شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار موسكۋادا «سودا» قىلىشقا باشلىدى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى www.erqal.com
مەنبە : ئاسىيا كىندىكى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 20-12-2014
رۇبلىنىڭ پاخاللىشىشى سەۋەبلىك، موسكۋادا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارمۇ دۇكانلاردا «مال تازىلاش» قا باشلىغان. شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى شاۋ خەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە دەرستىن چۈشۈپلا ھەشەمەتلىك بۇيۇم، گىرىم بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق باھاسى ناھايىتى ئەرزان بولۇپ كەتكەن ماللارنى سېتىۋالغىلى بارىدىكەن. شۇ جايدىكى ئىككى چوڭ سودا سارىيىدىكى ھەشەمەتلىك بۇيۇم ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى شياڭگاڭدىكى ئوخشاش خىلدىكى مەھسۇلات باھاسىنىڭ %70-%60 تىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر تالىشىپ سېتىۋالغان.
شىنجاڭدىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىغا نىسبەتەن، نۆۋەتتە بىر قەدەر ئېغىر زىيان تارتقىنى تاۋارلارنى رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىپ ساتىدىغان كارخانىلار بولغان، ئەمما شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە سودا قىلىدىغان تاشقى سودا كارخانىلىرى دوللار ئارقىلىق ھېسابات قىلىدىغان بولغاچقا بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلمىگەن. ئەمما يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، رۇبلىنىڭ پاخاللىشىشى خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، شىنجاڭنىڭ رۇسىيەگە بولغان ئېكسپورت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.
غەربى دىيار يېنىك سانائەت بازىسىدا چېگرا سودىسى قىلىدىغان سودىگەر ۋاڭ يوڭجۈننىڭ ئېيتىشىچە، رۇبلى پاخاللىشىپ كەتكەندىن كېيىن، چېگرا رايون مېھمانخانىسى ۋە غەربى دىيار يېنىك سانات بازىسى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ كىيىم-كېچەك، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە سائەت قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدىغان رۇسىيە سودىگەرلىرى ئازلاپ كەتكەن. گەرچە رۇبلىنىڭ پاخاللىشىشى جۇڭگونىڭ رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىشىغا پايدىلىق بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭدىكى تاشقى سودا كارخانىلىرى ئومۇميۈزلۈك يېڭىچە ئىمپورت سودا پۇرسىتى تاپالمىغان.
ئۇيغۇرچە خەۋەر مەنبەسى: http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1220/2753-40.html
ئانا تىلىمىزدىكى كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسىنىڭ ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپ دېتاللىرىنى ئەپ چۈشۈرۈش ئورنىدىن erqal دەپ ئىزدەش ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erqal-Media تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-20 11:52 AM
|