مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 705|ئىنكاس: 13

كەلمەيسەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 06:53:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەلمەيسەن

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ



ئازاب سەھراسىدا غەمناك ، غېرىب يۈرگەندە كەلمەيسەن ،
ۋىسال دەپ ھەر سەمەندەردەك تىنىپ يۈرگەندە كەلمەيسەن .


كۆيۈكلەرنىڭ پايانىدا قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قالدىم ،
ئېلىپ بۇ جانىنى ھەر يانغا چېنىپ يۈرگەندە كەلمەيسەن .


ھاياتلىق نە ئارام تاپسۇن قېنىپ ۋەسلىڭگە كۈلمىسەم ،
نىھايەت سۆيگۈ دەپ سازلار چېلىپ  يۈرگەندە كەلمەيسەن .


كۆنۈپ يۈرمەيمۇ نە چارە  ئاھانەت ، دەردى ، قىسمەتكە ،
قېرى تەقدىر ھوزۇرىدا ھېرىپ يۈرگەندە كەلمەيسەن .


بېقىپ ھەر ياققا مەجنۇندەك شېرىن ۋەسلىڭنى ئىزلەيمەن ،
روھىم ئايلانسا گۈلخانغا  يېنىپ يۈرگەندە كەلمەيسەن .


تىلىمدىن بىر سادا كەتمەس  دىلىمدىن نۇر -زىيا كەتمەس ،
نۇرانە ئىز  ، ناھاردىن گۈل  ئېلىپ يۈرگەندە كەلمەيسەن .


مۇھەببەت مەنزىلى مۈشكۈل  ئۈمىد  قوينىدا قۇت - شاتلىق ،
ئۇلۇغ ئارمانغا ، مېھرىگە   قېنىپ يۈرگەندە كەلمەيسەن .





مەنبە ؛ قەلىمىم




ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 08:37:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەزەل دېگەن مانا مۇنچىلىك بولسا!..
ئاتايىن ئوقۇغانغا لايىق ھوزۇرلانسا كىشى!..
ئاپىرىن!..
بەك كەپتۇ بۇ غەزەل!..
مەيلى ئاھاڭدالىقى ياكى بۇغۇم، تىل جەھەتتىن بولسۇن بەلەن چىقىپتۇ!.. ھارمىغايسىز!..

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15235
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3605 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 11:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلىڭىز ئۆتكۈركەن ،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن!

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111213
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-11-26
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 12:15:26 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت مەنزىلى مۈشكۈل شۇڭا كەلمەيدۇ ساقلايسەن
سېغىنىشنىڭ ئوتى ئەمما ئارام بەرمەيدۇ ساقلايسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5675
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 12:19:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز، قەلىمىڭىز ھارمىغاي ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 12:21:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىل ئىشلىتىشىڭىز بەك ئوبرازلىق ،بەدىئىي بوپتۇ ، شۇنداق ياخشى يېزىپسىز ، ھارمىغايسىز … بىرە ئەدەبىي ژورناللاردا ئېلان قىلسىڭىزمۇ بولىدىكەن …

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2031
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 11:10:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەيمە بەك قاملىشىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 11:54:14 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار تىلەيمەن...ھارمىغايسىز

ئ








ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىرىشمىغانلارباشقىلارنىڭ غايىسگە يىتىش يۇلىدىكى شوتا بولۇپ قالىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104898
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 12:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ئادەمگە  بىر خىل ھوزۇر بىرىدىكەن................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111834
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2014-12-16
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 12:26:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بارىكاللا قېرىندېشىم.ناھايتى ياخشى يىزىپسىز.بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى مۇنبەرگە ھارماي ئەۋەتىپ تۇرۇڭ.بىزمۇ ھارماي ئوقۇپ تۇرايلى.
داۋاملىق تىرىشىڭ.ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش