ئېسىل
ھەسەنجان ئۆمەر
خىلمۇ-خىل مەدەنگە تولغان تاغ ئېسىل،
شاپتۇلى،ئەنجۈر،ئانارلىق باغ ئېسىل.
كۈچ ئالار تەن تۈگىمەس قۇۋۋىتىدىن،
بىرگە پىشقان چامغۇر،قۇيرۇق ياغ ئېسىل.
ئۆزگىنىڭ يۇرتىدا ئۆسكەن سەبدىدىن،
ۋەتىنىم قوينىدا ئۆسكەن زاغ ئېسىل.
مېھرىدىن گۈل قوندۇرۇپ دوست بەختىگە،
قەھرىدىن دۈشمەنگە سالغان داغ ئېسىل.
نە كىرەك شاھ تەختلىرى شۇنداق ھەشەم،
ئىشلىگەن چىشلەيدىغان راس،چاغ ئېسىل.
مەنبە؛ئىجادىيىتىم
زاغ-زاخزاخ(سۆكسۆكنىڭ بىر خىلى)