يىـڭى ئــەزا
جەمئىيەت كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتقان، رىقابەت كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بايلىققا قىزىقمايدىغان ،پۇل تېپىشقا ئىنتىلمەيدىغان بىرەرمۇ كىشى بولمىسا كىرەك . باي-باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن پۇل بولمىسا بولمىغىنىدەك ، پۇل تېپىش ئۈچۈنمۇ ئالدى بىلەن توغرا بولغان دۇنيا قارىشى ، بەلگىلىك ئىقساد ئېڭى، ئەڭ مۇھىمى توغرا بولغان نىشىان بولىشى كىرەك .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! O# C1 U5 T' i1 L2 X. B) W5 t# F ئۇنداقتا قانداق قېلغاندا تىخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى ، كۆپلەپ بايلىققا ئىرىشىشتىن ئىبارەت بۇ چۈشنى رىئالىققا ئايلاندۇرغىلى بۇلىدۇ ؟ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ،ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن كۆپلەپ پۇل تىپىپ خەلىقنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئالقىشىغا ئىرشىۋاتقان مىللى ۋەتەنپەرۋەر كارخانچىللرىمىز ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە . ئۇلارنڭ ئاشۇنداق غايەت زور نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ توختېماي ئىزدىندىغان تىرشچان روھىدىن ،جاپاغا چىدايدىغان چىدامچانلىقىدىن ،شۇنداقلا قېيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغان شېجائەتچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردا : ‹ جاپا تارتمىغۇچە ھالاۋەت يوق › دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار .دىمىسىمۇ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتقانلار قانداقتۇر تەلىيى كەلگەنلىكتىن ۋە ياكى بىرەر مۆجىزە يۈز بەرگەنلىكتىن بولماستىن بەلكى بۇ ئۇلارنڭ باشقىلار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالىغانلىقىدا ۋە شۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالغانلىقىدا .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ]2 E3 {+ r% s1 Z بىر شىركەتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈنۈم يارىتىش ئەلۋەتتە ئاددىي بىر ئىش ئەمەس. شۇڭلاشقا ئادەتتە مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە سودا مۇتەخەسسىسلىرى مول باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە شەخس ياكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سودا كوللېكتىۋى تەشكىللەپ باققان، سودا پىلانى تۈزگەن، شۇنداقلا مەھسۇلات ئېچىش جەريانىدا پايدا-زىياننى كۆرۈپ باققانلار يەنى «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىسى»گە ئىگە باشقۇرغۇچىلارلا ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىكەن. بۇلارنىڭ قارىشىنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. تەجرىبىسى مول كىشىلەر ھەقىقەتەن ماھىر ئۇستىلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار تەجرىبە توپلاش جەريانىدا، پىشىپ يېتىلىدۇ ۋە يېڭى نىشان ئىزدەپ تاپالايدۇ. تۇرمۇشمۇ مانا مۇشۇنداق، ئىگىلىك تىكلەشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا پۈتۈن ئۈمىدنى مۇشۇنداق تەجرىبىسى مول كىشىلەرگە باغلىغاندا مەغلۇب بولۇشتىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 W9 m+ m8 G. L; }' E ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ،پۇل ئىنسان تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل . مۇنداقچە قىلىپ ئېىيتقاندا بىر ئائىلىنى قامداشتىكى مۇھىم تەركىپلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا كاپالىتى . ئەگەر سىز ھازىر 20 ياشلار ئەتراپىدا بولسىڭىز ئۇنداقتا كارخانىچى بولۇش ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇرۇڭ، نىشانىڭىز ئۈچۈن جاسارىتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىڭ، ئەڭ ئاخىرى داڭلىق كارخانىچىلار تىزىملىكىگە كىرىپ قالسىڭىز ئەجەب ئەمەس، مەغلۇب بولسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، چۈنكى سىزنىڭ ئۇتتۇرۇۋەتكۈچىلىكىڭىز بار. چۈنكى سىزدە ئەڭ مۇھىمى يەنە پۇرسەت ۋە ۋاقىت بار، چۈنكى بۇلار سىزگە دەرس بولالايدۇ، تەجرىبە توپلىيالايسىز، قېنى نېمىدىن غەم قىلىسىز، ياشلىقىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلغۇچە ھەرىكەتكە كېلىڭ! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ [! @6 x: J7 N# B: Z# X7 sبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- D: [0 b. `; Z6 a9 `/ z% { ماقالە ئەسلى مەنبەسى: http://xjabs.com/show/?id=1888 بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 U3 Y$ n$ C+ i* z2 Y) q- f9 _* P
پاش قىلىش
نېمىلەرنى ئويلا
مەستانە ئـــەزا
مەخەتجان
تەجىربىلىك ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ