋمېننىڭ «قىمار پادىشاھى» لۈ جىخې ئىگىلىكىدىكى يىنخې (银河) ئىستىراھەت گۇرۇھىنىڭ كىرىمىمۇ %20 ئازلاپ كەتكەن.
4. جېف بېزىس (Jeff Bezos)
تارتقان زىيىنى: 5 مىليارد 500 مىليون دوللار 2014-يىلى، ئامازون (Amazon) نىڭ پاي باھاسى %28 چۈشۈپ كەتكەن. بۇنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، ئامازوننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېف بېزىسنىڭ شەخسىي مال-مۈلكىمۇ %16 ئازلاپ كەتكەن.
5. شېلدىن ئەدىلسىن (Sheldon Adelson)
تارتقان زىيىنى: 5 مىليارد 200 مىليون دوللار لاسۋىگاس ئالتۇن قۇم (Sands) گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شېلدىن ئەدىلسىنغا نىسبەتەن، 2014-يىلى «زىيان يىلى» بولۇپ قالغان. ئەدىلسىن لاسۋىگاستا ئاچقان چوڭ تىپتىكى بىر قىمارخانا بۇ يىل 2-ئايدا ئىران خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، خاككېرلار خېرىدارلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرىنى ئوغرىلىغان، ھەمدە قاتتىق دېتال ساقلىغۇچىنى پاكپاكىز قۇرۇقداپ قويغان بولۇپ، قىمارخانىمۇ تىجارەت توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.
مەنبە: http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1223/2787-40.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erqal-Media تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-23 12:58 PM
|