|
|
|
|
سامسۇڭ ھىندىستاندا شياۋمى بىلەن رىقابەتلەشمەكچى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى www.erqal.com
مەنبە : يەرشارى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 21-12-2014
كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سامسۇڭ (Samsung) شىركىتى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ نوپۇس دۆلىتى—ھىندىستان بازىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئەڭ بالدۇر بولغاندا 2015-يىلى 1-ئايدا باھاسى 100 مىڭ ۋون (565 يۈەن) ئەتراپىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننى بازارغا سېلىشنى قارار قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تېلېفوننىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى سامسۇڭ، ئىنتىل (intel) ۋە ياپونىيە NTT Docomo شىركىتى قاتارلىقلار بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ چىققان Tizen سىستېمىسى ئىكەن. نۆۋەتتە ھىندىستاندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %20 تىن %30 كە يېتىدۇ. سامسۇڭ بازارغا سالماقچى بولغان بۇ مەھسۇلات سامسۇڭنىڭ ئەڭ ئەرزان تېلېفونى بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە شياۋمى (小米) بىلەن ھىندىستان Micromax شىركىتى بىرلىكتە بازارغا سالغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفوننىڭ باھاسىمۇ 100 مىڭ ۋون ئەتراپىدا بولغاچقا، بۇلارنىڭ رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. سامسۇڭ شىركىتىدىكى بىر مەسئۇل خادىم «مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتسىمۇ، پەقەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتەلىسە پايدىنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئىستراتېگىيە ئارقىلىق Tizen ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى سىناق قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە سامسۇڭنىڭ ئەرزان باھالىق يان تېلېفون بازىرىنى ئىگىلەش نىسبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ» دېگەن.
ئانا تىلىمىزدىكى كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com ئەرقال تاراتقۇسىنىڭ يانفون ئەپ دېتالىنى دەپ ئىزدەش ئارقىلىق چۈشۈرۈۋېلىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erqal-Media تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-21 11:50 PM
|
|
|
|
|
|