ئومومى بايان
1. مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش دىگەن نىمە؟
كېسەللىك ۋە زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئوخشاشلا مېيىپلىقنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش دىگىنىمىز دائىم كۆرۇلىدىغان مېيىپلىقنىڭ سەۋەبى مەسىلەن: ئېرسىيەت، يېتىلىش، تاشقى زەخمىلىنىش، كېسەللىك، موھىت، قىلمىش قاتارلىق خەتەرلىك ئامىللارغا قارىتا ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك ۋە زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياكى ئازايتىپ، زەخمىلىنىش ۋە كېسەللىكتىن كېلىپ چىقىدىغان مېيىپلىقنى چەكلەپ ۋە ئەكسىگە قايتۇرۇش ھەمدە مېيىپلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن مېيىپلىقنىڭ مېيىپلىق توسالغۇسىغا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
2. مېيىپلىق بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟
تۇرمۇش، ئۈگىنىش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائى پائالىيەت جەريانىدا بىر قىسىم كىشىلەردە تۇرلۈك ئىقتىدار توسالغۇسى مەۋجۇت بولىدۇ. مەسىلەن: پۇت – قول ھەرىكەت توسالغۇسى، ئاڭلاش – سۆزلەش توسالغۇسى، روھى كەيپىيات توسالغۇسى، ئەقلى ئىقتىدار توسالغۇسى، كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇسى قاتارلىقلار. 2006- يىلى 2- قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلاردىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە 82 مىليون 960 مىڭ مېيىپ بار بولۇپ، ئومومى نوپۇسنىڭ ٪6.34 نى تەشكىل قىلىدۇ، يەنى ھەر 16 كىشىنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر مېيىپ بار دىگەنلىك. ئىنسان بىر ئۆمۈر ھاياتىدا تۇرلۈك تۈمەن مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارغا يولىقىشى مۇمكىن. بىر قىسىم ئامىللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بىر قىسىملىرى بولسا ئوبىكتىپ مۇقەررەر بولىدۇ. ئالدىنقىسى مەسىلەن: ئىرسىيەت، يېتىلىش كەمتۈكلىكى، تاساددىپى زەخمىلىنىش، كېسەللىك، موھىت، ھەرىكەت قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن مېيىپلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى بولسا نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى تۈپەيلىدىن فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارنىڭ چىكىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىدار توسالغۇسىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بىز مەيلى قانداق چارە – تەدبىرنى قوللانمايلى مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا يەنىلا ئوموميۈزلۈك ھەل قىلىنغىنى يوق. خەلقئارادا مېيىپلىق نىسبىتىنى ٪15-٪10 ئەتراپىغا يەتسە بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. سانائەتلىشىش ۋە شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى، ئاھالىنىڭ يۆتكىلىشى، ئىنسانلارنىڭ خىزمەت رىتىمىنىڭ تىزلىشىشى شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش ئاۋارىيىسى، قاتناش ئاۋارىيىسى ۋە موھىت بۇلغۇنىشى قاتارلىق ئىجتىمائى موھىت ئامىلىنىڭ تەسىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېيىپلىنىشنىڭ يۈز بېرىش خەتىرىنى ئۆستۇرۋېتىدۇ.
مېيىپلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا تارقالغان، مەيلى تەرەققى تاپقان ئەللەر بولسۇن ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر بولسۇن ھەممىسىدىلا مېيىپلار بار. ھەر قايسى دۆلەتلەردە پەقەت مېيىپلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىك پەرقىلا مەۋجۇت، مېيىپ بولۇش – بولماسلىق پەرقى يوق. ئوخشىمىغان ياش قاتلىمىدىكىلەر ئوخشاش بولمىغان مېيىپلىنىش خەتىرىگە يولىقىدۇ، شۇڭىلاشقا مېيىپلىق ھەر بىر كىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم «ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم».
3. نىمە ئۈچۈن مېيىپلىقنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىن ساقلانغىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەيمىز؟
ئىنسانلار گەرچە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلكى بولغان مېيپىلىنىشتىن خالىي بولالمىسىمۇ، لېكىن مېيىپلىنىشنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ۋە كونتىرول قىلالايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىرقى تېخنىكىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەڭ كەمىدە ٪50 مېيىپلىقنى كونتىرول قىلغىلى ياكى يۈز بېرىشىنى كېچىكتۇرگىلى بولىدىكەن.
ئېلىمىز پىلانلىق ئېممونىتلاشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان توت تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىك (يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى، قىزىل، بوغما، كۆكيوتەل) نىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى زور ھەجىمدە تۆۋەنلەپ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بۇ كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن كۆرۇلىدىغان مېيىپلىق نىسبىتى ئازايدى. ئېلىمىز يەنە ئۈزلۈكسىز تۇردە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، مىكرو ئىلمىنىتلار كەملىكى، ۋىتامىن A كەملىكى، يود كەملىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مېيىپلىقنى ئازايتتى. سۈپەتلىك تۇغۇپ سۈپەتلىك تەربىيلەش تەشەببۇسى تۇغما مېيىپلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. مېڭە ئاتوپلىكسىيىسى بىمارلىرىنى بالدۇر بايقاپ ساغلاملىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ٪90 دىن كۆپرەكلىرى تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بولۇپ، مېيىپلىقتىن ساقلانغىلى ياكى مېيىپلىق تەسىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. مېڭە پارالىچ بالىلارغا بالدۇر ئارلاشقاندا، يېرىمىدىن كۆپرەك بالىلارنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرىنەرلىك ياخشىلىغىلى بولىدۇ. سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق مېيىپلىقنىڭ 2- دەرىجىلىك ۋە 3- دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتكىلى شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولىدۇ. شۇڭىلاشقا، مېيىپلىقنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كونتىرول قىلغىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەيمىز، ئەمەلىيەتمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلىغان.
4. ئېلىمىزدە مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق تەدبىرلەر قوللىنىلغان؟
ئېلىمىز ھۆكۈمىتى مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
بىرىنجى تۇرلۈك قانۇن قائىدە تۈزۈپ چىقىلدى. قانۇن قائىدىلەردە مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك دەپ ئېنىق بېكىتىلدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مېيىپلارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۇرۇش قانۇنى» دا "دۆلەت مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پىلانلىق قانات يايدۇرىدۇ، مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك تۇغۇپ، سۈپەتلىك تەربىيىلەش ۋە مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ ئوموملاشتۇرىدۇ. ئىرسىيەت، كېسەللىك، دورىدىن زەھەرلىنىش، ھادىسە، ئاپەت خەۋىپى، موھىت بۇلغىنىشى ۋە باشقا جەھەتتىكى مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارغا قارىتا قانۇن، قائىدە تۈزۈپ چىقىپ، جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلىق يۈز بېرىشى ۋە ئاينىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانا – بالىلارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۇرۇش قانۇنى»، «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، «موھىت ئاسراش قانۇنى»، «زەھەر چەكلەش قانۇنى»، «تاشيول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردىمۇ مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر مەزمۇنلار بار.
ئىككىنجى تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، تەشۋىقات تەربىيە كۈچەيتىلدى. سەھىيە، قاتناش، موھىت ئاسراش قاتارلىق تارماقلار مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمە تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۇرۇپ، تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت قاتناشقان مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق، ئومومىي خەلىققە مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، شەخىس، ئائىلە، جەمئىيەت ھەر قايسى تەرەپنىڭ قىلچىمۇ بوشاشماستىن چىڭ تۇتۇپ، مۇشۇ خىزمەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كۈچ چىقىرىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ.
ئۈچىنجى موھىم نوقتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلدى. پىلانلىق تۇغۇت، پىلانلىق ئىممونىتلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كونتىرول قىلىش، دەسلەپكى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش بولۇپمۇ ئانا – بالىلار ساغلاملىقى شۇنداقلا ئوزۇقلىنىش، بىخەتەر ئىچىملىك سۇ ۋە موھىت تازلىقىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلغانلىقتىن، ئېلىمىزدە نوپۇسىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىدى. ئوتتۇرىچە مولچەر ئۆمرى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. بالىلارغا قارىتا پىلانلىق ئىممونىتلاش يولغا قويۇلغانلىقتىن، بىر قىسىم مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئاللىقاچان ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىندى ياكى كۆرىنەرلىك ئازايدى، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىپ تۈردىكى مېيىپلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇددۇس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-23 02:23 AM