|
|
|
|
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدكى مۇنبەرداش قىرىنداشلىرىم ياخشىمۇ سىلەر پىقىر شارۇلدىن سىزلەرگە ئوتلۇق سالاملار بولسۇن ئالدىنقى كۇنلەردە كۆپ ساندىكى قىرىنداشلىرىم سىزنىڭ ئەزالىقىڭز تاقىلىپ قاپتۇ بىرە ئىشلار بولمىغاندۇ دەپ ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ شۇنداق مەندىن ئەنسرگەن قىرىداشلىرمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ئازاراق ئىشلار يۇزبىرىپ ئەزالىقىم تاقىلىپ قالغانلىقى راس لىكىن ماڭا يىچقانداق ئىش بولمىدى ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك مەن ئالدىنقى ئايدا كوت كوت پارۇلى ئۇنتۇلۇپ قالغاندا قانداق ئەسلىگە كىلتۇرۇش تۇغۇرسىدا تىما يولىغان ئىدىم كۆپ ساندىكى قىرىنداشلىرىم ئۇندىدارنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغاندا قانداق ئەسلىگە كەلتۇرۇش توغۇرسىدا مەسلەت سوراپ تىلفۇن قىپتىكە مەن بۇ مەزمۇننى تەييارلاپ بولغۇچە بىلىملەر مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى زورو ئەپەندىن بۇ تىمىنى بىلىملەر مۇنبىرىدا يوللاپ بوپتۇ بۇگۇن بۇنى كۆرۇپ تىخمۇ كۆپ قىرىنداشلىرىمنىڭ ھۆزۇرىغا سۇنۇش مەخستىدە مىسرانىمغا ئىلىپ كەلدىم بۇ تىمنىڭ ئەسلى مەنبەسى بىلىملەر تورى ئەسلى يوللۇغۇچىسى زورو ئەمسە تىمىنى يوللاپ كىتەي
تورغا چىقىش جەرياندا تۈرلۈك پاراڭلىشىش قوراللىرى ۋە بىكەتلەرگە ئەزا بولۇپ، پارولنىڭ كۆپلىكىدىن ئاسانلا پارولىمىزنى ئۇنتۇلۇپ قالىمىز. ئۈندىدار ھېسابات پارولىمىزنى ئۇنتۇلۇپ قالغاندا، ئۈندىدار ھېساباتىمىزغا باغلىغان تېلفۇن نومىرى ئارقىلىق ياكى QQ نومىرى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز. ئەگەر ئۈندىدار ھېساباتىمىزغا تېلفۇن ۋە QQ مۇ باغلىمىغان بولساق ئۇنداقتا ئىلخەت ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. يوقىرىدا مەن مۇشۇ ئۇسۇللارنىڭ ئەمىلىي مەشخۇلاتىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى:
. ئاۋال ئۈندىدارنى QQ ئارقىلىق ئاچىمىز، ئاچقاندىن كىيىن ئوڭ ئۈستى بۈرجىكىدىكى ئۈچ چىكىتنى بېسىپ تەڭشەك رايۇنىغا كىرىمىز.
تەڭشەك بېتىدىن ئۈستىدىكى مېنىڭ ھېساباتىمنى چىكىمىز.
. مېنىڭ ھېساباتىم بېتىدىن ئاستىدىكى ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزىنى ئاچىمىز.
. ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزىدىن ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزىگە كىرىشنى چىكىمىز.
. ئاندىن ئېچىلغان بەتتىن پارولنى قايتا بەلگىلەشنى چىكىمىز.
. بۇ چاغدا بىز ئىككى خىل ئۇسۇلنى كۆرەلەيمىز. بىرىنجىسى، تېلفۇن نومىرى ئارقىلىق پارولنى قايتا بەلگىلەش؛ ئىككىنچىسى، ئىلخەت ئارقىلىق پارولنى قايتا بەلگىلەش.( بۇ دەرسلىكىمىزدە بىز تېلفۇن ئارقىلىق قايتا بەلگىلەشنى سۆزلەيمىز )
. ئېچىلغان كۆزنەككە تېلفۇن نومىرىمىزنى يېزىپ كىيىنكى قەدەمنى باسىمىز.
. بۇ چاغدا يانفۇنىمىزغا بىر پارچە ئۇچۇر كېلىدۇ، ئەگەر ئۇچۇر كەلگەن بولسا كىيىنكى بەتتىكى مەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم دىگەننى باسىمىز.
. ئېچىلغان كۆزنەككە ئىككى قېتىم يېڭى پارولنى يازىمىز، ئاستىدىكى تەستىق كودىغا يانفۇنىمىزغا كەلگەن تەستىق كودىنى يازىمىز. ئاندىن جەزىملەيمىز.
. شۇنداق قىلىپ ئىشلار تامام بولدى، باشقا بىلمەي قالغان جايلار بولسا داۋاملىق ئاستىغا ئىنكاس يازساڭلار بولىدۇ.
بۇ تىمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: بىلىملەر تورى http://bilimlar.com
تەر تۆككۇچى :زورو (zoro)
مىسرانىم تورىغا تارقاتقۇچى :شارۇل(xarul)
|
|
|
|
|
|