سېغىنمىدىم سىنى ئۇنچە بەك
سېغىنمىدىم سېنى ئۇنچە بەك ،
ھەر كۈن سېنى تۇرمىدىم ئويلاپ .
لىكىن سەندىن كۈتىمەن ئۇچۇر ،
مىنۇتتا بىر تېلفۇنغا قاراپ .
سېغىنمىدىم سېنى ئۇنچە بەك ،
سېنىڭ ئۈچۈن يازمىدىم بىرخەت .
لېكىن كۈنلەر ئۆتەر ئۇيقۇسىز ،
خىيال قۇشۇم سەندىلا پەقەت .
سېغىنمىدىم سېنى ئۇنچە بەك ،
قولۇم ئىشتىن قالمىدى توختاپ .
لېكىن شۇنچە ئادەم توپىدىن ،
بىرسى ساڭا قالمىدى ئوخشاپ .
سېغىنمىدىم سېنى ئۇنچە بەك ،
سورىمىدىم كېلىسەن قاچان .
لېكىن كۆزۈم يۇمۇلسا بىردەم ،
چۈشلىرىمدە بولىسەن ئايان .
دېيەلمەيمەن سېغىندىم سېنى ،
لېكىن ھەر كۈن تۇرىمەن ئەسلەپ .
بىلىپ قالغىن سەنمۇ ئىچىڭدە ،
سورىمىغىن سېغىندىڭمۇ دەپ .
سېغىنغاندا سېنى ئامىرىقىم ،
قېشىڭغىلا بارىمەن ئۇچۇپ .
مەن سېغىنغان ئاتەشلىك باغىرىڭ ،
مەن بارغۇچە قالمىسۇن سوۋۇپ .
يىراقلارغا سەپەر قىلدىڭ ئەزىزەم
يىراقلارغا سەپەر قىلدىڭ ئەزىزەم ،
تاشلاپ قويۇپ مېنى ئوتقا ، ھىجىرانغا .
تۇرۇپ قالدىم ئۆزەم يالغۇز شۇ يولدا ،
قىيالمىغاچ سەن قالدۇرغان ئىزلارغا .
شۇندىن بېرى يېپىلمىدى دەرىزەم ،
ھېدلىرىڭنى شامال ئېلىپ كىرسۇن دەپ .
مۇڭغا تولغان يالغۇز ھۇجىرا ئىچىدە ،
ياش تۆكىدۇ يۈرەكلىرىم ئىسەدەپ .
توپا چىراي بۇلۇت تولغان ئاسمانمۇ ،
قوياش ئەمەس بۇرۇنقىدەك يوپ-يورۇق .
سايرىلمايدۇ قۇشلار ئەمدى ۋىچىرلاپ ،
بولۇپ قالغاچ باغلار سۇسىز ، قۇپقۇرۇق .
تاپالمىدىم، نەگە قاچتى تولۇنئاي،
توسۇۋاپتۇ بۇلۇت ئۇنى مۆكتۈرۈپ .
قارىغىنە يۇلتۇزلارغا ئامىرىقىم ،
قويدىمۇ يا سېنى ئويغا چۆكتۈرۈپ .
دەرىزەڭدىن چۈشۈپ تۇرغان ئاي نۇرى ،
كىردىمۇ يا قۇچىغىڭغا تولغىنىپ .
كىرىپ قالسام ئەگەر سېنىڭ چۈشۈڭگە ،
كەتمە جېنىم شېرىن چۈشتىن ئويغىنىپ .
سېغىنغاندا تۇتۇپ بەرگىن يۈزۈڭنى ،
مەن تەرەپتىن ئۇچۇپ بارغان شامالغا .
قۇچىقىڭنى ئېچىۋەتكىن كەڭ يېيىپ ،
چۈش پەرىسى قېپ قالمىسۇن تالادا .
يۈرۈكۈمنى ئېلىۋىلىپ يوللۇق دەپ ،
يىراقلارغا سەپەر قىلدىڭ ئەزىزەم .
كۈن سانايدۇ يوللىرىڭدا كۆزلىرىم ،
سەن كەلگىچە يېپىلمايدۇ دەرىزەم .
مانا بۇ موھەببەت ، مانا بۇ سۆيگۈ
قەلەمدىن تۆكۈلگەن ئۇ –سىياھ ئەمەس ،
ئۇ –ئوتلۇق يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان قان .
ئۇ – قەلبىم تېگىدىن ئۇخچۇغان بۇلاق ،
ئۇ دېگەن لاۋۇلداپ تۇرغان چوغ ، گۈلخان .
ئۇ بىلەن يارالدىم ، ئۆسۈپ يېتىلدىم ،
ئۇ بىلەن قاتارغا كۈلۈپ قېتىلدىم .
ئۇ بولغاچ يۈرەكتە ئالەمچە تۇيغۇ ،
بىر غۇنچە ئىدىم مەن ، گۈل بوپ ئېچىلدىم .
ئاجايىپ كۈچلۈك ئۇ ، سىرلىق بىر تۇيغۇ ،
ئۇ بىلەن قەلبىمدە بېخ ئۇردى سۆيگۈ ،
تۇغۇلدۇم ئۇ بىلەن ، كېتىمەن بىللە ،
ئېچىلدى ئۇ ئەمدى توزىماس مەڭگۈ .
ئامىرىقىم مانا بۇ سۆيگۈ مۇھەببەت ،
تونۇدۇم ئۇنى مەن سەن بىلەن پەقەت .
تۇنجى رەت قەلبىمدە بېخ ئۇرغان سۆيگۈم ،
ساڭىلا مەنسۇپتۇر ، ئەبىدىل ئەبەت .
تۇتۇشۇپ قولغا قول ،يول ئالدۇق بىللە ،
بىر ئۇزۇن سەپەرگە ماڭدۇق يېتىلىشىپ .
تونۇشۇپ ، كۆيۈشۈپ يەنە كۆنۈشۈپ ،
ھارمىدۇق ئازاپنى بىللە تارتىشىپ .
كۆتۈردۇق تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى ،
قورقمىدۇق ۋاقىتلىق بوران چاپقۇندىن .
ۋايسىماي ئۆتكۈزدۇق قىيىن كۈنلەرنى ،
كۆڭۈللەر سۇ ئىچكەچ سۆيگۈ كۆلىدىن .
بىز ئەمەس بۇرۇنقى گۆدەك قىز يىگىت ،
بىز ئەمدى قوشماقنىڭ ئاتا –ئانىسى .
زىممىگە ئارتىلغان كۈتۈش كۈتۈلۈش ،
بىز بىر جۇپ قېرىنىڭ ئوماق بالىسى .
مانا بۇ مۇھەببەت ، مانا بۇ سۆيگۈ ،
قەلبىتىن قەلبىكە تۇتاشقان بىر يول .
ئەجىرمىز مېۋىسى پىشسۇن مەي باغلاپ ،
ماڭايلى داۋاملىق ئاجىرمىسۇن قول .
ھويلىدىكى كىچىك ئورۇندۇق
ھويلىدىكى كىچىك ئورۇندۇق ،
ئولتۇرىدۇ ئاق چاچلىق موماي .
تەسۋىي سېرىپ ئورۇق قولىدا ،
تىلەك تىلەپ ھارمايدۇ تىنماي .
ھويلىدىكى كىچىك ئورۇندۇق ،
موماي كۆزى بالا يولىدا .
ئاڭلانسىلا ئاياق تىۋىشى ،
تەسۋىي توختاپ قالار قولىدا .
كەلدى بۇلۇت يامغۇر شەپىسى ،
چىقتى قۇيۇن ، بوران گۈرۈلدەپ .
لېكىن موماي سەزمەيدۇ بۇنى ،
خىيالىدا بالا ئەركىلەپ .
قېلىن قارغا قالدى كۆمۈلۈپ ،
ھويلىدىكى كىچىك ئورۇندۇق .
كۆرۈنمەيدۇ ئاق چاچلىق موماي ،
ھاسسا تۇتقان بوۋايمۇ ھەم يوق .
ئورۇندۇققا تۇتاشقان يولدا ،
ئاڭلانمىدى ئاياق تىۋىشى .
لىكىن بىر جۇپ قەبىرە بېشىدا ،
تۆكۈلىدۇ پۇشايمان يېشى .
رەنجىمە كۆڭلۈم
كەچكۈزدىكى ئىزغىرىن شامال
سانجىسىمۇ نەشتەرلىرىنى .
يولنى توسۇپ زەھەرلىك يىلان ،
چاچسىمۇ گەر زەھەرلىرىنى .
قۇدۇق قىزىپ مىڭ بىر جاپادا ،
ئىچەي دىسەڭ كەۋسەرلىرىنى .
قاناپ كەتسە لىۋىڭ تاش تېگىپ ،
لىكىن ھەرگىز رەنجىمە كۆڭلۈم .
يولۇڭدىكى چېچىلغان تىكەن ،
كىرىپ كەتسە تاپانلىرىڭغا .
چۈشۈپ كەتسە ھەتتاكى چىۋىن ،
سىنىڭ ھالال تاماقلىرىڭغا .
ياش چىقمىسۇن كۆزۈڭدىن ھەرگىز ،
سىڭدۈرۋەتكىن چاناقلىرىڭغا .
بەرداشلىق بەر چىشىڭنى چىشلەپ ،
لىكىن ھەرگىز رەنجىمە كۆڭلۈم .
تالادىكى سوغۇق دەستىدىن ،
ئىسسىق ئۆيۈڭ قالسىمۇ مۇزلاپ .
تىتىرەپ تۇرغان ئاجىز تېنىڭنى ،
بىراۋ كېلىپ كەتسە قامچىلاپ .
ياش تۆكمىگىن دۈشمەن ئالدىدا ،
ئۆتۈپ كەتكىن ھەممىگە چىداپ .
يۈرەك باغىرىڭ زەرداپ بولسىمۇ ،
لىكىن ھەرگىز رەنجىمە كۆڭلۈم .
تومۇزدىكى تۇيۇقسىز جۇدۇن ،
ياپىرىقىڭنى قىلسىمۇ خازان .
ۋاقىتسىزلا كەلگەن دەرد ئەلەم ،
يۈرىكىڭگە بولسىمۇ خاقان .
توشماي تۇرسۇن سەۋر قاچىسى ،
قاينىغىچە مۇز سالغان قازان .
بىر يىغىنىڭ كۈلكىسى بىللە ،
شوڭا ھەرگىز رەنجىمە كۆڭلۈم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شېرىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-19 01:17 PM