مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4905|ئىنكاس: 26

NASA: بىزنىڭ ئىدارىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39076
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2198 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 11:54:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئىدارىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى

مەن ئۆزەمنىڭ بۇ يىل 7-نويابىر كۈنى تورلارغا چىقارغان «مىكرو-باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى» دېگەن ماقالىسىدە بىزنىڭ ئىدارىمىز JPL نىڭ باشقۇرغۇچىلىرى جىددىي ۋاقىتلاردا بىزدىن كۆپرەك ۋە قاتتىقراق ئىشلەشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم [1].  بىزنىڭ ئىدارىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى يالغۇز ئىدارە خادىملىرىنىڭ تۇرمۇشىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىزىقىشلىرىغا ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان باشقا ھەممە ئىشلارغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.  ئىدارە خادىملىرىنىڭ قانداق تەلەپلىرى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئىدارىمىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ھەر 2-3 يىلدا بىر قېتىم سىرتتىن بىر كەسپىي شىركەتنى ياللاپ، پۈتۈن ئىدارە دائىرىسىدە نامسىز پىكىر توپلاش ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ ئانالىز قىلىپ، شۇ ئاساستا ئىدارە خادىملىرىنى رازى قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى چارە-تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىقىدۇ.  

بىزنىڭ ئىدارىنىڭ 1-قول باشلىقىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئورنى خېلى ئۈستۈن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە باشقا دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىلەن پات-پات كۈرىشىپ تۇرىدۇ.  ئۇ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىردەك كېلىدىغان لوس ئانژېلىس شەھىرىگە خىزمەت بىلەن بارىدىغاندا تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بېرىپ كېلىدۇ.  ئاشۇنداق بىر ئادەممۇ بىزنىڭ ئىدارىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتىدۇ.  ئۇ ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ناسا نىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە ئىدارىدىكىلەرگە يىغىن ئاچىدىغان بولۇپ، بىز ئۇ يىغىنغا ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن قاتنىشىمىز.  ئۇ ھەر قېتىملىق يىغىندىن كېيىن كەم دېگەندە 15 مىنۇت ۋاقىتنى سوئال-جاۋاب ئېلىپ بېرىشقا ئاجرىتىپ قويىدۇ.  شۇ ۋاقىتتا خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن خالىغان سوئالنى سورىيالايدۇ.  يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلىشەلەيدۇ.  ھەر قېتىملىق يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئۇ «ئەگەر بىرەر تەكلىبلىرىڭلار بار بولسا مېنى بىۋاستە ئىزدەڭلار.  ئىشخانامغا كېلەلمىسەڭلار ماڭا ئېلخەت يازساڭلارمۇ بولىدۇ»، دەپ تۇرىدۇ.  

قىسقىسى، بىزنىڭ ئىدارىنىڭ باشلىقلىرى ئىدارە خادىملىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.  خۇددى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكىگە ئوخشاش، بىزنىڭ ئىدارىمۇ «تاغدا ئۇزۇنغا مېڭىش گۇرۇپپىسى»، «ۋېلىسپت گۇرۇپپىسى»، «يېڭىدىن پەرزەنتلىك بولغان ئانىلار گۇرۇپپىسى»، «مۇزىكا گۇرۇپپىسى» قاتارلىق ئىدارە خادىملىرى ئۆزلىگىدىن تەشكىللىۋالغان گۇرۇپپىلار بار.  

بۈگۈن، يەنى 2014-يىلى 19-دىكابىر كۈنى (ئۈرۈمچىنىڭ ۋاقتى كالىفورنىيەنىڭ ۋاقتىدىن 14 سائەت بالدۇر بولۇپ، ھازىر ئۈرۈمچىدە شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 9 بولدى، بىزنىڭ ۋاقتىمىز بولسا جۈمە كۈنى كەچ سائەت 7 بولدى. مەن ئۆيگە ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، ئاندىن بۇ يازمىنى تەييارلاۋاتىمەن) بىزنىڭ ئىدارىدە ئاشۇنداق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىچىدىكى «كلاسسىك ۋە ئاسار-ئەتىقە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى» نىڭ «ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى» بولدى.  بۇ پائالىيەت ھەر يىلى دىكابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىزنىڭ ئىدارىدىكى كلاسسىك ۋە كونا ئاپتوموبىللارغا قىزىقىدىغان، ھەمدە ئۆيىدە ئاشۇنداق ماشىدىن بىرەرسى بار كىشىلەر شۇ كۈنى ماشىنىسىنى ئىدارىگە ھەيدەپ كېلىپ، ئۇنى بەلگىلەپ بەرگەن يەردە كۆرگەزمىگە قويىدۇ.  كۆرگەزمىنى كۆرۈش ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت بىرگىچە جەمئى 2 سائەت داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۈگۈن چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن چېنىقىش ئۈچۈن يول ماڭغاچ  ئۇ يەرگە مەنمۇ بېرىپ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ماشىنىلارنى رەسىمگە تارتىۋالدىم.  كۆرگەزمىگە قويۇلغان ماشىنىلارنىڭ ئىچىدە 1913-يىلى، 1914-يىلى، 1933-يىلى، ۋە 1934-يىلى ياسالغان ماشىنىلارمۇ بار بولۇپ، قالغانلىرى بۇلاردىن سەل يېڭىراق ئىكەن.  

كۆرگەزمە ئورنىدا تېخى بىر گۇرۇپپا مۇزىكاتلار نېق مەيداندا مۇزىكا ئورۇنلاۋېتىپتۇ.

بىزنىڭ ئىدارىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ئىچىدە بىر كونا ماشىنىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ماتورىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن ياساپ، ھازىرقى «پارتلاپ ئىتتىرىش» (بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئىسمىدىكى ئىنگلىزچە «Jet Propulsion» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇ «پارتلاپ ئىتتىرىش» تۇر)  تېخنىكىسى بىلەن ماشىنىنى سائەتىگە 300 كىلومېتىردىن تېزراق ماڭىدىغان قىلىۋېتىدىغان كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇرۇن مەن بىلەن ئىدارىنىڭ ماشىنىسىدا ئىشقا-بېرىپ كېلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق خادىمدىن بىرسى بار ئىدى.  ئۇنىڭ ماشىنىسىنى مەن بىر قانچە قېتىم كۆرگەن بولۇپ، ئۇ خۇددى ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىدىكى ماشىنىلارغا ئوخشايدىكەن.

تۆۋەندىكى مەن بۈگۈنكى كۆرگەزمىدە تارتىۋالغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] بىلىمخۇمار: «مىكرو-باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى»
http://bbs.izdinix.com/thread-60579-1-1.html



IMG_2157.JPG
IMG_2160.JPG
IMG_2161.JPG
IMG_2164.JPG
IMG_2165.JPG
IMG_2166.JPG
IMG_2167.JPG
IMG_2168.JPG
IMG_2169.JPG
IMG_2170.JPG
IMG_2174.JPG
IMG_2175.JPG
IMG_2179.JPG
IMG_2180.JPG
IMG_2181.JPG
IMG_2182.JPG
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
turgunjan999 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10310
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2986 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 12:30:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى سىلەر راكېتا ، سۈئىي ھەمرا ، پىلانتىلارغا قونغۇچى تەكشۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان بولغاندىكىن كىچىكرەك راكېتانىڭ ماتورىنى ماشىنىغا سەپلەپلا ماشىنىنى ئۆزگەرتىۋاپسىلەردە ھى ھى ھى

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78849
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4207
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 01:02:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ياقتۇردۇم سىلەرنىڭ بۇ پالىيتىڭلارنىڭ كۆپ ئەھمىيتى بار ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5624
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 01:22:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونا نەرسىلەرنى ساقلاپ قويسىمۇ بولامدۇ نېمە

بىلىم - كۈچ !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22010
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5636
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 1570 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 01:52:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ئامىلى ھەممىدىن موھىم بولۇدىكەن ، مەيلى قانداق ئورۇن بولسۇن شۇ ئورۇنغا مەسئۇل باشلىق ياكى باشقۇرغۇچى ئەڭ ئاۋال قول ئاستىدىكىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشنى بىلىشى كېرەككەن ، ئەگەر ئۇ بۇ نۇقتىغا سەل قارايدىكەن كەسپىدە ، شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشىدا كوللىكتىپنىڭ ھەقىقى كۈچىگە ئېرىشىەلمەيدىكەن .
مەن بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئىشنى قىستۇرۇپ ئۆتەي ئىنكاسىمغا
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن زور قىزغىنلىق ، ئىشەنچ بىلەن دىيارىمزىدىكى مەلۇم بىر كارخانىغا باردىم ، بۇ ئورۇنغا كېلىشىمدىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىۋېتىش ئىدى ؛ مېنىڭ ھەقىقى قىزىقىشىم ئۇلارنىڭ كارخانىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى بىلەن پەقەتلا يېقىن كەلمىسىمۇ لېكىن مېنىڭدىكى يېڭىلىق يارتىش قىزغىنلىقى ، كارخانا ئىشلەپچىقىرىشىدىكى كام كۇتا يەرلەر ، نۇقسانلارنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئەكىلىشكە تامامەن يېتەتتى ، مەن ئاتالمىش شۇ كارخانىغا بېرىپ شۇ پىلانلىرىمنى ، مەقسەتلىرىمنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېرىم يىل تەيارلىق كۆردۈم ھەمدە ھەممىنى تەق قىلىپ شۇ كارخانىغا باردىم ھەم مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتۈم ،  مەقسەت مۇددىئالىرىمنى دېدىم ، پىلان ... قاتارلىق ماتىرياللارنى كۆرسەتتىم ، ئۇ بىزگە سىزدەك بىر خادىم كېرەكتى دىدى ، لېكىن مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئىشلىيەلمەيتتىم ، چۈنكى مەن 20 يىللىق سىتاجغا ئىگە خىزمەتچى ئىدىم ، ئەگەردە ئۇ مەسئۇل خادىم ماڭا ، سىز خىزمىتىڭىزنىمۇ تاشلىماي تۇرۇپمۇ بىزگە ياردەملىشىپ بېرەلەمسىز دىگەن بولسا ، بۇنى تامامەن قىلىپ كەتكىلى بولاتتى ، چۈنكى ھازىر ئىنتېرنىت ئارقىلىق ئۆيۈمدە تۇرۇپمۇ ئۇلارنىڭ كارخانىسى بىلەن بار مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلغىلى بولاتتى ؛ شۇ كارخانا مەسئۇلى مېنىڭ نەزىرىمدە مۇنداق ئىدى : ئۇلار بىرنەچچە ئاكا ئۇكىلار ئاشۇ 80 يىللارنىڭ بېشىدىلا ئىچكىرىدىن مال ئەكىلىپ سېتىش تىجارىتى بىلەن ناھايىتى بىيىپ كەتكەن ئىكەن ، ئۇنۇڭ تۇرقىدا ئانچە كۆپ ئوقمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى ، لېكىن كۆپنى كۆرگەن ، پۇللۇق ، سالاپتلىك ئادەملەرگە ئوخشايتتى ، شۇ بارغىنىمدا ئۇ دەمەلىققا مېنىڭ نىمە دەۋاتقىنىمنى ئاڭقىرالماي قالغانىدى ، ئۇنۇڭ ماڭا ئەڭ يارىمىغان بىر ئىشى شۇ بولدىكى ئۇ مېنىڭ مېىڭىشىمدا ماڭا جېكىلەپ تۇرۇپ ، مەن چۈشتىن كېيىن 2 لەردە سىزگە تېلىفون بېرىمەن دىگىنى بولدى ،  مەن يېرىم كۈن سالاپ ئۇنۇڭ تېلىفونىنى كۈتتۈم ، لېكىن ئۇ تېلىفون بەرمىدى ؛
بۇ ئىشنىڭ بولغىنىغا ھەش پەش دىگۈچە 4 يىل بولدى ، مەنمۇ ئۆز ئورنىمدا ئىشلەپ يۈردۈم ھازىر ...
ئەگەر ئاشۇ كارخانا مەسئۇلى مېنىڭ قەلبىمنى تەسىرلەندۈرەلىگىدەك بىرەر ئېغىز گەپ قىلغان بولسا ، مەن بەلكىم ئىشىمنى بىر ئامال قىلىپ تاشلاپ ، ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆتۈپ كەتكەن 4 يىل ئىچىدە ئۇنۇڭ كارخانىسىنى باشقىچە تۈسكە كىرگۈزىۋەتكەن بولاتتىم ؛ ئەپسۇس شۇنداق ياخشى ئۆگۈرۈشلەر ئۇنۇڭغىمۇ ، ماڭىمۇ نىسىپ بولمىدى ، ھازىر كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن ئۇنۇڭ كارخانىسى تېزمۇ ئەمەس ، ئاستىمۇ ئەمەس ھالەتتە كىتىپ بارىدۇ ، ۋاي دىگۈدەك بىرەر يېڭىلىقى ، مەھسۇلاتى يوق ...
دېمەك ، تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى ياكى كارخانا بولسۇن ، ئۇلار ئالدى بىلەن يېنىدىكى كىشىلىرىنىڭ پىسىخىكىسىنى ماھىرلىق بىلەن ئىگىلەپ ، ئۇنۇڭ قەلبىنى ئۇتۇشنى موھىم دەپ بىلىدىكەن ...
تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر ، ئالتۇن تېنىڭىز ئامان بولسۇن !

سۇمبۇل چاشلار، چولپان كۆزلەر ، ئات - ئېشەكتىمۇ بار، نوچى بولساڭ تۆمۈردىن قۇشۇقچىلىك نەرسە ياساپ كۆر ، دۇنيا شۇ چاغدا سېنى ئېتىراپ قىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7054
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5202 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 02:17:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ قايسىبىر تېمىسىدىكى ئادەمنىڭ ئۆز ئۆزىگە نىشان بەلگىلەش توغرىسىدىكى مەزمۇننى تاپالمايۋاتىمەن ،قايسى تورداشلارنىڭ ئېسىدە بار؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39076
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2198 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 02:22:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
FOCUS يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 02:17 PM
مەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ قايسىبىر تېمىسىدىكى ئادەم ...


سىز ئىزدەۋاتقان تېمىلار مۇشۇلارمىكىن:

غايە تىكلەشنىڭ 10 ئۆلچىمى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-92783-1-1.html
سىز ئىزدەۋاتقان تېمىلار مۇشۇلارمىكىن:

نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-91525-1-1.html

غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-90186-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 02:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7054
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5202 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 03:31:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت ئەركىن ئاكا،
سىزنىڭ ھەربىر تېمىلىرىڭىزنى ئوقۇسام شۇنداق ئىلھاملىنىمەن ھەم شۇنچىلىك ئۈمۈتلىنىپ كېتىمەن.مەن بىر مەمۇرى ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان40ياشلارنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بىر ياش،مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۇپ ھۆكۈمەتنىڭ تەخسىملىشى بىلەن مۇشۇ ئىدەرىگە  كەلگەن بولۇپ ئوقۇغان كەسپىم خىزمىتىمگە ئۇدۇل كەلمىگەن بولسىمۇ  يەنىلا تىرىشىپ ئىشلەپ ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىيلىكى ئەخلاق پەزىلىتى  ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن ئازراق يۇقۇرى تۇرىدىغان بىلىم قۇرۇلمىمىز بىلەن ئىدارە رەھبەرلىرى ۋە ئاممىنىڭ نەزەرىدە تىگىشلىك ھۆرمىتىمىز بولسىمۇ (ھەر يىللىق خۇلاسە يىغىنىدىن مەلۇم)خىزمەتكە قاتناشقان 17يىلدىن بۇيان  ئۆستۈرۈپ باقمىدى ياكى مۇھىم خىزمەت ئورنىغا تەڭشەپ باقمىدى، گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلسام رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ 6 ئەزاسى ھەممىسى ھەربىيلىكتىن قايتىپ كەلگەنلەر بولۇپ  سەۋىيە دىگەن نەرسە قەتئىلا يوق  لېكىن گەپ ئىنتايىن يوغان پارىخور خىيانەتچى پارازىتلاردۇر،بۇلاردىن ئالدىنقى  نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىمىزمۇ  مۇشۇلاردىن قېلىشمايدىغان بولۇپ بىز يۇقۇرىغا تولا پىكىر قىلىپ يۈرۈپ بۇلارنى ئاخىرى باشقا بىر كەسپى ئورۇنغا باشلىق قىلىپ تەڭشەپ ئەكەتتى  لېكىن بۇلارنى بىزگە ئەكىلىپ بەردى  6 يىل بولدى ئىدارىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار، ئىدارىمىز ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىدىكى ئىدارە بولغاچقا  مۇئاشتىن غەم قىلىمايمىز لېكىن  ئىدارىنىڭ ئىجتىمائى مۇھىتى ئىنتايىن ناچار ،يىل بويى ئىش يوق  چۈشكۈنلۈك بەك ئېغىر ،قارا قوساقلار يەنىلا ئۆزىگە ئوخشاش قارا قوساقلارنى ئۆستۈرىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ  ئەمەلدار بولۇش ئارزۇيۇمدىن ۋازكېچىپ ، تۇرمۇشنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كېچە كۈندۈز ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم ، لېكىن مېنىڭ قىزىقىش دائىرەم ئىنتايىن كەڭرى بولغاچقا  قايسىسىنى تۇتۇشنى بىلەلمىدىم  سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى ئوقۇپ تېخىمۇ ئىلھاملىنىپ ئىچىمگە بىر ئىشنى چوقۇم باشقا ئېچىقىش  توغرىسىدا  ئوت كىرىۋالدى  لېكىن نىشاننى تاللاش  بەكمۇ مۇھىم بولغاچقا  بۇ ئىشتا بەكمۇ تېڭىرقىدىم ، جەمىيەتتە  ماڭا ئوخشاش ياشلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن  سىزنىڭ  ماڭا ئوخشاش نىشاننى قانداق تاللاش ئىشنى نەدىن باشلاشتا تېڭىرقاپ قالغان ياشلارغا دەيدىغان  يەنە باشقىچە كۆزقاراش پىكىرلىڭىز بولسا شۇنداق بىر ئاڭلاپ باققۇم بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110734
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2014-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 04:20:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahxikan

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 837 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 10:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 02:22 PM
سىز ئىزدەۋاتقان تېمىلار مۇشۇلارمىكىن:

غايە تىكلەشنى ...




   ئىدارەڭلەردىكى خادىملار نىمانچە بەك كەمتەر ۋە تولىمۇ كىچىپ پىئىل ئەركىن ئاكا . ماۋۇ يەردە تىك ئۇچار ئەمەس ئىككى يان ئىشكىنى تەڭلا ياپسا قىستالغان ھاۋا بىسىمى بىلەن ئالدى ئەينىكى ئاجىراپ ئىچىدىن ئورۇندۇقلارنىڭ ئاستىغا كىرۋالغان سۈۋەرەكلەر ئىتىلىپ چىقىدىغان ماشىنى بار باشلىقلارنىڭ ھالىنى گىرمانىيەنىڭ يۈك پويىزىمۇ تارتالمايدۇ .

ئىشقىلىپ باشلىق باشلىقتەك ئەمەس . خىزمەتچىلەر خىزمەتچىدەك ئەمەس . شۇ سەككىز سائەتنى بىر-بىرى بىلەن زورىغا ھىجىيشىپ . سالام-سائەت قىلىشىپ ئاران توشقۇزدىغان ئىدارىلەر كۆپ .


ھە راسىت ئەركىن ئاكا  !  نەچچە ۋاقىت بولدى ياسىر قازىىنىڭ تىتىملىق لىكسىيەلىرىنى يوللىماس بولۇپ قالدىڭىز . مۈمكىن بولسا ئۇ كىشىنىڭ لىكسىيەلرىنى يوللاپ تۇرسىڭىز . سىزنىڭ شۇ كىشنىڭ لىكسىيەلىرىدىكى قىممەتلىك ئۈگۈتلەرنى بىزلەرگە سۈنۈش ئۈچۈن ئەجىر مىھنەت چىكىپ تەرجىمە قىلىپ بىر مۈنچە كۆڭۈلسىز پاراڭلارنى ئاڭلىۋالغىنىڭزىنى بىلىپ تۇرۋاتىمىز . بەلىكىم مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك كۆڭلىڭىز چىچىلىپ تاشلاپ قويغان بولسىڭىز ئىھتىمال قالغىنى ئۆزىڭىزگە مەلۇم . مەنچە بولسا مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر بىزنى شۇ كىشىنىڭ لىكىسيەلىردىن خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرسىڭىزكەن دىگەن ئۈمۈتتە . سىزگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن .

  مەن سىزنىڭ شۇ كىشى توغۇرسىدا يازغان ئەسسەرلىرڭىز توغۇرسىدا بىر ئىشنى ھىس قىلدىم . قاچان سىز شۇ كىشىنىڭ لىكسىيەلىرنى يوللىسڭىزكەينىدىن كاتتا-كاتتا مۆتىۋەر زاتلار پەيدا بولۇپ ئۇنىڭدىن قۇسۇر چىقرىپ كىتدىكەن. يوللىمسىڭىز ئۇ كاتتا زاتلار سۇغا چۈشكەن تاشتەك مۇنبەردە يوقاپ كىتىدىكەن . ئۇلارنىڭ ۋەزىسپىسى پەقەت شۇ لىكسىيەلەرنى ماراپ تۇرۇشمىدۇ . شۇ لىكسىيە يوللىنىشنى ساقلاپ يۈرمەي ئۆزلىرى ئانچە-مۈنچە ئەلنىڭ مەنىۋىي بايلىقى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر نىمە يوللاش  ئېسىگە كەلمەي شۇ قۇسۇر تىپىشلا ئىسىگە كىلەمدىغاندۇ ؟

   مەنچە قۇسۇر ئىزدىگىنى ياخشى ئىش . بىلىم بىلەن قىلىنغان قۇسۇر بولغىنى ياخشى ئىش . بىراق ...بولدىلا .

  دەيدىغىنىم ئەركىن ئاكا بىز سىزگە قاراپ قالدۇق . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 10:54 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش