|
|
|
|
ئاتام باردۇر ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى
ئاپتۇر:كورلا شەھىرى بوستان بازىرىدا تىجارەتچى
بۇ كۆزۈمدىن ياشلار ئاقسا سۈرتەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر،
دەرت-ئازاپقا تولسا قەلبىم يۈتەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.
ئەجەل كېلىپ كەتسەم ئەگەر ئۇ دۇنياغا بىر كۈنى،
بالام كەلسە قاشىمگە دەپ كۈتەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.
يولدا دۈشمەن توسسا ئەگەر باشلىرىمغا كۈن كېلىپ،
قەھرى بىلەن تاغنى قالقان ئېتەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.
يېقىلسام گەر قول سۇنارغا بولمىسا ھېچ بىر كىشىم،
سەبىر تىلەپ مېھىر بېرىپ يۈدەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.
بالىلىقتا تال چىۋىقنى مىنگەن بولسام ئات قىلىپ،
ئازغان يولدا دۇلدۇل قىلىپ مىنەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.
كېچە-كۈدۈز غېمىمنى يەپ جان بالام دەپ ئۇھسىنىپ،
باشلىرىمدا ئۇخلىماي تۈنەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.
زىمىستاندا خازان بولسا ئۇشبۇ ھايات باغلىرىم،
بىر مەن ئۈچۈن گۈل بوپ ئۈنەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر.
ھايات يولدا شان قۇچۇپ غەلبە قىلسام بىر كۈنى،
سەن يىغلايسەن بىلىپ قال كۈلەر ئۈچۈن ئاتام باردۇر. بۇ تېمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن.
|
|
|
|
|
|