مۇھەببەت چاقچىقى
بىر جۈپ قىز-يىگىت ئاتا-ئانىسىنىڭ زورلىشى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقتى ،بىر بىرى ھەققىدە ئانچە مۇنچەچوڭلاردىن ئاڭلىۋالغىنىى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەر ئىككىلسى قارشى تەرەپ ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيتى، سالام-ساھەتتىن كېيىنلا ئارىنى جىمجىتلىق باستى،يىگىت قىزغائاستىرىتىن ئاۋايلاپقىنە نەزەر تاشلىدى، قىز بەك گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ ،ئەمماتۇلىمۇ مېھرى ئىسسىق، ئوماق ئىدى، ئەدەپ بىلەن ئېگىلىپ ئەسسالام دەپ سالام بېرىشلىرىدىن چاي قۇيۇشتىكى ئەپچىللكىدىن، كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ يىگىتكە تىكىلىپ تۈزۈككىنە قاراپمۇ باقمىغىنىدىن قىزنىڭ تولىمۇ نۇمۇسچان،ئەخلاقلىق ئىكەنلىكنى كۆرېۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى، بىراق شۇنداقتىمۇ يىگىتنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇنقى قارارىغا ھېچقانداق تەسىر ئېلىپ كېلەلمىدى، يىگىت بۇ قىزغا قوپاللىق قىلماي ئۆزىنىڭ قارارىنى ئېيتىشنى لايىق تاپتى.قىزمۇ شۇ تاپ ئۆز خىيالى بىلەن بەند ئىدى، ئۇ بۇ ئالدىدا ئولتۇرغان بۇسالاپەتلىك سۈرى يامان يىگىتكە قانداق گەپباشلاشنى ،كۆڭلىدىكىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي قالدى، قارىسامغۇ خېلىلابىلىملىك ،ئەخلاقلىق يىگىتتەك كۆرىنىدۇ،يەنە كېلىپ بىز قوشنا، ئۆيدىكىلەرمۇ شۇنىئارزۇ قىلىدۇ بىراق يەنىلا مەن كۈتكەن ئادەم ئەمەستە، بولدىلا ،يەنىلا پىلانىمبويىچە ئىش كۆرەي ، يامىنى كەلسە ئاپامدىن يەنە ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاش تىل ئىشتىۋالامەن شۇ، شۇنداق قىلمايمۇ نېمە ئامال ماڭا، توي ئىشى دېگەن ئۆمۈرلۈك ئىشىتۇرسا ،ھاياتىمنى ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ،بىرگە ياشاشقا ئازراقمۇ ئىشەنچىم يوق خالىغان بىرسىگە مۇنداقلا تۇتقۇزسام بولماس، چۇقۇم سەۋېرچانلىق بىلەنكۆڭلۈمدىكى شۇ ئادەمنى ساقلىشىم كېرەك....قىز شۇلارنى ئويلاپ ئازراق يەڭگىللەپ قالغاندەكبولدى. شۇ تەرىقىدە ئۇلار مۇلازىم كېلىپ ئۇلاردىن نېمە يەيدىغانلىقىنى سورىغىنىغاقەدەرھەر ئىككىلسى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى
-نېمە تاماق يەيسىز ؟ قايسىنى خالىسىڭىز شۇنى بۇيرىتايلى ،ھەرگىز تارتىنماڭ ،-دېدى يىگىت كىرگەندىن بېرى بېشىنىمۇ كۆتۈرۈپباقمىغىنىدىن قىزنىڭ تارتىنىپ قالغىننىبىلىپ ،ھەي بىچارە، بۇ قىزدا نېمە ئامال، قارسامغۇ شۇنداق ياخشى ،لېكىن ....كۆڭۈلدېگەن ياخشى بولسىلا ياخشى كۆرىۋەمەيدۇ دە. ئۇ شۇنى ئويلاپ ئۆزى ئەمدىباياتىنقىدەك جىممىدە تۇرۋالماسلىقنى قاررار قىلدى.
-مەن ئادەتتە لەغمەننى بەكرەك ياقتۇرىمەن، شۇڭا لەغمەن يەي...
قىزنى بىردەم نازلىنىپ يالۋۇرتىدۇ دەپ ئويلىغان يىگىت قىزنىڭ بۇنچە تېز كەسكىن جاۋاپ بەرگىنىدىن يەنە كېلىپ لەغمەن بۇيرۇتقىنىدىن ھەيرانلاقالدى،چۈنكى ئادەتتە قىزلار ئۇچرىششىغا چىققاندا يىگىتنىڭ ئالدىىدا لەغمەننى تارتىپ سوزۇپ يېيىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتى، نېمە دېگەن ئوچۇق قىز بۇ قارىسامغۇ شۇنداق يۈزى تۆۋەن تارتىنجاق كۆرۈنگەنىدى، لېكىنغۇ قىزلا دېگەن مۇشۇنداق بولسا،كەچكىچە نازلىنىپ ئادەمنى ھاردۇرۋەتكەندىن ،بەرىبىر يەيدىغۇ تاماقنى، قارىغاندا بۇقىز ئوشۇقچە قائىدە يۇسۇنلارغا ئانچە ئېسىلۋالمايدىغاندەك تۇرىدۇ، بوپتۇ، بۇنداق تىپتىكى قىزلار بىلەن پاراڭلىششى ئاسان ،يىگىت شۇلارنى ئويلىدە ،تېخىچە ئۆزىگەقاراپ تۇرغان مۇلازىم قىزغا لەغمەندىن ئىككى قاچا بۇيرۇتتى.
بىراق يىگىت قىزنىڭ قەستەن ئۆزنىڭ ئەڭ قاملاشمىغان تەرەپلىرىنى يىگىتكە كۆرسىتىش شۇ ئارقىلىق يىگىتنىڭ رايىنى ياندۇرۇش ئىكەنلىكنى بىلمەيتى،ئۇلار تاماقنى گەپ سۆزسىز يېيىشتى، قىز يىگىتنىڭ رايىنى يېيىش ئۈچۈن لەغمەننى قەستەن ئاۋاز چىقىرىپ يېيىشكە باشلىدى، يەنە تېخى چاي قۇيۇش جەريانىدا قەستەن يىگىتكەچاچرىتىۋەتتى، قىز مۇشۇنداق قىلىقسىزلىق قىلساملا يىگىتنىڭ مەندىن رايى يانىدۇ دەپ ئويلايتى، ئەمما قېرىشقاندەك يىگىت ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي بېشىنى كۆتۈرمەي تاماق يەۋاتاتتى.توۋا ئايشىەم ئاپام(يىگىتنىڭ ئاپىسى ) ئوغلۇم بەك زىل، ئىنچىكە، قوپال قىزلارنى پەقەت ياقتۇرمايدۇ دەۋاتاتتى، شۇنچە قوپال ھەركەتلەرنى قىلساممۇ كارى يوققۇ، تازىمۇ بىر...قىز شۇ تاپ تىت تىت بۇلۇۋاتاتتى، بىراق ئۇ يىگىتنىڭمۇ دەل ئۆزى باش قاتۇرۋاتقان مەسلەئۈستىدە-قانداق قىلىپ قارشى تەرەپنى بۇ تويدىن ياندۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنۋاتقىننى بىلمەيتى ،ئەلۋەتتە يىگىتمۇ قىزنىڭ خىيالىدىن بىخەۋەر ئىدى، شۇنداق قىلىپ بۇ بىرجۈپ قىز يىگىت ئوخشاش نىشان ئۈچۈن ئوخشاش نىيەتتە غەم قىلىۋاتاتتى.
قىزنىڭ ئىسمى رەشىدەبۇلۇپ يىگىتتىن ئىككى ياش كىچىك ئىدې،ئۇ تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كېسەلچان ئاپىسىغا قاراش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ ئوقۇشقا بارمىدى،كېيىن ئاپىسىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن شەھەردىكى بىر سېستىرالىق مەكتىپىدە ئىككى يىل ئۇقۇپ ھازىر شەھەردىكى بىر شەخسىي دوختۇرخانىدا سېستىرالىق قىلىۋاتقانىدى.، ئۇ بۇيىگىتنى يەنى قوشنىسى ئايشەم ئاپىنىڭ يالغۇز ئوغلى ئەركىننى پەقەت بىر نەچچەقېتىملا كۆرگەن بۇلۇپ ئادەتتە ئۇچرىشىپ قالسىمۇ ئۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى ياكى كۆرمەسكەسالاتتى، چۈنكى ئەركىن رەشىدەگە بەكمۇ سۈرلۈك كۆرىنەتتى، يەنە كېلىپ ئەركىننىڭ ئاپىسى ئايشەمخان دائىم رەشىدەگە سىزنى كېلىن قىلۋالغۇم بار دېگەندەك گەپلەرنى تولا قىلغاچقا رەشىدە ئۆزىنى خۇددى ھازىرلا ئەركىن ھاپلا قىلىپ يەۋېتىدىغاندەك تولىمۇ قورقۇنچلىق بىلنەتتى. شۇڭا ئۇ ئەركىننى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتى.ئەركىنمۇشۇنداق،گەرچە ئۇ ئاپىسىدىن كۈندە دېگۈدەك بۇ قىزنىڭ تەرپىنى ئاڭلاپ تۇرسىمۇ بۇ ئۇنىڭ بۇ قىزنى تۇنجى قېتىم ھازىرقىدەك يېقىندىن ئېنىق كۆرۈپ بېقىشى ئىدى، ئۆزىغۇ شۇنداق چىرايلىقكەن ،بىراق كۆڭۈل چىرايغا باقمايدۇ دە، ئۇ ھەرقانچە پەرى بولۇپ كەتسىمۇ قەلبىمدىكى مەھبۇبەمگە يەنى زىباغاتەڭ قىلمايمەن ،بەلكىم زىبا بۇ قىزدىنمۇ گۈزەلدۇر، ياق بەلكىم ئەمەس چۇقۇم بەكچىرايلىق ،چۈنكى زىبادا ھېچقانداق قىزدا يوق قەلىب گۈزەللىكى بار، شۇڭا ئۇ مەڭگۈ چىرايلىق، ئېسىت ئاپامنىمۇ زە، مەن كىچىك بالىسىدەك خەققەئادەمگەرچىلىك قەرزى بولسا ئۆزى قايتۇرماي مېنى ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان بىرى بىلەن توي قىلىشغا مەجبۇرلىغىنى نېمىسى..ئىشقىلىپ مەن بەرىبىر بۇ قىزنى ئالمايمەن،مەنچۇقۇم زىبانى ئالىمەن، شۇ تاپ ئەركىن ئەزەلدىن چىرايىنى كۆرۈپ باقمىغان تور ئىسمىزىبا بولغان شۇ نامەلۇم ئاشىقىنى تۇيۇقسىزل كۆرگىسى كېلىپ كەتتى، ئۇنىڭ چىرايىزادى قانداقتۇر؟ ئۇرۇقمىدۇ سېمىزمىدۇ؟ چۇقۇم بەك چىرايلىق چۈنكى قەلبى گۈزەلنىڭ ھەممە يېرى گۈزەل بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەركىن بۇرۇن نەچچە قېتىم ئويلاپ خىيال قىلغان چىراينى يەنە خىيال قىلىشقا باشلىدى. بىچارە زىبا، ھازىر نېمە ئىش قىلۋاتقاندۇ ؟ ئاخشامدىن بېرى قالدۇرغان خېتىمگە تېخىچە جاۋاپ يازمىدى دېسە، ياكى خىزمىتى ئالدىراشمىدۇ؟ توغرا ھازىرقىدەك ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمى كېلىۋاتقان كۈنلەردە گۈل دۇكىنى چۇقۇم بەك ئالدىراش بۇلۇپ كېتىدۇ، بوپتۇ ،كەچكىچە خەت يېزىپ قالار...
ۋايجان ...قىزنىڭ ئەنسىز ۋارقىرشىدىن ئەركىن خىيال دۇنياسىدىن رېئاللىققا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇربولدى. ئۇ تېزلا ئۆزىدىن بىر قەدەمچە ئارلىق تاشلاپ كېلىۋاتقان قىزنىڭ ئالدىدكى بىقىشقا پۇتلىشىپ كەتكىننى كۆردى، توېا ،نېمانداق پالاكەت قىزدۇر، بۇ شۇنچە چوڭنەرسىنى كۆمەي پۇتلىشىپ يۈرگىننى،ياكى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش خىيال سۈرۈپ ماڭغان بولغىيمىتى ، ئۇ ئىچىدە شۇلارنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا قىزنىڭ يېنىغا ئەدەپ يۈزسىدىن تېزلا باردى.
-قانداقراق، بىريېرىڭىز زەخمىلەنمىگەندۇ؟- ياقەي ،ھېچقىسى يوق .قىز ئارلىقنى يەنە جىمجىتلىق باستى. ھەئە ،شۇ تاپتا قىزمۇ يىگىتكە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى يىگىتىنى ئويلاپ ماڭغاندى، قانداق قىلارمەن؟ قىز بالا تۇرۇپ مەن باشتا ئېغىز ئاچسام قانداق بۇلار ؟ يەنە كېلىپ باشقابىرى ئەمەس، دەل قوشنىمىز ئايشەم ئاپامنىڭ ئوغلى ، بۇ ئىشنى بۇزسام ئاپامنىڭ رەنجىيدىغىنى ئېنىق، ئاپاملا ئەمەس، ئايشەم ئاپاممۇ چۇقۇم مەندىن خاپا بۇلىدۇ،ئەگەر توينى يىگىت رەت قىلغان بولسا ئەجەپ ياخشى بۇلاتتى، بىراق قارىسام ھېچ ئۇنداق نىيتى باردەك ئەمەس،شۇنچە قىلىقسقزلىقنى قىلساممۇ بىر ئېغىزمۇ ئەيىبلىمىدى،تازىمۇ بىر، شۇنچە ياشقا كىرگۈچە بىرەرى بىلەن پۈتۈشمىدىمىكىنە؟شۇنداق بولغان بولسا بەكمۇ ياخشى بۇلار ئېدى، ،،،قىز بۇ قېتىمغا ئۇچرىششىقا ئاپىسى بىلەن ئايشەمخان ھەدىنىڭ يالۋۇرشى بۇلۇپمۇ ئاپىسىنىڭ يىغلاشلىرى سەۋەبىدىن چىققانىدى، ئۇ ئادەتتە ئۆزىگە ئانچە دىققەت قىپ كەتمەيدىغان ئەركىننى مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ قارىغاچقا ھەم ئۆزىنىڭ قىلىقسىز قىلىقلار بىلەن ئۇنىڭ رايىنى ياندۇرسا ئۇ چاغدا بۇ تويغا ئۆزى ئەمەس بەلكى ئەركىن قۇشۇلمىغان بۇلاتتى بۇنداق بولغاندا ئۇ ئاپىسىنىمۇ،ئايشەمخان ھەدىنمۇ رەنجىتمەيتى، كۆڭلىدە چوتنى مۇشۇنداق سوققان رەشىدە بۇئۇچرىششىقا چىققانىدى، ئەپسۇس، ئۇنىڭ ئويلىغىننىڭ بىرىمۇ بولمايۋاتتاتى.ئەمدى ئېغىز ئاچمىسا بولمايدىغاننى ھېس قىلغان رەشىدە گەپنى ئۆزى دېيىشنى ئويلاشتى . بوپتۇلا، ئۆزۈمنىڭ بەختى ئۈچۈن بۇقېتىم خىجىل بۇلۇشنى قۇيۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدە باشقا بىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتاي...
مەن....-تەڭلائېيتىلغان سۆزدىن ھەر ئىككىلىسى تۇرۇپلا قالدى ،ئارقىدىن يېنىككىنە كۈلۈشۈپ قويدى.سىز ئاۋۋال دەڭ ،- دېدى قىز .
ياق ،بولدى سىزئاۋۋال دەڭ. ئۇلار بىردەم كىم بالدۇر دېيىش توغرىسىدا تالاش قىلۋەتكەندىن كېيىن ئەركىن باشتا دېمەكچى بولدى. (داۋامى بار....)