مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 564|ئىنكاس: 10

قالدى يالغۇز مەن بىلەن تۈنلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111711
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 06:09:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قالدى يالغۇز مەن بىلەن تۈنلەر   

‏‏ئارزۇ قىلمايمەن تەنھالىقىمنى،
‏ياكى سىنىڭدىن يىراق يۈرۈشنى.
‏يۇلتۇزى يوق نۇرسىز كىچىدە،
‏ئازاپلاردا يالغۇز ئۈزۈشنى.
‏يالغۇز دۇرمەن دېڭىز ئۈستىدە،
‏مەۋىج ئۇرۇپ ئاقماس كۆڭۈللەر.
‏ھەممە كەتسە دولقۇنلار بىلەن،
‏قالدى يالغۇز ،مەن بىلەن تۈنلەر.
‏چايكىلارنىڭ نالەلىرى،
‏ئەجەپ ئوخشار پەرياتلىرىمغا.
‏دولقۇنلارنىڭ پىچىرلاشلىرى،
‏تەسەللىيدۇر پارە دىلىمغا.
‏كۆز ياشلىرىمنىڭ ئاۋازى.....
‏دېڭىز تىلىدا سۆزلەيدۇ قەلبىم.
‏كىم چۈشەنگەي غەمكىن دىلىمنى،
‏پىچىرلايمەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم.

‏2014-18-نويابىر
‏كۆل ئوغلى






ئەسلىمە

‏‏‏قۇرۇپ قالغان قىزىل ئەتىر گۈل
‏ئەسلىمەمدۇر باھارستاندىن
كىتابىمدىكى‏ ئارچا ياپرىقى  
‏يادىكارى گۈزەل چاغلارنىڭ
‏ئارچا ياپرىقى قەلبىمنىڭ سىرى
گاھ كۈلدۈرۈپ،گاھ ‏يىغلىتار مىنى.
‏جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى،
‏كۆيگەندىكى خۇشپۇراق ھىدى.
‏ئارچا ياپرىقى.
‏باردۇر خۇش بۇيى،  ھەم بار تۈتۈنى.
‏ئۆرتەپ ئىچىمنى ،ياشلار كۆزۈمنى.
قىزىل ئەتىر گۈل.
‏قوزغار ئاچچىق ھەسرەتلىرىمنى.
ئۇنى چاي قىلىپ ئىچىۋەتتىم،
‏‏ئېچىپ نازۇك شىشە دىلىمنى.
‏قەلبىمگە دەملەپ.
‏ پۈتۈن ئاھۇ- پىغانلىرىمنى.
‏ئەتىر گۈلدىن قالغىنى...تەم
‏قىرتاق لىموندەك....
‏چېچىلغان تۇپراققا...
‏پارە پارە دىلىمنىڭ پارچىلىرىدەك.
‏جانسىز بىر تەن...
‏بېلىقلىرى ئۈلۈپ كەتكەن دەريالىرىمدەك.
‏يۈتۈۋەتتىم دىل يارامنى،
‏‏ھەممىنى، قىلغىنىمنى ،قىلغانلىرىڭنى.
بىريەرلىرى ئاچچىق، يەنە ‏بىريەرلىرى شىرىن،
‏ھىچ كۆرمىگەنمەن بۇنداق ئازاپنى.
‏خوش ئەزىزەم...... !!
‏تاقىدىم مەھكەم،
‏قىش-زىمىستانغا تاشلاپ قەلبىمنى.


‏2014-12-نويابىر
كۆل ئوغلى
قاھىرە




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 12:17:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن!.. ياخشى يېزىپسىز!..
نادىر تىمىللىرىڭىزغا تەشنا بىز!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109886
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2014-9-13
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 12:18:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتىكى شىئىرنى بەلەن يېزىپسىز
كىيىنكىسنى سەل چۈشىنەلمەيلا قالدىمغۇ  ?
مۇشۇنداق گۇڭگا نەرسىلەرنى تازا چۈشۈنىپ كىتەلمەيمەن   ,قاراڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 12:21:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز  تىخىمۇتىرشىڭ!!!

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15243
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3609 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 12:36:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز، لېكىن مىنىڭ ئاخشام يازغان تېمام تىخى چىقمىدى دىسە? توۋا?!

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 01:22:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن ،شېئىرنىڭ تىمىسىمۇ ئۆزگىچە قۇيۇلۇپتۇ ،ياختۇردۇم .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111711
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 02:17:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azizyaxa يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 12:18 PM
باشتىكى شىئىرنى بەلەن يېزىپسىز
كىيىنكىسنى سەل چۈشىنە ...

رەھمەت ، ياختۇرغىنىڭىزغا ، چۈشەنمىگىدەكمۇ ئەمەستى، بىر كۈبلىت بىرمەنا ئىپادىلەيدۇ دەپ ئويلىماي، ھەبىر مىسرانى بىر پۈتۈن مەنا ئىپادىلەيدۇ دەپ ئويلاپ ئۇقۇپ ئاخىردا بۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنسىڭىز ، چۈشىنەلەيسىز ۋە بۇنداق شىېئىرلارنى چۇقۇم ياخشى كۈرۈپ قالىسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111711
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 02:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلارنىڭ ياختۇرغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111711
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 02:35:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنچى شېئىرغا ئازىراق چۈشەنچە بەرسەم بۇلىدىغان ئوخشايدۇ ، بىرچاغلاردا ياشلىق دەۋرىگە ئەمدى قەدەم قويغان تۇللۇق ئوتتۇردىكى چاغلار ئىدى، زۇردۇن سابىرنىڭ (ئارچا ياپرىقى) ناملىق ئەسىرىنى ئۇقۇپ مەكتىپىمىزدىكى ئارچا دەرەخىنىڭ ياپراقلىرنى كىتاپ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قۇرتۇپ ساقلاش مودا بۇپ كەتكەندى ، كىيىن مەكتەپ گۈللىكىدىكى ئەتىر گۈللەرنىمۇ شۇنداق قۇرتۇپ ساقلاش مودا بولدى ، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ھىكايىلەر يۇشۇرۇنغان ئىدى ، ئەمدى بۈگۈن ئاشۇ گۈزەل ھەم بىغۇبار چاغلارنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمىز، خاتىرە دەپتەردىكى قۇرۇپ قالغان شۇ نەرسىلەر بەزىدە شىرىن تۇيغۇلارغا چۆمدۈرسە بەزىدە يۈرەكنى تىلغايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 130
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11026
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 12:52:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتىاپنى ئاشتىم دە چۇشتى نەزىرىم
ئۇنتۇلۇپ  قۇرغان  پۇراقسىز  گۈلگە
پەرىشان تەلمۇرۇپ قالدىم بۇ پەيىتتە
مىسكىن خىياللار تۇلۇپ كۆڭلۈمگە
بىر چاغلاردا تۇلمۇ گۈزەل تۇيغۇلار  ماڭا ۋە كۈندۈلۈك خاتىرلىرىمگە  ھەمرا ھەم سىرداش ئىدى  ھازىر ئويلىسام  بۇ گۈزەل ئىلھاملار  يۇركۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىلا  ساقلاقلىق ئىكەن خالاس
ئىلھامىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن  دوستۇم تولمۇ ياخشى يىزىپسىز  تىرشىڭ

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش