مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1194|ئىنكاس: 15

ئەردەك ياشا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103799
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 09:57:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەردەك ياشا


مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»

مەھەللىدە ئايالىڭ، ياقتۇرماپتۇ ئاناڭنى،
كەمسىتىپتۇ «تومپاي»دەپ جەمەتىڭنى داداڭنى.
ھاقارەتتىن ياش تۆكۈپ قاپتۇ ئاناڭ كىتىپسەن،
ئايالىڭنىڭ كەينىدىن ئەگەشتۈرۈپ بالاڭنى.



«توۋا» ئاناڭ ئىدىغۇ سىنى ئاسراپ باققىنى،
«جان بالام » دەپ باغرىغا مېھرى بىلەن ياققىنى.
ساداقەتمەن ئەر بولۇپ غۇرۇرېڭدىن ئەسەر يوق،
خىيالىڭغا كەلمەپتۇ ئاناڭدىن ياش ئاققىنى.





سۈپەتلەردە پەرىشتە ، ئۇلۇغ ، ئاتا- ئانىلار.
تىل تەگكۈزۈش چوڭ گۇناھ بىلسە بۇنى بالىلار.
«توۋا»دەيمەن جاھاندا يوق ئەمەسكەن سېنىڭدەك،
ساداقەتمەن، غۇرۇرسىز، قارغۇ، ئەقلى چالىلار.



ئەردەك ياشا ئەر بولساڭ دۇئا ئالغىن ئاناڭدىن.
غورۇر، ۋىجدان ئالدىدا ئۆرنەك ئالغىن داداڭدىن.
سەن ئاققۇزساڭ  ئاناڭدىن بولسىمۇ گەر بىر تىمىم.
بۇقۇلدايسەن  بىر كۇنى خورلۇق كۆرۈپ بالاڭدىن.

2014-12-21




كۆيۈمچان ئەر


مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»


«نوركا» ئالدىڭ ئۈچ تۈمەنگە  تالىشىپ،
نەقلا كەلدى ئايالىڭغا يارىشىپ.
بايلىقىڭدىن پەخىرلىنىپ غادايدېڭ،
ئەجەبلەندۇق  لېكىن ساڭا قارىشىپ.


شۇ تاپ ئاناڭ سوغۇق ئۆيدە قىينىلىپ،
يۈرەر يالغۇز خوشنىلارغا يېلىنىپ،
يوقلىماپسەن  تاندىڭمۇيا  بىلمىدۇق.
نامراتلىقى قاپتۇ ھەجەپ بېلىنىپ.



كىيەي دىسە قېلىنراق بىر چاپان يۇق،
ھاۋا سوغۇق قالايدىغان ئوتۇن يۇق.
چاچلىرى ئاق مۇكچىيىپتۇ بەللىرى،
كىر يۇيۇشقا سۇنى تاپسا سوپۇن يۇق.


ئاناڭ غېرىب مىسكىن ئاجىز بەندىكەن،
تاپسا بىر نان قاتتىق قۇرۇق يەيدىكەن.
لېكىن سەندىن پەخىرلىنىپ ئايالىڭ،
«بەك كۆيۈمچان مىنىڭ ئىرىم» دەيدىكەن.

2014-3-10


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
alzapar0302 + 200 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 12:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ياقتۇردىم !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 533 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 01:33:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا چۇڭقۇر مەزمۇنلۇق ،ئېسىل شېئىر كەن ، رەھمەت سزگە .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109886
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2014-9-13
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 01:39:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت دېگەن سۆز مۇناسىپ ئالامەت يېزىپسىز
مۇشۇنداق ئەمىليەتكە يېقىن چىن ئىشلارنى كۆپراق يېزىڭ  ,تىمىڭىزدىن سۆيۈندۈم

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10986
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2227 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 02:01:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئەھۋال يوق ئەمەس.........  بىرقىسىم ئوغۇللار  ئاياللىرنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماي، ئاتا - ئانىسىنىڭ نېمە بۇپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان، بازاردىن بىرنەرسىلەرنى ئېلىپ كەلسە ئاۋال ئاياللىرغا بىردىغان، ئاتا- ئانىسىغا قاراپمۇ قويمايدىغان  پەرزەنتلەرگە ياخشى بىر تەربىيە خارەكتىرلىك تېما بوپتۇ بۇ.............


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 02:48:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرىنى ئانىسىدىن تاندۇرغان ئاياللارغا كىيىن بالىسى ھەسسىلەپ ياندۇرىدۇ . ئۆتنە جاھان .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111213
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-11-26
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 03:21:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتنى بۇنداق ئۆتكۈر تىل بىلەن ئىپادىلەش راستلا قىيىن.
ياخشى نەتىجىلەر سىزگە يار بولسۇن.

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 04:05:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرنىڭ تىلى يىنىك، مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ، ياقتۇردۇم. بۇنداق ئاياللار ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭمۇ قىيىنئانا بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان چېغى!

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 07:51:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز..قوللىرىڭىزغا دەرت كەممىسۇن...ئەمما...سەن ئاققۇزساڭ ئاناڭدىن بولسىمۇ گەر بىر تېمىم...دىگەننى ياش ئاققۇزساڭ كۆزىدىن...بولسىمۇ گەر بىر تېمىم دەپ ئالساق بەكرەك مۇۋاپىق بولامدىكى دەيمەن....ئاتىكاچىلىق قىپ قويدۇم...

ئ








ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىرىشمىغانلارباشقىلارنىڭ غايىسگە يىتىش يۇلىدىكى شوتا بولۇپ قالىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32306
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 08:47:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش