19-دىكابىر خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1196 دوللار ئەتراپىدا، بۈگۈن ئەتىگەن ئاسىيا بازىرى باشلىنىپلا 1200 دوللارنىڭ ئاستىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ. تۈنۆگۈن ئالتۇن باھاسى تۈۋەن رايۇندىن ئۆسۈشكە ئېلىش بىلەن تېز سۈرئەتتە 1210 دوللارنىڭ ئۈستىگە چىقتى، لېكىن پۇتىننىڭ سۆزى ۋە خەلقارا نىفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ تېز سۈرئەتتە 1200 دوللارنىڭ ئاسىتغا قايتىپ كەلدى.
بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار بىرقەدەر ئاز، مەبلەق سالغۇچىلار گىرمانىيەنىڭ ئۇچۇرىغا دىققەت قىلسا بۇلىدۇ، گەرچە گىرمانىيەنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرى ياخشى چىقىۋاتقان بۇلسىمۇ، لېكىن ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە يېقىنلىشىۋاتقان كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتى مۆلچەرى ياۋرۇغا بىسىم ئېلىپ كەلمەكتە.گىرمانىيەنىڭ ئۇچۇرى ياۋرۇغا ياخشى تەسىر ئېلىپ كىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئالتۇنغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ يوق دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. تەھلىلگە قارىغاندا بۈگۈن بازار تېخنىكىلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە تەۋرىنىپ بازار تەڭشىلىشى مومكىن.
ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1207 دىن ئۆسۈشكە ئالىدىغان مالدا زىيان كۆرۈلدى.
بۈگۈنكى تەھلىل
1203 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1208، نىشان 1198~1193
1186 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1181،نىشان 1191~1196
1217 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1222، نىشان 1212~1207
1160 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1155،نىشان 1165~1170
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 239 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.18 يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .