تەجىربىلىك ئەزا
ساقلانغىنى بولمايدىغان بىرمۇقەررەرلىك قاسىم سىدىق مۇبادا ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە مەۋجۆت دەپ پەرەز قىلىش ئورۇنلۇق بولسىلا، بۇ ھالدا نىيوتۇنچە مۇتلەق ،جىم ۋە چەكسىز بولغان ھەقىقى بوشلۇقنى ئىتراپ قىلماي چارە يوق. ئىككىنجى قەدەمدە،ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەر ئۆزىدىن كۈچ ئۇزاتقۇچى زەررىچە قويۇپ بەرمەيدىغانلىغى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ تۆزۆلۆشكە ئىگە زەررىچىلەرنى شەكىللەندۆرىشى ئۈچۈن بۇ ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ ئۆزى سىتىخىيىلىك ھالدا ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ دىمەي چارە يوق. بۇنداق سىتىخىيىلىك ھەركەتنىڭ كونكىرىت سەۋەبى ئۆستىدە ئىزدىنىش، 29-41-تىئورمىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئاساسىدۇر.مەندىن باشقا ھەرقانداق بىر كىشىمۇ «ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە مەۋجۆت»دىگەن تەپەككۆرنىڭ مەنتىقى رىۋاجىدىن بۇ ئىككى تىئۇرمىغا ئىرىشەلەيدۇ.بۇنىڭدىن باشقا تاللاشمۇ يوق.بۇ بىر مۇقەررەرلىك. دېمەك، بۇ ئىككى تىئورمىغا ئالاقىدار بارلىق تالاش -تارتىشلارنىڭ تۆگۆنى «ھەقىقى مەنىدىكى قايتا پارچىلانمايدىغان ئاساسى زەرىچە بارمۇ -يوق؟»دىگەن مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشكەن.مۇشۇ نۇقتىدا نۇقتۇلۇق مۇھاكىمە -مۇنازىرە ئېلىپ بىرىش شەكىل نەزەريىسىنىڭ يۇقۇرقى ئىككى تىئورمىسىنىڭ ئۆردىكىنى ئۆردەك،غېزىنى غاز قىلىدىغان ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ تېجەشلىك يول.دىققىتىمىزنى دەل مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتۆرەيلى!. 2013.8.1 http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=8284 ماۋۇ ئوخشاشلىقلارغا قاراڭ
پاش قىلىش
ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .
مەستانە ئـــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ