شۇنچە ئەخمەق يارالغانمۇ قىز دېگەن
«سۆيدۈم » دېسەڭ ئىشىنىدۇ يۈرەكتىن ،
«كۆيدۈم » دېسەڭ ئۈمىد كۈتمەس بۆلەكتىن .
سۆيىنىدۇ بىر دەستە گۈل - چىچەكتىن ،
شۇنچە ئەخمەق يارالغانمۇ قىز دېگەن ؟
بىرىپ قويساڭ شىرىن- يالغان ۋەدىنى ،
ساقلاپ ئۆتەر ساڭا بەرگەن ئەھدىنى .
سۆيسەڭ بۈگۈن ئويلانمايدۇ ئەتىنى ،
شۇنچە ئەخمەق يارالغانمۇ قىز دېگەن ؟
ئىندىكىڭگە چۈشۈرگىچە ھالىڭ يوق ،
«ياق» دېسىمۇ يىغلاپ يۈردۈڭ كارىڭ يوق .
مانا ئەمدى قارىغۇدەك رايىڭ يوق ،
شۇنچە ئەخمەق يارالغانمۇ قىز دېگەن ؟
كۆزىچىلا ئۆزگە بىلەن يۈرسەڭمۇ ،
ئۇنى كۆرسەڭ قاپىقىڭنى تۈرسەڭمۇ .
سەۋىر قىلار گاھ ئۇرۇپ -سۈرسەڭمۇ ،
شۇنچە ئەخمەق يارالغانمۇ قىز دېگەن ؟
مەھەللىنىڭ بىر گۈلىنى ئۈزگەنتىڭ ،
دەسلىۋىدە ئىجىل-ئىناق يۈرگەنتىڭ.
ئۇنىڭ بىلەن بەخىت پەيزى سۈرگەنتىڭ ،
شۇنچە ئەخمەق يارالغانمۇ قىز دېگەن ؟
مانا ئەمدى گۈللىرىڭ كۆپ كوچىدا ،
داغلار قالدى سەن ئۇلىغان نوتىدا .
خوتۇن كۆيەر ئائىلەڭنىڭ ئوتىدا ،
شۇنچە ئەخمەق يارالغانمۇ قىز دېگەن ؟
ھەر زىكىردە ئىنسابىڭنى تىلەيدۇ ،
ھەر كېچىسى يولغا قاراپ تۈنەيدۇ .
سەن نەلەردە كۈلۈپ يۈردۈڭ بلمەيدۇ ،
شۇنچە ئەخمەق يارالغانمۇ قىز دېگەن ؟
جاۋاپ بىرەر ھەركىم قىلغان ئىشىغا ،
تىگىۋەرمە ئاجىزلارنىڭ چىشىغا .
ئۇينىڭ كۈنى كىلەر موزاي بىشىغا ،
شۇنچە ئەخمەق يارالغانمۇ قىز دېگەن ؟
مەنبە : دوسىتلار چەمبىرىكىدىن ئارىيە .
2014-12-20
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 布妮娅孜 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-20 05:41 PM