مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 977|ئىنكاس: 3

بىر مەخلوقنىڭ ھىكايىسى.تۈركلان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈركلان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10097
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 11:24:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                          بىر مەخلوقنىڭ ھىكايىسى.تۈركلان


      قاراڭغۇ ،زەي ئۆڭكۈر ئىچىدە شۇنچىلىك بەتبەشرە بىر مەخلۇق پۇتلىرىنى كېرىپ ئەتىگەنلىك ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى.ئۇخلىغىنىغا يەتتە كېچە -كۈندۈز بولغان بۇ مەخلۇق ئەمدى ھايات قېلىش ئۈچۈن ئولجا ئىزدىمىسە بولمايتتى.ئۇ چوڭقۇر ئۇھسىنىپ ئېغىر ھەم كېلەڭسىز بەدىنىنى ناھايتتى تەسلىكتە مىدىرىتىپ ئورنىدىن تۇردى.ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھۇرۇنلىقىدا ئۇتۇن دۆۋىلەپ قۇيمىغاچقا ئامالسىزلىقتىن ئالدىنقى قېتملىق ئولجىسىدىن ئىشىپ قالغان ،توپىلارغا مىلنىپ لايلار چاپلىشىپ كەتكەن سۈپۈرگە دەستىدەك بىر پارچە خام گۆشنى ئېلىپ مۈگدىگەن پېتى ئاستا-ئاستا يالماشقا باشلىدى.ئۇنىڭ دۇنياسى مۇشۇ زەي قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئىدى.تاشقىرقى دۇنيا بولسا ئادەم زاتى ئاياغ باسمايدىغان بىر كەڭ قارىغايلىق تاغ تىزمىسى.
      ئۇ كۆزلىرىنى بار كۈچى بىلەن ئۇۋلاپ ،ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ  دەلدەڭشىگىنىچە ئاستا-ئاستا تاشقىرىغا چىقتى.ئۇ ئەمدى ئولجا ئىزدىشى كېرەك بولمىسا ناھايتتى تىزلا ئاجىزلاپ ئۈزىنىڭ بەدىنىنىمۇ سۆرىيەلمىگىدەك ھالەتكە كىلىپ قالاتتى.
     ئۇ بۇ ئەتراپتا ئىزدىگۈدەك ئولجىنىڭ يوقلىقىنى بىلەتتى .ئۇ بۇ بىر نەچچە يىللار مابەينىدە جىلغىلاردىكى بۆرە، يولۋاس ،توشقان ،بېلىق،جەرەن ۋە ھەتتا ئاندا ساندا كىلىپ تۇرىدىغان ئوۋچىلارنىمۇ بىربىرلەپ ئوۋلاپ تۈگىتىپ بولغانىدى.لىكىن ئۇ شۇنداقتىمۇ ئۈزىگە ئىشنىپ ئوۋ ئىزدەش ئۈچۈن ئاتلىنىپ باقماقنى كۆزلەپ ،تاغ باغرىغا قاراپ جلغا بويلاپ يۈرۈپ كەتتى.ئۇنىڭغا تۇنۇش يوللار ،ئېقىنلار بىر بىرلەپ ئازلاپ ئاخىرى ئۇ ئەزەلدىن كىلىپ باقمىغان بىر تاقىر سايلىققا يىتىپ كەلدى.ئۇنىڭ نېرىسىدا سۇسىزلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن قۇيۇق بىر ئورمانلىق تۇراتتى.ئۇ ئۈزىنىڭ كۈچلۈك پۇراش سىزىمى ۋە قورقۇنۇچلۇق ئۈچ تال كۈزى  بىلەن  ئەتراپنى كۆزىتىشكە باشلىدى.
       خېلى ئۇزۇن جىمجىپ ئولتۇرۇپ ھىچنىمىگە ئىرىشەلمىگەن مەخلۇقنىڭ  ئىچى پۇشۇشقا باشلىدى.قارىداپ كەتكەن دولىسىنى ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشىدىغان قاسماق قوللىرى بىلەن كۈچۈپ قاشلاپ قويۇپ ،كېلەڭسىز بەدىنىنى قورۇلۇپ كەتكەن ئاق تىكەننىڭ ئۈستىگە تاشلىدى.ئۇ پارلاۋاتقان قوياشنى كۆزگە ئىلمايۋاتقاندەك چىرايىدا قوياش نۇرىدىن بەھىرلىنىشتىن كىلىپ چىقىدىغان ھىچقانداق بىر لەززەتنىڭ ئىپادىسى كۈرۈنمەيتتى.ئۇ شۇ ياتقىنىچە ئۈزى ھەققىدە (ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان تىما ھەققىدە)چوڭقۇر خىياللارغا پېتىپ كەتتى.ئۇ تا ھازىرغىچە ئۈزىنىڭ قانداق بۇلۇپ ئاشۇ جىلغىغا كىلىپ قالغىنىنى ھەم ئۈزىنىڭ نىمە مەقسەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.ئۇنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت بىرلا ئۇ  بولسىمۇ قورسىقى ئاچقاندا ئولجا ئىزدەش.
     ئۇنىڭ دىمىقىغا بىر نەس باسقان جانلىقنىڭ ھىدى پۇرالدىمۇ ئەيتاۋۇر خىيالىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ پۇراق چىققان تەرەپكە نەزەر تاشلىدى.ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ھەر قانداق ئولجىنى يىراقلاردىن كۆرەلەيتتى.ئۇنىڭ سىزىمى ھەقىقەتەن توغرا چىققان بۇلۇپ ،يىراقتىن بىر نەچچە بوغىلار كۈرۈنۈپ تۇراتتى.ئۇلارمۇ خوددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك بەخىرامان يۈگرىشىپ تۇرەتتى.مەخلۇق پەيت كۈتتى-دە ،قەددىنى روسلاپ بوغا توپى تەرەپكە ئوقتەك ئېتىلدى.ئۇ يۈگۈرەتتى،خوددى بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىدىكىدەك ئولجىسىغا چاقماق تىزلىكىدە ھۇجۇم قىلدى.بوغا توپى ئۈزىگە كىلىۋاتقان ئاپەتنى بايقاشتىن بۇرۇن ئاپەت ئۇلارغا خېلىلا يېقىنلاپ قېلىۋاتاتتى.بۇ مەخلۇقنىڭ ئوۋ قىلىش تاكتىكسى.ئۇ بۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى.ئۇ ئەنە شۇنداق قانلىرىنى قىززىتىپ قەدەملىرىنى  تېخىمۇ تىزلەتتى........
       قاتتىق ئازابتىن چىرقىراپ چىققان مەخلۇقنىڭ ئاۋازى باشتىلا قورقۇپ تۇرىۋاتقان بوغىلارنى تىخىمۇ تىز،تېخىمۇ بەدەر يۈگرىتتى.ئۇلار ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ئوۋچىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئىككى تاغنىڭ نېرىسىدىكى ئىشلار ئىدى.
      رەتلىك تىزىلغان قاتار -قاتار قوزۇقلار ئىچىدە مەخلۇق ئاخىرقى نەپىسىنى چىقىرىپ ئازابلىق چىرقىرىدى.ئۇ چىرايلىققىنا كۈمۈلگەن بۇ ئازگالنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز  پەيدا بۇلۇپ قېلىشىنى ،ئازگال ئىچىدە ئۈزىنى كۈتۈپ تۈرىۋاتقان ئۇچلۇق قۇزۇقلارنىڭ  بارلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانىدى.خوددى ئۇ بۇرۇندىنلا ئەزەلدىن ئۈزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى نەگە بارىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغاندەك .

                                                  مەنبە:تۈركلان
                                        شىخەنزە مىدىتسىنا ئىنىستىتوتى
                                            2014-12-18  



مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 01:16:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83379
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:43:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83379
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 05:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش