تىرىشچان ئەزا
ئاتاڭ تاغدەك تۇرسا يانىڭدا ساڭا كۈلۈپ باقاركەن ھايات، جۈپ قوللۇرۇڭ بىلىنەر قانات، يىگەنلىرىڭ تېتار قەن-ناۋات، ئاتاڭ تاغدەك تۇرسا يانىڭدا. كۈلەر ساڭا چېقىلغان چاقماق، گۈلدەك تۇرار يىرتىلغان ياماق، چىداملىق سەن بولساڭمۇ ئاۋاق، ئاتاڭ تاغدەك تۇرسا يانىڭدا. قىلغان ئىشىڭ باسىدۇ ئالغا، چىقىپ كىتىسەن پاتساڭمۇ لايغا، بەل باغلىساڭ چىقىسەن ئايغا، ئاتاڭ تاغدەك تۇرسا يانىڭدا. تەييار ساڭا تاۋاقتا ئېشىڭ، خۇشاللىقتىن كۈلەر ئىچ-تېشىڭ، كۆككە يىتەر بەزىدە بېشىڭ، ئاتاڭ تاغدەك تۇرسا يانىڭدا. ئۇرۇن ئالماس بېشىڭدىن غەملەر، چىقىپ تۇرار ئىچىڭدىن پەملەر، بىلىنمەيدۇ ئاچ - توقلۇق كەملەر، ئاتاڭ تاغدەك تۇرسا يانىڭدا. ئىگىپ تۇرار بېشىنى تاغلار، دەشتى-چۆلدە ياسايسەن باغلار، تۈن كەينىدىن ئاتىدۇ تاڭلار، ئاتاڭ تاغدەك تۇرسا يانىڭدا. قەلبىم يارادۇر سۆيگۈنۈم ساھىبجامال قاشى قارادۇر، سۆزلىرى شىرىن - شېكەر دىلنى يارادۇر. ھەر كۈلۈپ باقمىشلىرى جانغا جازادۇر، بىر كۆرۈپ قالغان كىشى دەرتكە قالادۇر. كۆزلىرى بۇلاق ئۆزى چوغدەك يانادۇر، بويلىرى گۈلدىن زىبا كۆڭلۈم ئالادۇر. سۆزلىرى مۇڭلۇق غەزەل ئويغا سالادۇر، يۈرىكى سۆيگۈ ئۈچۈن مەھكەم تانادۇر. مېڭىشى چاققان-يېنىك مەيىن شامالدۇر، مەڭزىدە قوشماق زىناق خاللارى باردۇر. كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشى باشقا بالادۇر، يىتەلمەي ئاھ ۋەسلىگە قەلبىم يارادۇر. مەنبە-قاراقاش
پاش قىلىش
دائىملىق ئــەزا
يىـڭى ئــەزا
ئادەتتىكى ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ