ئالما توغرىسىدا مۇنۇ شىئېرنى بىللە ئالغاچ كەلدىم، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلە
ئىككى ئاي ئىشلەپ تاپقانغا ئىلۋەتتىم ئالمىنى،
سوراققا چۈشتۈم دادامغا قىنى پۇلنىڭ قالغىنى.
ھەۋىسىم بار ئالمىغا قىزىقمايمەن قىز بالىغا،
ھەتتا دېگەن قىزلارمۇ نىسى بولسىمۇ ئال مىنى.
ھوزۇرلىنىپ ئوينىساڭ بۇ سېھرىگەر ئالمىنى،
تۇيۇلمايدۇ بىر ئۆمۈر قوساقلارنىڭ ئاچقىنى
ھىچ كۆڭۈللەر يايرىماس ئالما دېگەن نىجىسىتىن
ئاڭلانمىغۇچە ئالمىنىڭ تۈرمىلەردىن قاچقىنى.
توكى بىركۈن يەتمەيدىغان،
خىيالىڭدىن كەتمەيدىغان.
باھاسىمۇ بەك قىممەت،!
بىر ئايلىقىڭ يەتمەيدىغان.
ئاشۇ ئايفۇندىن باشقىسى،
قىممەت پۇللۇق يانفۇن ئەمەس.
ئەرزان ئېلىپ خىرىداردىن،
قېممەت سېتىپ ئەپلەيدىغان.
ئېلىۋىلىپ سايمىنىنى،
ساختىسىنى سەپلەيدىغان.
ئاشۇ ئايفۇندىن باشقىسى،
سۆزلەشسسەڭمۇ يانفۇن ئەمەس.
ئابروي پەرەس كىشىلەر،
بىر_بىرىدىن قالمايدىغان
شۇ ئايفۇنىڭ بولمىسا،
ئېتىبارغا ئالمايدىغان.
ئاشۇ ئايفۇندىن باشقىسى،
شان_شەرەپلىك يانفۇن ئەمەس.
ھەربىر ئايدا بىر يۈزكوي،
چىقىمىغا كېتىدىغان.
ۋاقىت بولسىلا ئوينىغاچ،,
ئىككى ئايدا بىر ئېتىدىغان.
ئاشۇ ئايفۇندىن باشقىسى،
چىدامسىزدۇر يانفۇن ئەمەس.
شۇ ئايفۇندىن باشقىسى،
بۇ كۆڭۈلنى ئاچمىغان.
ئىككى ئاينى كۈتمىگۈچە،
يا تۇرمىدىن قاچمىغان.
ئاشۇ ئايفۇندىن باشقىسى،
ئوينايدىغان يانفۇن ئەمەس
ئىسراپ قىلىپ ۋاقىتنى،
قانمىغۇچە ئوينايدىغان.
بىھۇدە ئۆتسىمۇ ياشلىقىم
ھەسرەتتىمۇ قويمايدىغان.
ئاشۇ ئايفۇندىن باشقىسى،
كۆڭۈل خوش يانفۇن ئەمەس.
مەسچىتكە كىرسەم خىيالىم،
شۇ نىجىستا قالىدىغان.
ئىختىيارسىز قوللۇرۇم،
ئالقىنىغا ئالىدىغان.
ئاشۇ ئايفۇندىن باشقىسى،
ئازدۇرغۇچى يانفۇن ئەمەس.
ئوينىغاندا سەن ئۇنى،
قۇلاققا گەپ چۈشمەيدىغان.
يىڭىسى چىقسىمۇ،
باھاسى يا چۈشمەيدىغان.
ئاشۇ ئايفۇندىن باشقىسى
ياغاچ قۇلاق يانفۇن ئەمەس.
كىسىپ سالىمىز كارتىنى،
دومىتى كا چۈشمەيدىغان.
تولا ئويناپ تويمىغاچ،
كاللىغا دەرىس چۈشمەيدىغان
ئاشۇ ئايفۇندىن باشقىسى،
قاپاق قىلار يانفۇن ئەمەس.
كېچە_كۈندۈز ئوينىغاچ،
ئادەمنى تىز قىرىتىدىغان.
ئىش بىجىرگىلى بارغاندا،
خادىملارنى ئىرىتىدىغان
ئاشۇ ئايفۇندىن باشقىسى،
ئابروي كۆتۈرەر يانفۇن ئەمەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-21 12:28 PM