مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3857|ئىنكاس: 49

بالىلىقتا سىز نېمە ئوغرىلاپ باققان؟ ھېچكىمگە دەپ قويمايمەن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10007
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3570 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 11:50:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى

20141120120008334.jpg

بىزنىڭ ئۆينىڭ كەينىدە بىر سۇ چىقىرىدىغان قۇدۇق بار ئىدى. بىز شۇ قۇدۇققا بېرىش يولىدا بۆلجۈرگەن ئېتىزىدىن ئۆتەتتۇق. ئەسلى قىردىن مېڭىپ ئۆتسەكمۇ بولىدىغان ئىش، بىز قەستەن چىڭقى چۈشتە ئۆمىلەپ ئېتىزغا كىرىپ، شۇ بۆلجۈرگەننى ئوغرىلاپ يەيتتۇق. كىيىملىرىمىز ھەم توپا ھەم قىپقىزىل شىرنە بولۇپ كېتەتتى. ئېتىز ئىگىسى ئالدىمىزغا چىقىپ قالسا، قولىمىزنى كەينىمىزگە تىقىۋېلىپ:«ياق، مەن ئوغرىلىمىدىم، مەن ھېچنېمە يېمىدىم.» دەپ تىنىۋالاتتۇق. خۇددى ئۇ بىزنىڭ ئاغزىمىزنىڭ چۆرىسىدىكى شالتاقلاردىن بىلەلمەيدىغاندەك....

20141120120029785.jpg


ھە، مانا، يامىنىدىن چۈشتۇقمۇ!؟ ئۆيگە مېھمان كەلگەندە سومكىسىنى ئاقتۇرغان سىزمۇ؟ يەنى كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويغان چاپىنىنىڭ يانجۇقىدىن پارچە پۇللارنى ئېلىۋالغان سىزمۇ؟ ھەي، ھەي! ئەمدى نومۇس قىلىۋاتامسىز؟ يۈزلىرىڭىز قىزاردىمۇ؟ ئەمسە ئۇكىڭىزنى ھەم پەرزەنتىڭىزنى ياخشى تەربىيىلەڭ. ئىقتىسادتىن قىسىپ قويسىڭىز شۇنداق باشقىلارنىڭ قولىغا قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

20141120120100175.jpg


شۇ قەدەر قىزىقاتتىمكى تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانىۋارلارغا، باغچىدا پىلنىڭ ھەيكىلى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئۇنى شۇنچىلىك كۆزەتتىم، ئانامدىن توختىماي سوئال سورايتتىم. ئەمما، مۇشۇ سوئاللىرىم بىلەن ئانامنى زېرىكتۈردۈممىكىنتاڭ، قاپىقىنى تۈرۈپ، باشقا نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ھەممە سوئاللىرىم جاۋابسىز قالدى.

20141120120125535.jpg


ھېلىقى مۆكۈشمەك ئويۇنى ئېسىڭلاردىمۇ؟ مەن مۇشۇ مۆكۈشمەك ئويۇنى ئويناشقا ئامراق، چۈنكى مېنى ھېچكىم تاپالمايدۇ. بىر قىشلىق تەتىلدە مۆكۈشمەك ئويناپ قوشنىمىزنىڭ قوروسىدىكى تونۇرغا مۆكۈۋالدىم، باشتا قىززىقچىلىقتا چۈشۈۋاپتىمەن. كەينىدىن خېلى ساقلىسام مېنى ئىزدەپ كېلىدىغان ئادەم يوق، ئولتۇرە ئولتۇرە ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىركەملەردە ۋاراڭ چۇرۇڭ بولۇپ كەتتى. ھەم توڭلاپ ئويغىنىپ كەتتىم. راستىمنى ئېيتسام ئىشتانغا كىچىكىنى قويۇپ بېرىپتىمەن. تونۇردىكى كۈل ۋە شوردا پاچاقلىرىم ئېچىشىپ ئويغىنىپ كېتىپتىمەن. تونۇردىن چىقسام ئانام مېنىڭ كاسسامغا نەچچىنى ئۇرىۋەتكەنىدى. بىچارە دوستلىرىم مەن بىلەن ئوينىغانغا تويۇپ، قورقۇپ يىغلاپ ئۆز ئەمەس بولۇپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ!؟

20141120120159105.jpg


مانا ئويۇننىڭ قىززىقى! قار ياغقاندىن كېيىنلا دادىمىزغا غەلۋە قىلاتتۇق، چانا ياساپبەر، دەپ. تازا قېلىن ياغقان چاغدا، مەھەللىدىكى بالىلار بىرگە ئامبار تەرەپكە بېرىۋالاتتۇق، قاتارىغا تىزىلىپ، بىرىمىزنىڭ پېشىنى بىرىمىز تۇتۇپ چانىغا ئولتۇراتتۇق. بىر كۈچلۈكرەك بالا بىزنى ئىتتىرىپ قوياتتى. ھۇۋۋۋۋ! شۇنداق پەيزى! يىقىلىپ كەتسەكمۇ يەنە كۈلۈپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، شۇ ئېغىر تۆمۈر چانىنى سۆرەپ دۆڭگە چىقاتتۇق. بۇرنىمىزنى يەڭگىلا ياكى پەلەيگە سۈرتىۋېتىپ، قەقەچ قاتتۇرۇپ يۈرۈپ كېتەتتۇق. ئىشتىنىمىزنىڭ پۇچقاقلىرى پايتىمىلىرىمىز قارغا لىق تولاتتى. ئاخشىمىسى شۇ پاختىلىق ئىشتىمىزنى مەشكە قاقلاپ قوياتتۇق، ئەتىسى يەنە ئىسسىق كىيىپلا ئويۇنغا ماڭاتتۇق.

20141120120243248.jpg


دادام ئىشتىن چۈشۈپ كەلسىلا، مۇشۇنداق مۆكۈۋېلىشقا ئامراق ئىدىم. ئىشىكنى چېكىلدى، مەن يۈگرۈپلا ياتاق ئۆيۈمدىكى كارىۋات ئاستىغا مۆكۈۋالىمەن. ئانام بولسا ماڭا ماسلىشىپ:«قېنى ئوغلىڭىز يوققۇ؟ سىزنى ئالغىلى بارىمەن دەپ كەتكەنتىغۇ؟» دەيدۇ، داداممۇ چاندۇرماي:«ۋوي، مەن ئەجەب كۆرمىدىمغۇ، تالادىمۇ يوق! نېمە دەيدۇ ئەمدى، مەن ئوغلۇم يوق دەپ يىغلايمەندە ئەمدى!» ئانام دادامنى ئىزدەپ بېقىڭ ئەمسە دېيىشى بىلەنلا دادام كىرىپ مېنى تېپىۋالاتتى. ئەمما بىر كۈنى، دادام ئەمسە مەن ئىزدەپ باقاي دېيشىگىلا، ئىشىكنى ئاچقان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئىچىمدە ئويلىدىمدە، ھىم، دادام مېنى ئىزدەيمەن دەپ سوغۇقتا سىرتتا يۈرمىسۇن، بولدى چىقايلا! ئۆزۈم يىغلىغان پېتى يۈگرەپ چىقتىم:«دادا، دادا، مانا مەن، مەن با!»

20141120120308807.jpg


شۇ سەبىي چاغلاردا، بىر بىرىمىزگە بولغان ئامراقلىقنى مۇشۇنداق ئىپادىلەيتتۇق. سەت تىللار بىلەن تىللاشمايتتۇق، ساراڭ، ئەسكى دەپلا تىلىمىزنى چىقىرىپ، قولىمىزنى قۇلىقىمىزغا ئەكىلىپ، بەزىبىر ھايۋانلارنى دوراپ، قارشى تەرەپنى شۇنىڭغا ئوخشىتىپ جىلە قىلاتتۇق. بەزى نازۇك ئايىم قىزلار بولىدىغان، مۇشۇنداق قىلسىلا يىغلايدىغان...

20141120120321175.jpg


شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى تاپشۇرۇق ئىشلە دېسىمۇ ئۇنىماي، مۇشۇ ئويۇنچۇق تىزگىنىكىنى قولىمىزدىن چۈشۈرمەي، خوندولو، سەيموگولارنى ئوينىغىنىمىز ئېسىڭىزدىمۇ؟

20141120120349308.jpg


قول بېرىشىپ دوست بولۇشىدىغان، ئىككەيلەن سىنچىلاق بارمىقىمىزنى كىرىشتۈرۈپ ۋەدىلىشىدىغان ۋاقىتلارنى ئەسلىدىڭىزمۇ؟ مەن بىر ساۋاقدىشىم بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندا، قولىغا بىر ئۇرۇپ قويۇپلا دوستلۇقدىن چىقىپ كەتكەنىدىم. ئەمما ئەتىسىلا يەنە قول بېرىشىپ يارىشىپ قالغان. ھازىرقى ئاتا-ئانىلارمۇ شۇنداق بولغان بولسا، بالىلار يېتىم قالمىغان بولاتتى-دە!

20141120120432858.jpg


يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئەتتىگەندە چىقىۋالساق قوي كالىلارنى باقىمىز دەپ، چۈشمۇ قايرىلىپ كېتەتتى. چۈنكى بىز ئۈچۈن قوي كالىلارنى بېقىش ئەڭ زور خۇشاللىق. بىرىمىز بىردىن ئىگەللىۋېلىپ، مالچى بولۇپ، ئوينايتتۇق ھەم بىلىدىغان ناخشىلىرىمىزنى ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايتتۇق...

20141120120453515.jpg


قونچاقلارغا گەپ قىلىش، ئۆز ئۆزىگە گەپ قىلىش دەل كىچىك بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك. مەن قونچاقلارغىلا ئەمەس، ھەتتا قوتاندىكى قويلارغىمۇ توختىماي گەپ قىلاتتىم. بىر يۇۋاش قويغا ئۈسسۈشنى مەشق قىلدۇرۇپ، ئاقىۋەت ئۆزۈمگە زىيان بولغان. بىر كۈنى دەرەخ شېخى ئەكىرىپ ئىنىمغا ئويۇنچۇق ياساپ بېرىمەن دەپ قوروغا چىقتىم، قارىسام قوي دەرەخ تۈۋىدە ئوتلاۋېتىپتۇ. قىززىقچىلىق بىلەنلا قويغا مىنىۋالدىم، ئۇ ئۈركۈپ كېتىپ مېنى يەرگە تاشلىدى-دە، قولۇمغا تازا ئۈسكىلى تۇردى. شۇ سەۋەبلىك قولۇم جەينىكىمدىن چىقىپ كەتكەنىدى. ئۆزۈمنىڭ شوخلۇقىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق!

20141120120503273.jpg


ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە دادىمىز شۇ قەدەر باتۇر قەھرىمان. ئۇنىڭ قىلالمايدىغان ئىشى يوق، مەيلى بىز قانداقلا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلەيلى، ئۇ ھامان بىزنى قوغدايدۇ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنلا بارلىق قىيىنچىلىق يوقايدۇ.

20141120120525457.jpg


يېڭى قار ياغقاندا قار ئېتىشىپ ئوينىغان چاغلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىمدە، قارنى ئالىقانلىرىمىزدا پومزەك قىلىۋېلىپ، بىر بىرىمىزنى قارىغا ئالاتتۇق. قوللىرىمىز سوغۇقتا قىزىرىپ، يېرىلىپ چاك چاك بولۇپ كەتسىمۇ، ئويۇندىن يالتايمايتتۇق. مەڭزىمىز ۋە قولىمىز بۇرنىمىزنى سۈرتكەندىكى ئىزلار بىلەن بۇلغىنىپ خەرىتە شەكىللەندۈرەتتى. قەستەن تېيلىغاق ئاياغنى كىيىۋېلىپ، يولدا بىرىنىڭ كەينىگە ئېسىلىۋېلىپ تېيلىپ ئوينايتتۇق.

20141120120550166.jpg


ھەممە ئاداشلىرىم ئويناۋاتىدۇ، مەنلا دەرس تەكرارلا دەپ سولاپ قويغان شۇ ئانامدىن قورقۇپ دەرۋازىدىن مارىلاپ بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىمەن. ئون مىنۇتلا ئوينىۋالايچۇ ئانا!

20141120120558520.jpg


بالىلىقىمىزدىكى قارا بېسىش دەل مۇشۇ، بىر ئۇزۇن كەتكەن يول، قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئاسمان. ئەتراپىمىزدا بىرمۇ ئادەم يوق، دادا، ئانا دەيسىز، ھېچ بىر سادا يوق. يالغۇز قەيەرگە بېرىشىڭىزنى بىلەلمەي يىغلاپ ئويغىنىپ كېتىسىز.

20141120120627315.jpg


ئىشىكنى بىرى چەكتى، تېزدىن ئىشىكنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالاي! ئۇ كىرگەندىلا «بوھ!» دەپ چىقىپ ئۇنىڭ چۆچۈتىۋېتەي! مۆكۈۋالغىنىمنى دەپ قويما ھە!

قېنى ئەمسە ھەممەيلەن بالىلىقىمىزدا ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا تۆكەيلى!


نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7906
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 03:14:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغنىڭ شورىلىرىنى ئۆملەپ كىرىپ ، ئالما ئوغۇرلاپ چىقاتتۇق،،، ھېلىقى باغقا قارايدىغان ئىتلار توختماي قاۋاۋاتقان ، ئېگىىسى چىقىپ ، قولىغا كالتەك ئېلىپ بىزنى قوغلاۋاتقان ،،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   faeza.akef تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-24 03:18 PM  


مۇھەببەتتىن سانجىلغان تىكەن دەرتكە داۋا بولدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1851 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 03:33:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىسەم بولا .بالىلىقتا مەھەللىدىكى بالىلار بىر-بىرىمىزنىڭ باغلىرىغا بىللە ئوغۇرلۇققا كىرەتتۈق  شۇ .تۇتۇلۇپ قالساق ،ئارىمىزدا باللىرى بولۇپ قالاتتى .بىزگە گەپ قىلماي چىرىۋىتىپ باللىرىنى ئىلىپ قالاتتى .ئاندىن نىمىش يۇز بىرىدۇ ...ھەممىمىزگە ئايانغۇ .....

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111460
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2014-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 04:25:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆدەكلىكتە نىمە قىلمايدۇ دەيسىز، بىزمۇ سۇغا چۈمۈلگىلى باغىچە دەريا بويىدىكى تاۋۇزلۇقتىن تاۋۇز ئوغۇرلاپ ،تۇتۇلۇپ قىلىپ شوپۇڭ بىلەن راسا سالغان

يامان يولدا باشقىلار ھەمراھ بولغاندىن،
يامان يولدا تەنھا ماڭغىنىم ياخشى…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 455 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 04:28:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ       چوڭئاپامنىڭ   ئۆيىگە   بارغاندا        ،  شۇ  مەلىدىكى   بىر  قىز    بىلەن     باشقىلانىڭ     ئۆگزىسىگە    چىقىپ       غورا      ئوغۇرلاپ  باققان    ........

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5361
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1521 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 04:36:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېچكىمدە ھەر تەتىل بايرام دەم ئېلشلاردا يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئويناشقا ئامراق ئىدىم  نەۋرە باللار بىلەن سۇغا چۈملۈپ زاكۇ بېشىدىن قايتىپ ئۆيگە كەلگۈچە قوغۇنلىقلارغا ھۇجۇم قېلاىتۇق   بىر قېتىم يەنە يېگىرىمىدەك بالىلار ھۇجۇم قېلدىغان ئېتىزلىقىنى نېشانلاپ ھۇجۇمنى باشلدۇق  باشقىلار قولغا چىققانلىكى توڭ سويمىلارنى ئۈزۈپلا تېكۋىتتەتى  مەن ئۇنداق قىلمايتىم   تازا ئاختۇرۇپ تورلاشقان يوغان سويمىلارنى ئېزدەپ ئۈزۈپ چىقاتىم   شۇ قېتىم ھېچ ماڭا يارىغۇدەك سويما كۈرۈنمىدى ، بەخرامان ئۈزۈپ تاشلاپ چىكىپ ئۇرۇپ پىلەكلەرنى سۆرەپ ئىزدەپ بىرچاغدا ئەتراپىمغا قارسام مەن  بىلەن تەڭ ھۇجۇم قىلغان گۇيلىنىڭ ھېچقايسى يوق   تۇخا يۈرەكلەر قۇرقۇپ قېچشىپسەندە سويمامنى ئېلىپ چىقىپ تازا داملىتىپ يېمسەم دەپ يەنە پىلەكلەرنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ تۇيماي قۇغۇنچىنىڭ قۇغۇن باقىدىغان كەپسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتمەن  شۇھان چاتاق دەپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قاچاي دەپ تۇرشۇمغا بىر خۇتۇن كەپىنىڭ كەينىدىكى ئۇرەكتىن توشقانغا ئېتىلغان شىردەك تاشلىنىپ چىقماسمۇ ( ئەسلى تارەت ئېلىپ ئولتۇرۇپتىكەن، مەن بىلەن كىرگەن نوچىلار كەپىنىڭ كەينىدە ئادەم بارلىقىنى كۈرۈپ بەدەر قېچىپتىكەندە  ..) شۇيەردە  تۇتۋېلىپ  ئېتىزنى ئۈيۈڭدىكلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىمنەي  ھەممە قۇغۇنىنىڭ زىېيىنىنى تۈلەيسىنەي دەپ قۇشاق قېتىپ يىغلاپ قۇلۇقۇمدىن تۇتۇپ بىزنىڭ تۇققانلارنىڭ ئۆيگىچە كىرىپ يەردە يۇملاپ يىغلاپ مەھلە يول كۇچىلاردا نامايېش تولاپ يامان ئىزاغا قويغان ..   ھازىر ئويلسام سەل پەل خېجىل بۇلمەن ھەم ئاچچىغىم كېلدۇ   بىر توڭ سويما ئۈچۈن شۇنداق قېلىش كىتەمدا ساراڭ خۇتۇنغا      شۇ ئېشتىن كېيىن تاكى تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە يىزىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيگە بېرىشتىنمۇ خىجىل بولغانمەن         بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kudiratjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-24 07:25 PM  


ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105855
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 04:52:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىقتىكىدەك كۆڭۈللۈك،غەمسىز چاغلارغا بىز ئەمدى بىر ئۆمۈر ئىرىشەلمەيدىكەنمىز..

تۇتۇپ-تۇرۇپ شۇنداق گۈزەل خىياللارغا چۈشۈپ كىتىمەن،تۇرمۇشنىڭ غەملىرى مىنى ھالسىراتقان مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزۈم يالغۇز-بالىقتىكى سازلىقلاردا بىلىق تۇتۇپ ئاندىن قۇرۇپ قالغان تىرەكنىڭ شاخلىرىنى ئۇشتۇپ ھېلىقى سەرەڭگىدە ئوت يېقىپ،ھېلىقى 2موچەنلىك پىچىقىمىزغا بىلىقنىڭ كاللىسىنى كىسۋېتىپ ئوتقىلا تاشلاپ ئازراق پىشقاندا بالىلار بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ يىگىنىم.

ئاكام سىڭلىم ئۈچىمىز كىچىكلىكىمىزدە يازنىڭ ئايدىڭ ئاخشاملىرى خامان ساقلاپ يېتىپ بىر-بىرىمىز بىلەن دىيىشىدىغان مەختۇمسۇلا چىن تۈمۈر باتۇر چۆچىگى...

باھار پەسلى كەلسە يەنە شۇ تەڭتۇش بالىلار بىلەن يىڭى ياشارغا چىۋىقتا بوت-بوت ياساپ چېلىپ ئوينام قوۋزىمىز ئاغرىپ كىتەتتى.



كىچىكلىكىمىزدە شۇ يېزا تۇرمۇشى بەك كۆڭۈللۈككەنتۇق،لىكىن يەنىلا ئۆزىمىز خالاپ شەھەردە ياشاپ قالدۇق،ھەممىسى كەلسىمىز ئۈچۈن بىلىم ئېلىشنى،كەسىپ ئۆگۈنۈشنى ئويلاپ شەھەردە ياشاۋاتىمىز...لىكىن شۇ بوز توپىلىق يېزىمىز ھەردەم خىيالىمىزدا،كىچىكلىكىمىزدە ئاۇدىڭ كېچىلەردە قوغلاشماق ئوينىغان،مۈكۈشمەك ئوينىغان شۇ تۈز كۆڭۈل سەبىي دوستلىرىمىز ھېلىھەم يادىمىزدا..


بالىلىققا بىر كۈن بولسىمۇ قايتىپ شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىدا ئەللەيلىنىپ باققۇم بار،بالىلىقتىكى سەبىيلىككە قايتقۇم بار،ئەگەر بىراۋلار مىنى مەسخىرە قىلمىسا شۇ شاكىچىكلەر بىلەن تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ ئوينىغىم بار.

ئادەتتە ياشلىقنى ھەممىدىن گۈزەل بەخىتلىك،جۇشقۇن چاغلار دەيدىكەنمىز،لىكىن يەنىلا بالىلىق ياخشىكەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 05:02:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىكىمدىكى بىر ئىش يادىمغا يەتتى،  دوستلىرىم بىلەن بىر باغقا كىرگەنتۇق،باشقىلار يەردىلا ئۆرۈك ئۈزۈپ يىگىنى تۇردى،مەن بويۇم سەل ئېگىز بولغاچقىمۇ قىينالمايلا ئېگىز ئۆرۈك دەرىخىگە چىقىۋاپ چىققانسېرى ئېگىز چىقىپ چوققۇسىدا ئولتۇرۇپ قۇشقاچتەك ،ئەمدى يەي تۇرسام  باللا  ئېگىسى كەلدى دەپ قاچماسما ۋاي ئانام دەپ يەرگە قارىسام بېشىم بىر قايدى شۇنىڭ ىلەن چۇشەممەي يىغلاپ ئولتۇردۇم ئېگىسى كىلىپ چۇشە تاز دەپ تىللايتۇ مەن گەپ قىماي يەنە يىغلاپ ئولتادىم قاندا چۇشەمە دەپ  باغنىڭ  ئېگېسى  دەسلەپتا تازا تىللىدى كىيىن ئاپاق ئۇكام چۇشكىن دەرەختىن دەپ ئۇز گەپ قىلدى كىيىن يالۋۇرۇپمۇ كەتتى ئاپاق ئۇكام بىر چۇشكىن ئاشۇ دەرەختىن يەرگە يېقىلىپ چۇشسەڭ، مىششەگە ئۆرۈك سېپ قويغىنىمغا تويماي دەپ  چۇشەممەي يەنە يىغلاپ ئولتۇرسام،  ئۆزى چىقىپ دەرەخكە مىنى بىر ئامال قىلىپ چۇشۇرۇپ بىر مۇنچە ئۆرۈك ئەپ بېرىپ يولغا سالغان يېغلىماي  ئۆيەڭگە كەتكىن ئەمدى ئىككىنجى دەرەخكە چىقما دەپ  باغدىن چىقىپ تۇسام تاغام كەپتۇ مىنى چۇشۇرۋالغىلى  ئەسلى دوسلۇرۇم ئۇدۇل بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپتىكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   5:20AM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-24 05:05 PM  


كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدىغان زامانلار كىتىپ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن قان-زەرداپ ئىچىدىغان زامانلار كەپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 05:07:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى تېخىمۇ بىر قىززىق ھىكايە چىقماقچى  ھېچكىمگە دەپ قويماڭلا  ئېگىسى كىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن مەن باش سۆرەت ئوغۇرلىۋالاي

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدىغان زامانلار كىتىپ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن قان-زەرداپ ئىچىدىغان زامانلار كەپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 130
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11026
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 05:16:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف............  نىمە  دىگەن  ساپ  تىما ھە  ،مەزمۇن بىلەن ئى  رەسىملەرنىڭ  بەك قاملىشىپ كەتكىنىنى   .................منى ئۆزۈممۇ  ئۇنتۇپ قالغان  بىر گۈزەل تۇيغۇلارغا  باشلاپ كىردى  دىسە،، بالىلىقتا نىمىش قىلسا يار شىدىكەن  ئادەمگە  ھازىرچۇ  ئۆزۈمنىڭ  بالىلىقىمنى تولۇق  يوقاتماي تۇرۇپلا  بىر بالىنىڭ  دادىسى بوپ قاپتىمەن  شۇ بالىلىقىمنى ئالدىمدىكى 4 ئايلىق  بولغان ئوغلۇمدىن  كۆرگەندەك بولىۋاتىمەن ،،،،، ئادەمنىڭ  ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز  ئەڭ  گۈزەل ۋاقىتلىرى بالىلىقتىلا  قالامدىغاندۇ  ،،،،،  باغدىكى  غورا ،كىتەكتىكى تۇغۇم ....،،،،،،،،مۇكۆۈشمەك  ئويۇنلىرى ،سوقۇش،،،،  ئىشنى قىلىپ  بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا  ئويۇنلىرىمىز ھەم كۆڭۈللۇك ھەم شۇنچە تەبىئەتكە  يىقىن ئىدى ،،،تىمىڭىز ماڭا بەك  تەسىر قىلدى  ئۆزۈممۈ مۇڭلۇنۇپ  قاپتىكەنمەن بۇگۈن   قولۇمغا ئالبومنى ئالىدىغان بولدۇم دە ئەمدى

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش