مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 615|ئىنكاس: 19

مىنىڭ شېئىر يازغۇم بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111711
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 09:23:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‏‏قەلەم!
‏مىنىڭ شېئىر يازغۇم بار.
‏قەلبىمدىكىنى ساڭا تۆككۈم بار.
‏ نە ئىستەرمەن دۇنيادىن  
‏شۇنچىلىك ئاچچىق، زەرداپلىق دىل يارام بار.
‏دىلىم دىڭىز كەبى،
‏ئەمما ئۆركەشلىمەس.
‏ئاختۇرما!
‏قارماقمۇ سالما!
‏سەن ئىزدىگەن نە بېلىق نە سەدەپىم بار.
‏قاينايدۇ دېلىم،
‏يا تاشمايدۇ.
‏بولما ھەيران ئاڭا، مىنىڭ بۇنىڭغا نە ئىلاجىم بار.
‏ئاغرىدى دىل، بېلىقلىردىن ئايرىلغان دىڭىز دەك،
‏مەۋجۇتلىقىنىڭ قىممىتى قالمىغان،
‏خۇددى پۇراقسىز  
‏ ئەپىيۇن گۈلىدەك.
‏باشتا خۇمار قىلىپ ئارقىدىنلا،
‏جېنىنى ئىلىپ كىتىپ قالغاندەك.
‏روھمنى ئەسىر ئالغان
‏قەلبمنى قانغا بۇيغان
‏ئۇستا رەسسامدەك .
‏كەتتىڭ.....
‏ كىتىپ يولدىن ئازغان قارلىغاچ كەبى.
‏ھىسلىرىم ئىيتار:
‏مەڭگۈ قايتمايدۇ دەپ
‏2014-16 نويابىر
‏كۆل ئوغلى
(قاھىرە)



‏ دىلىم خۇددى قىش كىچىسىدەك

‏‏سەھرايى -دەشىتىلىردە قەلىبنىڭ،
‏ئېزىتقۇغا ئۇچۇرغان يۇلۇچى

‏چۆلدە بوستان نىمش قىلسۇن؟!
‏ئاڭلا!
‏باق!
‏بۇ يەردە بار ھارارەت، كۆيدۈرگۈچى.
‏قۇرغاق شۇنچە، ئازاپ شۇنچە.
‏تەشنالىقىڭغا ئامال قانچە.
‏تەپتىدە ھالسىرغان نەپەس،
‏يامغۇرغا ئىنتىزار شۇنچە.
‏كىتىپ قالغان باھار كەبى.
‏كىتىپ قالغان ..... كەبى.
‏كەتمەكچىمۇ سەن؟
‏ئۈلۈپ قالغان قارلىغاچ كەبى.
‏تەگمە!
‏غەم گۈللىرى ئېچىلىپ كەتمىسۇن.
‏ ئارتمىسۇن ھەم قايغۇ-غېمى.

‏‏‏دىلىم خۇددى قىش كىچىسىدەك،
‏قۇشلىرى يوق سايرايدىغان.  
‏باھار نىڭ بۇ يەردە ئۆلگىنى راست.
‏قارىما دەرىزىدىن! ئۇمۇ مۇز تۇتقان.
‏گۈللىرىمنى قۇرۇتۇپ چاي قىلغىنىڭدەك،
‏قارلىرىمدا مېڭىپ ھۇزۇر سۈرگىن.
‏ئىزدىمە بولدى ئۇ غەم پەسلىنى.
‏پۇرسەت بولسا ناۋادا ....
‏ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم كۈلگىن.
‏دەرۋازىسى تاقالدى دىلنىڭ،
‏ئەي بوران!
‏ئەمدى ئۇنىڭدا سەن ھۈكۈم سۈرگىن.

‏‏چەكمە بەس!! قىلما بىئارام.
‏قىش تۈنلىرى جانىمغا ئارام.
‏يامغۇرى يوق بولسىمۇ گەرچە،
‏قارلىرى بار لەپىلدەپ ياققان.
‏سۇلدى گۈللەر، مۇز بولدى دىمە.
‏ يوللۇرۇڭغا شۇنچلىك باققان.
‏كىچىكتىڭ بەكمۇ.....
‏ دىلنىڭ قارارى..خوش...
‏ئەزىزەم !كەچۈرگىن دىمە
‏پاتتى قۇياشى قانغا مىلىنىپ.
‏ئۈزۈلدى يۈرەك ، ئوقتا تىلىنىپ.
‏ئازاپلار ھەم قېتىپ قالدى.
‏ئۈشۈكلەردە قارغا كۆمۈلۈپ.

‏2014-14-نويابىر
‏كۆل ئوغلى
‏(قاھىرە)




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108911
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 567
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2014-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 11:58:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز باشىم قاتتى غەم بېلەن،
نە قىلۇرمەن دىلنى تەشۋىش قىلسا ئەسىر،
ئەلەملېرىم دىل خانەمگە سالسدى قەسىر،
قەلەم ! قېنى سەن، ئۈنۈم يەتمېدى…
مېنىڭ بەكمۇ شىئېر بازغۇم كەلدى…

كۆيۈپ كۈل بولغۇچە ئۆچمەيمەن....

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10095
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 12:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر دىلنىڭ ئۇزۇقى ،ئۇ چوڭقۇر ھېسلارغا تۇيۇنغان قەلىبنىڭ ئەڭ پاساھەتلىك تىلدا يېزىلغان بايانى،ياق  ئۇ دىگەن بىر خىتاب ئۇ دىگەن مەيلى شاھ ۋە گادايدا  بولسۇن ئوخشاشلا مەڭگۈلۈك جاراڭلايدىغان خىتاب ،دىلنىڭ تەشۋىشى مۇشۇنداق بايانلاردا ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدىغان ئاھۇ زارى بىلەن ئالەمگە تارايدۇ.شۇڭا شېئىر ھەممە ئادەم يازالايدىغان نەرسە ئەمەس.بەلكى ھەممە ئادەم يېزىشنى ئويلىشۋاتقان لىكىن  قانداق باشلاشنى بىلەلمەيۋاتقان بىر نەرسە .

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99445
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 02:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرىڭىزدىن زادى نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى ئېنىق ئايرىيالمىدىم. پىكىر بەكلا چېچىلاڭغۇ؟ ھېسىياتقا بېرىلىپ كېتىش بار. ئالدىراپ يازىماڭ، بەلكى نېمىنى يازىمەن ياكى قايسى پىكىرنى يورىتىمەن دېگەننى ئويلىشىڭ... ھاياجان ۋە ھېسىيات بىلەنلا شېئىر يازغىلى بولمايدۇ... ئاندىن ماۋزۇ بەكلا قوپال بولۇپ قالغان... «مېنىڭ شېئىر يازغۇم بار!» دېگەن ماۋزۇ شېئىرىي ماۋزۇ بولماي، جۈملە بولۇپ قالغان، بۇنى «شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ' دەپمۇ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ... پىكىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن...

جانان يۈزۈڭنى كۆرگىلى كەلدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111711
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 04:32:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوقان يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 02:29 PM
شېئىرىڭىزدىن زادى نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى ئېنىق ئايرى ...

پىكىر بەرگىنىڭىز رەھمەت، بەلىكىم ئىككىمىزنىڭ شېئىر ھەققىدىكى كۆزقارىشىدا  پەرىق بولسا كىرەك ، مەن ئەزەلدىن نىمىنى يېزىشىم كىرەك ،دەپ ئويلاپ باقمىدىم ، پەقەتلا نىمىنى يازماسلىقىم كىرەك ، دىگەننى ئويلايمەن، يەنى مەن  ئەقىدىدىن، ئەخلاقتىن، ئىسلامدىن چەتنىگەن ھەرقانداق نەرسە، ھەرقانداق ئوي ـ پىكىرنى يازمايمەن، بۇنىڭدىن ئاللاھ ساقلىسۇن،
مىنىڭ يازماقچى بولغان شېئىرغا ئاۋال ماۋزو، تىما بەلگىلىۋالدىغان ئادىتىممۇ يوق ، شۇئار توۋلاشقا تېخى خۇشام يوق ، شۇڭا ھىسياتقا بەكرەك ئەھمىيەت بىرمەن.
شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك ، مەن قەلەمگە خىتاپ قىلدى، مىنىڭ شېئىر يازغۇم بار، دەپ . ئەمىلىيەتتە بۇ خىتاپ قەلىمىگە ئەمەس مەننىڭ، مەنگە، خىتاپ قىلىشى بولدى، مانا مۇشۇنچىلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111711
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 04:32:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوقان يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 02:29 PM
شېئىرىڭىزدىن زادى نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى ئېنىق ئايرى ...

پىكىر بەرگىنىڭىز رەھمەت، بەلىكىم ئىككىمىزنىڭ شېئىر ھەققىدىكى كۆزقارىشىدا  پەرىق بولسا كىرەك ، مەن ئەزەلدىن نىمىنى يېزىشىم كىرەك ،دەپ ئويلاپ باقمىدىم ، پەقەتلا نىمىنى يازماسلىقىم كىرەك ، دىگەننى ئويلايمەن، يەنى مەن  ئەقىدىدىن، ئەخلاقتىن، ئىسلامدىن چەتنىگەن ھەرقانداق نەرسە، ھەرقانداق ئوي ـ پىكىرنى يازمايمەن، بۇنىڭدىن ئاللاھ ساقلىسۇن،
مىنىڭ يازماقچى بولغان شېئىرغا ئاۋال ماۋزو، تىما بەلگىلىۋالدىغان ئادىتىممۇ يوق ، شۇئار توۋلاشقا تېخى خۇشام يوق ، شۇڭا ھىسياتقا بەكرەك ئەھمىيەت بىرمەن.
شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك ، مەن قەلەمگە خىتاپ قىلدى، مىنىڭ شېئىر يازغۇم بار، دەپ . ئەمىلىيەتتە بۇ خىتاپ قەلىمىگە ئەمەس مەننىڭ، مەنگە، خىتاپ قىلىشى بولدى، مانا مۇشۇنچىلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111711
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 04:50:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوقان يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 02:29 PM
شېئىرىڭىزدىن زادى نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى ئېنىق ئايرى ...

پىكىر بەرگنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، ئاللاھ رازى بولسۇن ، قارىسام ئىككىمىزنىڭ شېئىر ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزدە پەرىق باركەن ، بۇنى تامامەن توغرا چۈشۈنۈشكە بۇلىدۇ ، ماڭا كەلسەك، مەن  شېئىر يېزىشتا ئەزەلدىن ئالدىن تىما،ياكى مەۋزۇ تالىۋالمايمەن ، ھەم ئۇنداق قىلىشنىمۇ تازا ياختۇرۇپ كەتمەيمەن ، مىنىڭ نەزىرىمدىكى شېئىر بىر دۆۋە شۇئار ياكى قاپىيە ئەمەس بەلكى دىلنىڭ ، قەلبنىڭ خىتابى، ھىسياتنىڭ ئەڭ گۈزەل شەكىلدىكى يازمىچىسى. مەن ئەزەلدىن نىمىنى يازىمەن دىگەننى ئويلاشمىدىم ، پەقەتلا نىمىنى يازمايمەن دىگەننى ئويلايمەن ، (ئەقىدىگە ، ئىسلام ئەخلاقىغا زىت بولغا يازمايمەن)
شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك . شېئىردا (مەن) ئاۋال قەلىمىگە خىتاپ قىلدى ، مىنىڭ شېئىر يازغۇم بار، دەپ ، ئارقىدىنلا قەلىمىگە ئىيتتى ، قەلبىمنى تاتلىما ، ئۇنىڭدا مۇنداق، مۇنداق نەرسىلەربار ،دەپ، بۇ ئەمىلىيەتتە مەننىڭ ،مەنگە سۆزلىشى بۇلۇپ مەخسەت قەلبىنى باشقا بىرىگە بىلدۈرۈش . مانا مۇشۇنداق.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111711
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆچمەس يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 11:58 AM
ئەزىز باشىم قاتتى غەم بېلەن،
نە قىلۇرمەن دىلنى تەشۋىش  ...

مىسرالىرىڭىزنى بەك ياختۇردۇم .
دىلىمنىڭ پار بولغىنىنى كىم بىلسۇن .
ئازاپتا غوسسە ئىچكىننى كىم بىلسۇن.
تولغۇنۇپ ئۆزۈمدەك يالغۇز كىچىدە،
پەرياتلىرمنىڭ تاشقىننى كىم بىلسۇن .
رەنجىمە قەلەم!
ئىككىمىزنىڭ قەدىناسلىقىنى كىم بىلسۇن.
ئازاپلارنى يازسام، تۈگەپ كەتسە.
بىر كۈلكەڭنى يازسام غەملەردىن خالاس ئەتسە.
ئىي قەلەم! قەلبىمنىڭ ئاۋازى سەن
ئىككىمىزنىڭ تۇتاشلىقىمىزنى كىم بىلسۇن.
قەلەم! يورغىلا قەلەم! مىنىڭ شېئىر يازغۇم بار.
قەلبىمنى تۈكۈپ، ھەسرەتلەرگە ئارام بەرگۈم بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111711
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:04:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆچمەس يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 11:58 AM
ئەزىز باشىم قاتتى غەم بېلەن،
نە قىلۇرمەن دىلنى تەشۋىش  ...

مىسرالىرىڭىزنى بەك ياختۇردۇم .
دىلىمنىڭ پار بولغىنىنى كىم بىلسۇن .
ئازاپتا غوسسە ئىچكىننى كىم بىلسۇن.
تولغۇنۇپ ئۆزۈمدەك يالغۇز كىچىدە،
پەرياتلىرمنىڭ تاشقىننى كىم بىلسۇن .
رەنجىمە قەلەم!
ئىككىمىزنىڭ قەدىناسلىقىنى كىم بىلسۇن.
ئازاپلارنى يازسام، تۈگەپ كەتسە.
بىر كۈلكەڭنى يازسام غەملەردىن خالاس ئەتسە.
ئىي قەلەم! قەلبىمنىڭ ئاۋازى سەن
ئىككىمىزنىڭ تۇتاشلىقىمىزنى كىم بىلسۇن.
قەلەم! يورغىلا قەلەم! مىنىڭ شېئىر يازغۇم بار.
قەلبىمنى تۈكۈپ، ھەسرەتلەرگە ئارام بەرگۈم بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111711
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:05:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turklan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 12:53 PM
شېئىر دىلنىڭ ئۇزۇقى ،ئۇ چوڭقۇر ھېسلارغا تۇيۇنغان قەلى ...

قوللايمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش