مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 303|ئىنكاس: 9

سەھرايى: قار يېغىپ.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 10:41:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەلەم مامۇت سەھرايى

قار يېغىپ


كېيدى زېمىن ئاق لىباس، بولدى زىننەت قار يېغىپ،
ئېتىز- ئېرىق قىرلاردىن كۆچتى مىھنەت قار يېغىپ،
كونا چاپان، مەش- ئۇچاق تاپتى قىممەت قار يېغىپ،
چارۋا- چۇپان دېھقانغا كەلدى ئامەت قار يېغىپ....

قارغا ئوخشاش دېھقاننىڭ قەلبى تولدى ئاقلىققا،
قار ھوسۇلدىن بىشارەت، تاغار تولار ئاشلىققا،
بەرسە ئەگەر ئىگىسى تەلمۈرمەيدۇ باشلىققا،
ساددا، ئىشچان دېھقانغا كەلدى ئامەت قار يېغىپ.


ئوتۇن پالتا بىسىدا ئىڭرار ھامان تولغۇنۇپ،
كۆيۈپ ئاخىر كۈل بولۇر كۆيسىمۇ ئوت ئۇلغۇيۇپ،
يېرىم كېچە، سوغۇقتىن كەتتى بۇۋاي ھۆتۈلۈپ،
كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدىن يۈتتى راھەت قار يېغىپ.


بېلىق كەبى سەتەڭلەر قارغا كىرىپ كەتتىمۇ،
يېرىم يالىڭاچ يۈرەلمەي قەلبى ئازاب- دەرتتىمۇ،
كۆرۈنمەيدۇ كوچىدا يا ھارغىنلىق يەتتىمۇ،
قىز- ئاياللار شەنىگە بولدى ئاپەت قار يېغىپ.

قۇتۇلاركەن كۆزلەرمۇ كۆرمەي ئۇچۇق ئەۋرەتنى،
قۇلاقلارمۇ تىنجاركەن ئاڭلىماي شۇم غەيۋەتنى،
كەتكۈزەركەن كۆڭۈلدىن ئەيشى- ئىشرەت، شەھۋەتنى،
بولسا ھاۋا جۇدۇنلۇق، تۇرسا پەقەت قار يېغىپ!..


مەنبە: ئۆز قەلىمىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 11:41:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز...    قار بىلەن كۆپ تەرەپلەر جايىدا ئەكىس ئىتىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 02:15:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 11:41 AM
ياخشى يېزىپسىز...    قار بىلەن كۆپ تەرەپلەر جايىدا ئەكىس  ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 997
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3753
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 02:20:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



        قۇت بولسۇن! ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109886
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2014-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 02:37:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېلىق كەبى سەتەڭلەر قارغا كىرىپ كەتتىمۇ،
يېرىم يالىڭاچ يۈرەلمەي قەلبى ئازاب- دەرتتىمۇ،
كۆرۈنمەيدۇ كوچىدا يا ھارغىنلىق يەتتىمۇ،
قىز- ئاياللار شەنىگە بولدى ئاپەت قار يېغىپ.

مۇشۇ  كۈبلىت شىئىرنى ئۇقىغان قىزلا قان قۇسۈپ ئۆلۈپ  قالسا  قانداق  قىلامىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74073
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4755
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 02:49:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەللىدە قاچان ياغا بۇ  قا.....

نەۋباھار ياپرىقىڭ سارغايدى-سولدى،
قويما قازىنىڭنى، ئوتىمىزسۇندى.
بارغىن سەن ئالدىغا، تەلەپكار بولسا،
نازلانغىن ئەركىلەپ، خېرىدار ئولسا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5026
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 08:18:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azizyaxa يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 02:37 PM
بېلىق كەبى سەتەڭلەر قارغا كىرىپ كەتتىمۇ،
يېرىم يالىڭا ...

ئۇنداق قىزلارنىڭ بۇ يەرگە كىرىپ بۇ شېئىرنى ئوقۇغۇدەك ۋاقتى يوق بۇلىشى مۇمكىن ، يەنە كىلىپ كۆرسىمۇ قان قۇسۇپ ئۆلۈپ قالماسلىقى مۇمكىن . چۈنكى ئۇلاردا نۇمۇس دېگەن ئۇقۇم بولمىسا كېرەك .
ئەمما ئاشۇنداقلارغا يولۇققان ئەركەكلەر ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماي ، شۇ تار كوچىدىن  ئۇلارنى قۇتقۇزۋالغان بولسا بەلكىم قار ياغمىسىمۇ كوچىلاردا ئۇنداق قىزلار ئازلاپ قالار بولغۇيتىمىكىن .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5026
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 08:22:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن سىزگە سەھرايى ئەپەندىم ، كىشىنى ئويغا سالغىدەك شېئىردىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز . ياقتۇردۇم .
ئالەم ئاپپاق قاردىن لىباس كېيىپ پاكلىق ئۈچۈن بىزگە بىشارەت بېرىۋاتقان يەردە ، بىزلەرمۇ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلاپ گۈزەللىك ھەم پاكلىقىمىز ئۈچۈن تېرىشىپ باقمامدۇق .

نەدە كۆردۈم مۇشۇ قارنىڭ نالىسى توغرۇلۇق بىر ئەسەرنى . شۇ ئاپپاق قارنىمۇ چەيلەۋاتقان يەنىلا شۇ بىز ئىنسان ئاتلىق مەخلۇقلار !!

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6052
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 09:31:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى يېزىپسىز… ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم … شىمال تەرەپتە قار ياغسىغۇ ، پۈتۈن يەر جاھان پاكلىنىدۇ ، جەنۇبتا ياغسا ، ئۇتتۇر ياغقان قار ئۇتتۇرلۇق ئېرىپ كېتىپ ، قارنىڭ ئاقلىقىدىن ، جاھاننىڭ پاكلىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانماقمۇ بىر تەس ، ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدىن تامچە ئۆتۈشىمۇ با تېخى …

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 12:29:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muzmuz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 09:31 PM
ھەجەپ ياخشى يېزىپسىز… ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم … شىمال تەرەپت ...

شۇنداق، راست دەيسىز!

جەنۇپ تەەرەپتە سىز دېگەندەك ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ!..
رەھمەت!....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش