ھەرمىسرا سۈزۈمدە تىرىلسۇن ھايات
ھەسرىتىمنى ئېلىپ كەتمەس بۇ يىللار،
نىشانىمدا ماڭالمىغاچ ھاياتىم.
ئۆتۈپ كەتتى شۇنچە ۋاقىت بىھۇدە،
قايتىپ كەلمەس ئەمدى كەتكەن باھارىم.
تۇرمۇش غىمى دەپلا يۈردىم تالاي يىل،
ۋىجدانىمدىن قىلالماستىن ھېچبىر ئىش.
قۇرۇپ كەتتى ئارمانلىرىم مۇڭسىراپ،
قېنى مەندىكى غايەم ئۈچۈن ئىنتىلىش.
ئويلاپ قالدىم بۈگۈن ئۆزۈم ئۇھسىنىپ،
روھىمدىكى تەبىلىكىم نە ،كەتتى.
ئىرادەمگە خىلاپ ھەممە ئىشلىرى،
بۇنداق ياشاپ ماڭا نىمە نەپ يەتتى.
ھايات دەۋرى چەكلىكتىغۇ ئىنساننىڭ،
ئارزۇ-ئىستەك ۋىجدان ئۈچۈن ئالدىراپ.
ھەرمىسرا سۆزۈمدە تىرىلسۇن ھايات،
مەن ياشاي غەيرەتتە بىلىمنى باغلاپ.
مېھرىڭگە ئىنتىلىپ قىلىمەن سەبىر
تېمىملاپ ئاقىدۇ قەلبىمگە مېھىر،
ھەرمىسرا سۈزۈمنى قېنىمدا بۇياپ.
جېنىمدىن ئۆتتىغۇ بەزى ئازابلار،
ئاغرىقتا يۈرەكىم يىغلاپ ھالسىراپ.
ئىزدىدىم بەرگىمنى مېھرىمگە چىلاپ،
مۇڭسىرغان سۆزلىرىم يىراققا ئاقتى.
ئەقىدەم بېتىگە پۈتلۈپ پۈتۈكلەر ،
كۆز يېشىم كەلكۈننى بۇلاپلا قاچتى.
ھەرتۇيغۇم سېھرىدە سىنىڭ سۈرىتىڭ،
چېچىمدەك يەلپۈنۈپ تۇرار دىلىمدا.
قۇرىغان ياپراقتەك لەۋلىرىم پۈتۈن،
تەلمۈرۈپ سۈزۈڭگە باقىدۇ ئۇدا.
مېھرىڭگە ئىنتىلىپ قىلىمەن سەبىر،
دېڭىزدەك مېھرىمنى يۇلىڭغا سېپىپ.
يانمىغىن سۆزۈڭدىن قىلغىن سەن ۋاپا،
ئەركەكلىك ئېتىڭغا ئاداققى مىنىپ.
مەنبە قەلىمىم