يېڭى يىلغا قالدى نەچچە كۈن
تۆتتاش
يېڭى يىلغا قالدى نەچچە كۈن،
دىمەك چېچىڭ يەنە ئاقىرار.
مەزمۇت دەسسەپ ماڭغان سەپىرىڭ،
ئۆتەڭ ئىزدەپ بەزەن ھالسىرار.
يېڭى يىلغا قالدى نەچچە كۈن،
تەغدىرىڭگە قۇشۇلار ھايات.
ھاردۇق يەتسە، گۈزەل كەچمىشىڭ،
تەمكىن بۇلۇپ بىرىدۇ قانات.
يېڭى يىلغا قالدى نەچچە كۈن،
سەن دادىغا ئالماشتىڭ مانا.
شوخلۇقلىرىڭ، كەپسىز ياشلىقىڭ،
ئەۋلادىڭغا قالىدۇ يانا.
يېڭى يىلغا قالدى نەچچە كۈن،
قېرىلىققا كەلدىڭ يېقىنلاپ.
توي شادلىقى ياكى مۇسىبەت،
تۇيغۇڭ ئارا كىلەر ئېقىنلاپ.
يېڭى يىلغا قالدى نەچچە كۈن،
گۈل يېشىڭغا قۇشۇلار بىر سان.
كالىندارنىڭ رەڭدار بېتىدە،
ھايات يەنە ئالار ئىمتاھان.
يېڭى يىلغا قالدى نەچچە كۈن،
بەلكىم ھاسا سىنىڭ سىردىشىڭ.
تەنھا ئايدەك نۇر چېچىپ تۈندە،
كۈمۈش چاچلىق بۇلۇر دىلكىشىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-20 12:02 PM